ساماۋار شورپىسى ئىچكەندە تۆۋەندىكى بىرقانچە نۇقتىغا دىققەت قىلىڭ

1.ساماۋار شورپىسىنى بەك ئاچچىق قىلىپ تەڭشىمەسلىك كېرەك. كىشىلەر ساماۋەر شورپىسىنى ئاچچىق قىلىپ تەڭشەپ ئىچكەندە بەدەندىن تەر چىقىپ، يېنىكلەپ قالغاندەك ھېس قىلىدۇ، دەپ قارايدۇ. بۇ قاراش خاتا. چۈنكى تېبابەتتە بەك ئاچچىق غىزالانماسلىق تەكىتلىنىدۇ. ئاچچىق تەم ئالدى بىلەن ئادەمنىڭ قىزىل ئۆڭگىچىگە، ئاندىن ئاشقازان، ئۈچەي قاتارلىق ئەزالارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئاچچىق تەم ئادەمنىڭ ئاشقازان، ئۈچىيىگە كىرگەندىن كېيىن كۈچلۈك غىدىقلاش پەيدا قىلىدۇ، ئاشقازاننىڭ كىسلاتالىقى ئېشىپ، قورساقنى كۆتۈرىدۇ. ئۇندىن باشقا قىزىل ئۆڭگەچ، ئاشقازان ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھەزىم قىلىش ئەزالىرى ساغلام بولمىغان كىشىلەردە تەبىئىيلا ئىچى سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.


2.ساماۋار شورپىسىغا سالغان يېمەكلىكلەرنى بەك قىزىق يېمەڭ. نۇرغۇن كىشى ساماۋار شورپىسىدىكى يېمەكلىكلەرنى قىزىق يېگەندە، بەدەن تەرلەپ ئادەم ئۆزىنى يېنىكلەپ قالغاندەك سېزىدۇ، دەپ قارايدۇ. تېببىي مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ئادەمنىڭ ئېغىز بوشلۇقى، قىزىل ئۆڭگىچى، ئاشقازىنى 50 سېلسىيە گىرادۇسلۇق قىزىققىلا بەرداشلىق بېرەلەيدىكەن، ئەمما ساماۋار شورپىسىنىڭ قايناۋاتقان چاغدىكى تېمپېراتۇرىسى 120 گىرادۇسقا يەتكەچكە، قىزىق يېمەكلىك ئادەمنىڭ ئېغىز بوشلۇقى، تىل، كاناي، قىزىلئۆڭگەچ،ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى زەخىمگە ئۇچرىتىدۇ.


3.ساماۋار شورپىسىغا سالغان يېمەكلىكلەرنى يېرىم پىششىق ھالەتتە يېمەڭ. ياشلار ساماۋار شورپىسى ئىچكەندە قوي، كالا، بېلىق گۆشلىرىنى چالا پىشۇرۇپ يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇنداق قىلىش سالامەتلىككە زىيانلىق. چۈنكى چالا پىشقان گۆشنى يېگەندە ھەزىم قىلىش تەسرەك بولۇپلا قالماي يەنە گۆش تەركىبىدە نۇرغۇن مىكروب ۋە پارازىت قۇرۇت تۇخۇمى بولىدۇ، ئۇلار يېمەكلىك بىلەن ئادەم بەدىنىگە كىرگەندە تۈرلۈك كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ.


4.نۇرغۇن كىشى ساماۋار شورپىسىغا ھەر خىل گۆش، بۆدۈنە تۇخۇمى، يېڭى كۆكتات سېلىنىپ قاينىتىلغاچقا، شورپىسىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى دەپ قاراپ، شورپىنى قالدۇرماي ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ. يېمەكلىك مۇتەخەسسىسلىرى : ساماۋار شورپىسىنىڭ تەم خۇرۇچى ئاساسەن قوي، كالا يېغى شۇنداقلا مۇچ، قارىمۇچ، كاۋاۋىچىن قاتارلىقلاردىن تەييارلىنىدىغان بولغاچقا، شورپىنى كۆپ ئىچىۋەتكەندە قان قويۇق، يۇقىرى قان بېسىمى،ئۆتتە تاش پەيدا بولۇش، ئون ئىككى بارماق ئۈچەي ياللۇغى، ئېغىز بوشلۇقى ياللۇغى، دانىخورەك ئۆرلەش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ساماۋار قازىنى (كورىسى)نى ئۇزاق ۋاقىت ئىشلىتىپ، ئالماشتۇرمىغاندا ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ماددىلار بىلەن يېمەكلىك تەركىبىدىكى ماددىلار رېئاكسىيەلىشىپ، بەدەنگە زىيانلىق ماددىلارنى پەيدا قىلىدۇ،دەپ قارايدۇ. گۆش، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى تەركىبىدىكى بۇلىن قاتارلىق ماددىلار ساماۋەر شورپىسىدا ئېرىپ، كۆپ مىقداردىكى نىترات ھاسىل قىلىپ، ئادەمنىڭ بۆرەك ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ، رېماتىزم كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا ساماۋەر شورپىسىنى ئەڭ ياخشىسى كۆپ ئىچمەسلىك كېرەك.


5.ساماۋار شورپىسىغا سالغان يېمەكلىكلەرنى بەك ئۇزاق قايناتماسلىق كېرەك. تۈرلۈك يېمەكلىكلەر بىر قازاندا 90 مىنۇتتىن ئۇزاق ۋاقىت قاينىغاندا، شورپا تەركىبىدىكى نىترىتلارنىڭ مىقدارى ئېشىپ كېتىدۇ، ئۇ يېمەكلىك بىلەن ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن نىترو زامىن پەيدا قىلىدۇ. نىترو زامىن راك پەيدا قىلغۇچى ماددا بولۇپ، ئادەم بەدىنىدە يەللىك بوغۇم ئاغرىقى، ئۆسمە قاتارلىق نۇرغۇن كېسەللەرنى پەيدا قىلىدۇ. ساماۋار شورپىسىغا پىچەكگۈلى (شەنياۋ) قاتارلىق يېڭى كۆكتاتلارنى سېلىپ يېگەن ئەڭ پايدىلىق. بېلىق گۆشى كۇمىلىچى قاتارلىق پىششىقلاپ ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەرنى شورپىغا ئارىلاشتۇرماسلىق، قويۇلۇپ كەتكەن ساماۋار شورپىسىغا چۆپ سالماسلىق كېرەك. چۈنكى چۆپ ساماۋار شورپىسىدا سەل ئۇزاقتا پىشىدۇ، بۇ جەرياندا چۆپ شورپىدىكى زىيانلىق ماددىلارنى ئاسانلا سۈمۈرۈۋالىدۇ – دە سالامەتلىككە تەسىرى بولىدۇ.


6.ئېشىپ قالغان ساماۋار شورپىسىنى ئەتىسى يەنە ئىچىشكە بولمايدۇ.قىسمەن كىشىلەر تۆكۈۋېتىش ئىسراپچىلىق دەپ قاراپ، ئەتىسى قايتا ئىسسىتىپ ئىچىدۇ. بۇنداق قىلىش سالامەتلىككە زىيانلىق. چۈنكى ساماۋار قازىنىدا بولۇپمۇ مىس قازاندا بىر كېچە تۇرغان شورپا تەركىبىدىكى ھەر خىل نىتراتلار شۇنداقلا زەھەرلىك مىس ئوكسىد سالامەتلىككە ناھايىتى زىيانلىق.



خەتكۈچلەر:
17-06-2014
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: تەڭرىتاغ تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
29-04-2016
   شىنجاڭ تورى خەۋىرى: ئۈرۈمچىدە ئالمىنىڭ باھاسى ئۈچ يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن باھاغا چۈشتى. ئالمىنىڭ ھەر كىلوگىرامىنىڭ پارچە سېتىلىش ئوتتۇرىچە باھاسى ئالتە يۈەن، توپ سېتىلىش ئوتتۇرىچە باھاسى تۆت يۈەن بولدى. 28-ئاپرېل مۇخبىر...
29-04-2016
    ھەممىمىزگە مەلۇمكى، ئادەتتىكى ئادەملەر 80 ياشقىچە ياشىيالىسا ئۇزاق ئۆمۈر كۆرەلىگەنگە ھېساب. لېكىن، تەبىئەت دۇنياسىدا ھەر قانداق ئىش يۈز بېرىشى مۇمكىن، ئىنسانلاردىن خېلىلا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەلەيدىغان ھايۋاناتلاردىن زاد...
28-04-2016
     يېقىندا بىر تۈركۈم ئېغىرلىقى 200 توننا كېلىدىغان سانائەتكە ئىشلىتىلىدىغان كېرەكسىز يېمەكلىك ماي شيامېندىن بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشتىن لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن گوللاندىيەگە يۆتكەلدى، بۇ شۇ مەھسۇلاتنىڭ تۇنجى قېتىم ياۋ...
28-04-2016
     ھىندىستان «ئىقتىساد دەۋرى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ھىندىستان جۇڭگودىن كالا سۈتى، سۈت مەھسۇلاتلىرى ھەمدە قىسمەن يان تېلېفون ۋە باشقا بىر قىسىم تاۋارلارنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلىگەن، بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب ھىند...
28-04-2016
     4-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن بۇ يىل 10-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭ قاتناش لىنىيەسى، ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىدىكى يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمىتى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرىدىغان بولۇپ، كىنىشكىسىز تىج...
28-04-2016
    خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز غەيرەت جاسارەت، نامەتجان يۈسۈپ خەۋەر قىلىدۇ) كەلپىن ناھىيەلىك «مۇقەددەس بۇلاق» ئوقەتچىلىك ساغلاملىق بۇيۇملىرى چەكلىك ش...
28-04-2016
    بىر بېلىق دۇكىنى 27-ئاپرېل چاڭچۈن شەھىرى لىنخې كوچىسى بىلەن دۇڭنەن كۆلى چوڭ يولىنىڭ كېسىشمە ئېغىزىدا ئاشخانىسىنىڭ سىرتقى تېمىغا پۈتۈنلەي بېلىق ئېسىپ بېزەۋاتىدۇ. ئاشخانا مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئاشخانىنىڭ سىرتقى تېمى ...
28-04-2016
    شىياڭگاڭ ئىقتىساد گېزىتىنىڭ 27- ئاپرېل خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، دۇنيادىكى ھەر قايسى ئەل خەلقلىرىنىڭ ساياھەت زۆرۈر لازىمەتلىكلىرىدە ناھايىتى چوڭ پەرق مەۋجۇت ئىكەن. ئىسپانىيە ساياھەت تور بېكىتىنىڭ ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈش دو...
27-04-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى، ھىندونېزىيە ئاسېخ ئۆلكىسى (Aceh)، شۇ كۈنى ئاسېخ ئۆلكىسىدىكى ساقچى تەرەپ چېگرىدىن قانۇنسىز كىرگۈزۈلگەن 7.9 توننا پىيازغا ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈۋەتكەن. ئىگىلىنىشىچە، مەلۇم ئەتكەسچى بۇ ...
27-04-2016
    رۇسىيە ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى كارانتىن قىلىش ۋە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ دېيىشىچە، 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 4-ئاينىڭ 22-كۈنىگىچە رۇسىيەنىڭ دانلىق زىئارەت ھەمدە ياسالما مەھسۇلاتلارنىڭ ئېكسپورت مىقدارى 10 مىليون 1...
Powered by Leglek