روسىيە «سودىگەرلەر گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا 2015-يىلى روسىيە تور جىنايىتى سەۋەبلىك 1 مىليارد دوللار زىيان تارتقان.
روسىيە فېدېراتسىيە زاپاس بانكىسىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن بانكا باشلىقى خاشىسنىڭ بىلدۈرىشىچە، 2015-يىلى تور جىنايىتى روسىيەنى 1 مىليارد زىيان تارتقۇزغان. بىر ۋاقىتتا ئۇ يەنە بىرقانچە ئاساسلىق تور تەھدىتى مەسىلەن دۆلەت ئورگىنىغا بولغان يوشۇرۇن تەھدىت، قارا مېھمانلارنىڭ تەھدىتى ۋە تېرورىزىمنىڭ تەھدىتى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىپ ئۆتتى.
خاشىسنىڭ قارىشىچە، دۆلەت تېخى تور جىنايىتىنڭ تەھدىت دەرىجىسىنى بېكىتمىگەن، ھازىرچە جازالاش يېتەرلىك ئەمەس ئىكەن. ئۇ يەنە كىشىلەرنى بۇ جىنايەتچىلەرنىڭ قىلتىقىغا چۈشۈپ كەتمەسلىك ئۈچۈن تەربىيلەش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
بۇنىڭدىن باشقا كاسپېرسكىي تەجرىبىخانىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۆتكەن تۆت يىلدا روسىيە تور جىنايەتچىلىرى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ئوغرىلىغان پۇل 790 مىليون دوللارغا يەتكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved