ئامېرىكىدا جۇمھۇرىيەتچىلەر ۋە دېموكراتلار پارتىيەلىرى 2016-يىللىق زۇڭتۇڭ سايلىمى تەييارلىقىنى باشلىۋەتتى

ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ كېيىنكى نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن ئاساسلىق رىقابەتچىنىڭ بىرى جېب بۇش 15-ئىيۇن مىئامىدا سايلامغا قاتنىشىش قارارىنى جاكارلاپ، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىكى سايلامغا قاتنىشىشنى جاكارلىغان 11-كىشى بولدى. جامائەتچىلىك: جېب بۇشنىڭ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتلىرى ئىچىدە باشلامچى شەخسكە ئايلىنىشىدىن ئۈمىد بار، دېدى.
جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن شۇنچىۋالا كۆپ ئادەمنىڭ سايلامغا قاتنىشىدىغانلىقىنى جاكارلىغىنىغا ئوخشىمايدىغىنى، دېموكراتلار پارتىيەسىدىن ھازىرچە سابىق دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ھىلارى كىلىنتونلا سايلامغا قاتنىشىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. شۇڭا ھىلارى كىلىنتون بىلەن جېب بۇش كىشىلەر ئەڭ دىققەت قىلىدىغان قىزىق شەخسلەرگە ئايلىنىدۇ.
جېب بۇش بۇ يىل 62 ياشتا، ئۇ پېشقەدەم زۇڭتۇڭ چوڭ بۇشنىڭ ئىككىنچى ئوغلى، جورجى بۇش، يەنى كىچىك بۇشنىڭ ئىنىسى، ئۇ 1999-يىلىدىن 2007-يىلىغىچە فىلورىدا ئىشتاتىنىڭ باشلىقى بولغان. جېب بۇش تېخىمۇ كۆپ سايلىغۇچىلار ئاساسى ۋە كۈچلۈك ھېسداشلىققا ئىگە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. جېب بۇش تىپىك مۆتىدىللەردىن، ئۇنىڭ سىياسىي ھاياتىدىن قارىغاندا، ئۇ چوڭ بۇشقا بەكرەك ئوخشايدۇ، ئۇنى پارتىيە ئىچىدىكى ئوڭچىلار ئانچە قارشى ئېلىپ كەتمەيدۇ. كۆپىنچە ھاللاردا، سايلامدا غەلىبە قىلغان رەھبەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى پارتىيە ئىچىدىكى ئەسەبىي گۇرۇھنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن، ئاندىن ۋەزىيەتكە بېقىپ ئارىدا قالغانلارنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرگەن. جېب بۇش سايلامغا قاتناشسا، پارتىيە ئىچىدىكى ئوڭچىلارنى قانداق قىلىپ ئۆزىگە تارتىش ئۈستىدە ئىنچىكە ئويلىنىشى كېرەك.
جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىكى زۇڭتۇڭلۇق نامزاتىنى تالىشىش ناھايىتى كەسكىنلىشىپ كەتتى، ھازىر جېب بۇشنىڭ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى زۇڭتۇڭ نامزاتىغا ئېرىشىش ئېرىشەلمەسلىكىنى بىر نېمە دېيىش بالدۇرلۇق قىلىدۇ.
12-ئاپرېل ھىلارى كىلىنتون 2016-يىللىق زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى رەسمىي جاكارلىدى. دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ ئىچكى قىسمىدا، ھىلارى كىلىنتون قوللايدىغانلار ئەڭ كۆپ نامزات بولۇپ كەلدى. ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورىنىڭ ئالدىنقى ئايدا ئېلان قىلغان ئەلرايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ھىلارى كىلىنتوننىڭ زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىشىنى قوللاش نىسبىتى دېموكراتلار پارتىيەسى ئىچىدە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان. ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ ئىچكى قىسمىدا باشقا نامزاتلارنىڭ ھىلارى كىلىنتون بىلەن رىقابەتلىشىشى ناتايىن، ئۇنىڭ دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ نامزاتلىقىغا ئېرىشىش ئېھتىماللىقى چوڭ. ئەمەلىيەتتە، دېموكراتلار پارتىيەسىدىن ھازىرغىچە پەقەت ھىلارى كىلىنتونلا سايلامغا قاتنىشىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
يېقىندا ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ 2016-يىللىق زۇڭتۇڭ نامزاتلىرىغا بولغان مايىللىقنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، %67 ئامېرىكىلىق ھىلارى كىلىنتون كۈچلۈك رەھبەر دەپ قارىغان، يەنە %60 كىشى ئۇنىڭدا دۆلەتنىڭ كەلگۈسىگە نىسبەتەن يېڭى پىلان بار، دەپ قارىغان. ھىلارى كىلىنتوننىڭ نوپۇزى ئۆسۈۋاتقان بولسىمۇ، تاراتقۇلار ئۇ دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ نامزاتى بولۇپ سايلامدا غەلىبە قىلىش ئۈچۈن، جامائەتچىلىك جېڭى، پۇل توپلاش، ياش قاتارلىق نۇرغۇن سىناقلارغا دۇچ كېلىدۇ، دەپ قارىدى.

يېقىندا تاراتقۇلار ھىلارى كىلىنتوننىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بولغان مەزگىلدە شەخسىي ئېلخەت ئارقىلىق ھۆكۈمەت ئىشىنى بىر تەرەپ قىلغان «ئېلخەت ۋەقەسى»نى ئاشكارىلىدى. بەزى ئەلرايى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ ئىشنىڭ تەسىرىدە، ھىلارى كىلىنتوننى قوللاش نىسبىتى ئازراق چۈشۈپ كەتكەن. تەھلىلچى ئەربابلار مۇنداق دېدى: «ئېلخەت ۋەقەسى»دىن باشقا، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى يەنە 2012-يىلى ئامېرىكىنىڭ بەنغازىدىكى كونسۇلخانىسى ھۇجۇمغا ئۇچراش، كىلىنتون فوند جەمئىيىتى چەتئەللەرنىڭ ئىئانىسىنى قوبۇل قىلىش قاتارلىق ئىشلارنى باھانە قىلىپ ھىلارى كىلىنتونغا زەربە بېرىدۇ. بۇندىن باشقا، ھىلارى دۇچ كېلىدىغان پۇل توپلاش بېسىمىمۇ ناھايىتى چوڭ. كىشىلەر: ھىلارى كىلىنتوننىڭ سايلام كوللېكتىپى ئاز دېگەندە بىر مىليارد ئامېرىكا دوللىرى راسخوت توپلىشى كېرەك، دەپ مۆلچەرلىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھىلارى كىلىنتون ياش ۋە سالامەتلىك جەھەتتىمۇ ئۈستۈنلۈككە ئىگە ئەمەس. 1947-يىلى تۇغۇلغان ھىلارى كىلىنتون سايلام يىلى 70 ياشقا يېقىنلىشىدۇ، 2012-يىلى ئۇنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ناچارلاشقانلىقى توغرىسىدا گەپ-سۆزلەر تارقالغان.
كۆرۈنۈشتە، ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنى خەلق سايلىسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئامېرىكىنىڭ 200 نەچچە يىللىق تارىخىغا قارايدىغانلا بولساق، كۈچلۈك جەمەتلەر ۋە بايلار سىياسىيى سايلامغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن. ئامېرىكا سىياسىي تەتقىقات ئاپپاراتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىدا 24 زۇڭتۇڭنىڭ ئاز دېگەندە يەنە بىر زۇڭتۇڭ بىلەن تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتى بار ئىكەن. ئۇندىن باشقا، 30 زۇڭتۇڭنىڭ كۈچلۈك جەمەت سىياسىي ئارقا كۆرۈنىشى باركەن، بۇنىڭ ئىچىدە 20 زۇڭتۇڭ سىياسىي ئەربابنىڭ ئوغلى، ئىككى زۇڭتۇڭ سىياسىي شەخسنىڭ جىيەنى ياكى نەۋرىسى ئىكەن. جېب بۇش بىلەن ھىلارى كىلىنتوننىڭ سايلامغا قاتنىشىشنى جاكارلىغانلىقىمۇ بايلار سىياسىينىڭ ئامېرىكا سايلىمىغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
بايلار سىياسىيى پۇل بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. بولۇپمۇ بۈگۈنكى ئامېرىكىدا، سايلامغا قاتناشقۇچىنىڭ پۇلى بولمىسا زۇڭتۇڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. تەھلىلچى ئەربابلار مۇنداق دېدى: بايلار سىياسىينىڭ تەسىرىدە بارلىققا كەلگەن ھوقۇقدار تەدبىر بەلگىلىگەندە جەزمەن جەمەت ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزلەيدۇ، شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، جەمەت سىياسىيى ئامېرىكىنىڭ يادرولۇق ھوقۇقىنى بارغانسېرى مەركەزلەشكەن، خاسلاشقان غەيرى شەكىلگە باشلاپ ماڭىدۇ.



خەتكۈچلەر:
17-06-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek