روسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 1- ئاينىڭ 3 - كۈنى سەھەردە ، ئامېرىكا ئالاھىدە قىسمى ئىراقنىڭ شىمالى قىسمىدىكى موسۇل شەھىرى ئەتراپىدا ھەربىي ھەرىكەت قانات يايدۇرۇپ، جەمئىي 15 نەپەر « ئىسلام دۆلىتى » قوراللىق ئۇنسۇرلىرىنى يوقاتقان، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 11 قوراللىق ئۇنسۇرنى قولغا ئالغان.
مۇناسىۋەتلىك ئەمەلدارنىڭ بىلدۈرۈشىچە ، 3-يانۋار تاڭ ئېتىشقا يېقىن، ئامېرىكا ئالاھىدە قىسمى موسۇل شەھەر ئەتراپىدىكى ئېدس ھېلم يار كەنتىگە كىرگەن بولۇپ، ئارقىدىنلا ئامېرىكا ئارمىيەسى بىلەن «ئىسلام خەلىپىلىكى» تەشكىلاتى قوراللىق ئۇنسۇرلىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن ، توقۇنۇستا 15 تېررورچى ئۇنسۇر يوقىتىلغان، 11 قوراللىق ئۇنسۇر قولغا ئېلىنغان.
خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە ، ھەربىي ھەرىكەت بىر يېرىم سائەت داۋاملاشقان بولۇپ، ئامېرىكا ئالاھىدە قىسمى زىيانغا ئۇچرىمىغان.
2015-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئىراق ئارمىيەسى ئىراقنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى شەھەر رەمادىنى «ئىسلام خەلىپىلىكى» تەشكىلاتىنىڭ چاڭگىلىدىن ئازاد قىلغانلىقىنى جاكارلىغان بولۇپ، ئىراق زۇڭلىسى ئاباد رەمادىدا ئىراق دۆلەت بايرىقىنى تىكلىگەن.
![]() |
برازىلىيە كېڭەش پالاتاسى 12- ماي ئەيىبلەش دوكلاتىنى ماقۇللاپ، زۇڭتۇڭ روسىفنى 180 كۈنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرماقچى بولغان.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇزۇنغا سوزۇلغان...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved