چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى شۇ يەرنىڭ ۋاقتى 11-سىنتەبىر، ئامېرىكا ئارمىيەسى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى كوردلار رايونىدىكى بازىسىدىن ناھايىتى تېزدىن ئۇچۇپ، ئەسەبي تەشكىلات بولغان ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا زەربە بېرىش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا بەش بۇرجەك بىناسىنىڭ باياناتچىسى، ئامېرىكا ئارمىيەسى ئايروپىلانلىرىنىڭ كورد ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى ئىربىلدىن ئۇچقانلىقىنى، بۇ ئايروپىلانلاردا ئۇچقۇچى ۋە ئوق دورىلارنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلىدى. بىراق ئۇ تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىمىدى.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە تارمىقىنىڭ بىر ئەمەلدارى مۇنداق دېدى: ئىربىل بازىسىدىن ئۇچسا، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئۇرۇشنىڭ ئالدىنقى سېپىگە تېزدىن يېتىپ بارالايدۇ.
![]() |
بۇ 2016- يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر چاي ئىچۈرۈش سۈرەتلىرى مۇسابىقىسىگە قاتناشتۇرۇلغان نادىر سۈرەتلەر بولۇپ، ئاشىق-مەشۇقلارنىڭ بىر-بىرىگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى سۈرەتلەر ئارقىلىق خاتىرە قالدۇرۇلغان.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved