5–سېنتەبىر ئۈرۈمچىدىكى 460 مىڭ دىن ئارتۇق ئوتتۇرا ، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدىكى تۇنجى كۈننى كۈتۈۋالىدى . پۈتۈن شەھەردىكى ئوتتۇرا ، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى 5–سېنتەبىر تىزىملىتىپ ، 9 - سېنتەبىر رەسمىي دەرس باشلايدىكەن .
شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى 4–سېنتەبىر ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ ، ئۈرۈمچىدىكى ئوتتۇرا ، باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە يەسلىلەر كۈندىلىك ئەتىگەنلىك تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ، بىرىنچى سائەتلىك دەرستىن ئاۋال ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا ساغلاملىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ ، ئوقۇغۇچىلاردىكى قىزىش ، يۆتۈلۈش ، سوغۇق تەرلەپ مۇزلاش ، ئەسۋە ياكى قاپارتما قاتارلىق كېسەللىك ئەھۋاللىرىنى ۋاقتىدا بايقاپ ، سۇ چېچىكى ، قىزىل ، قول-پۇت ۋە ئېغىزلارغا ئەسۋە چىقىش كېسىلى قاتارلىق يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ تارقىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلەن بىرگە ، سۇ چېچىكى ، قىزىل ، قۇلاق ئاستى بېزى ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان ئوقۇغۇچىلارنى ئاز دېگەندە 15 كۈن ئايرىپ داۋالاش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى .
![]() |
ئىسمى:panadol
تىپى:بوۋاقلار كۆپ ئىقتىدارلىق دورىسى
مىقدارى:20ml
ئىشلىتىش ئوبيېكتى:1 ئايلىقتىن2 ياشقىچە بولغان بوۋاقلار
ئىشلەنگەن ئورۇن: ئاۋسترالىيە
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:
1~3ئايلىق بوۋاقلار 0.6~0.9ml ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved