سوۋگۇا تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .تايلاند تاراتقۇلىرىنىڭ 25-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ،تايلاند ئارمىيىسىنىڭ رەھبىرى بايۈ 26-ماي پادىشاھنىڭ بۇيرۇقى بىلەن مەملىكەتلىك تىنىچلىق تەرتىپىنى ساقلاش كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى رەسمىي تاپشۇرۇۋالغان ،ئارمىيىنىڭ دۆلەتكە رەھبەرلىك قىلىش ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈۋېلىشى تايلاند پادىشاھىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن . تايلاند قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى بايۈ 22-ماي ھوقۇق تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى جاكارلىدى .
ئارقىدىن مەملىكەتلىك تىنىقلىق تەرتىپىنى ساقلاش كومىتېتى ،ھەمدە بايۈ بۇ كومىتېتنىڭ مەسئۇللىقىنى ئۈستىگە ئالدى .تايلاند تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا بايۈ 26-ماي تايلاند پادىشاھىنىڭ بۇيرۇقىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن تېلېۋىزىيە سۆزى قىلىپ ،كېلەركى قېتىمقى پىلاننى ئېلان قىلغان . بۇ ئۆتكۈنچى مەزگىلدىكى ئاساسىي قانۇننى ئېلان قىلىش ۋە دۆلەت قانۇن چىقىرىش كومىتېتىنىڭ قۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن ،تىنىقلىق ساقلاش كومىتېتى 25-ماي يېڭى تۈزۈم ئېلان قىلىپ ،پادىشاھقا قارشىلىق قىلغان ۋە ھەربىي تۈزۈمگە خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ ھەربىي سوتتا سوتلىندىغانلىقىنى بىلدۈردى .
شۇ كۈنى نۇرغۇن كىشى تەلەپ بويىچە ئارمىيىگە ئۆزىنى مەلۇم قىلدى ،ئۆزىنى مەلۇم قىلغان بۇ كىشىلەر نامەلۇم جايغا ئېلىپ كېتىلدى ، تىنىقلىق ساقلاش 25-ماي مالىيە مىنىستىرلىقى يېزا ئىگىلىك ھەمكارلىق بانكىسىنىڭ 26-مايدىن باشلاپ بىر ئاي ئىچىدە مەملىكەت بويىچە ئېنلاك ھۆكۈمىتىنىڭ گۈرۈچ سېتىۋېلىش تۈرىگە قاتناشقان 800مىليون شاللچىغا 17مىليارد 600مىليون يۈەن قەرز پۇلنى قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى .تايلاندنىڭ سابىق زۇڭلىسى يىڭلاكنىڭ نەگە كەتكەنلىكى توغرىسىدا ،ئىلگىرى خەۋەرلەردە ئۇنى ئارمىيە تۇتۇپ قالغان ،25-ماي قۇيۇپ بېرىلدى دېگەن ئىدى ،بىراق ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى 26-ماي يىڭلاكنىڭ ياردەمچىسىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ يىڭلاك قۇيۇپ بېرىلمىدى دېدى .ئەمما خەۋەرلەرگە قارىغاندا، تايلاند ئارمىيىسىدىكى بىر زاتنىڭ ئاشكارىلىشىچە، يېقىندا تايلاند ئارمىيىسى تەرىپىدىن چاقىرتىلىپ تۇتۇلغان سابىق زۇڭلى- يىڭلاك ئاللىقاچان قويۇپ بېرىلىپ قايتا ئەركىنلىككە ئېرىشكەن. يېقىندا سابىق زۇڭلى يىڭلاكنىڭ بىر نەپەر ئايال ئەسكەر تەرىپىدىن يالاپ ئېلىپ كېتىلىۋاتقان رەسىمى ئاشكارىلانغان. 24-ماي كۈنى تايلاند ئارمىيىسى تەرەپ ئۆزلىرى تەرىپىدىن تۇتۇۋېلىنغان سابىق زۇڭلى يىڭلاكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تايلاندتىكى سىياسىي شەخىسلەرنىڭ يەتتە كۈن ئىچىدە قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تايلاند ئارمىيىسى بۈگۈن يېقىندا ئارمىيە تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان تايلاندنىڭ سابىق زۇڭلىسى-يىڭلاكنىڭ ئاللىقاچان قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى، لېكىن ئۇنىڭ ھازىرچە يەنىلا چەتئەلگە چىقىشىغا رۇخسەت قىلىنماستىن بەلكى دۆلەت ئىچىدە يۈرۈشى تەلەپ قىلىنغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى تايلاند ئارمىيىسى سابىق زۇڭلى يىڭلاكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 100 دىن ئارتۇق سىياسىي زاتلارنىڭ تايلاند ئارمىيىسىگە ئۆزىنى مەلۇم قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.
شۇ يەر ۋاقتى 23-ماي سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش ئارقىلىق ھۆكۈمەتتىن ھاكىمىيەتنى ئۆتكۈزۈۋالغان تايلاند ئارمىيىسى تەرەپ ئاللىقاچان تارقىلىپ كەتكەن تايلاند قارانچۇق ھۆكۈمىتىنىڭ بارلىق ئىچكى كابېنت ئەزالىرى، ۋېيتەي پارتىيىسى ۋە دېموكراتىك پارتىيىنىڭ ئاساسلىق ئەزالىرى، تايلاندتىكى ھۆكۈمەتكە قارشى تەشكىلاتلار ۋە قىزىل كىيىملىكلەر قوشۇنىنىڭ رەھبەرلىرى، تاكسىن جەمەتى نىڭ ئاساسلىق ئەزالىرى قاتارلىق 155 نەپەر كىشىنى ئۆزىنى مەلۇم قىلىشقا چاقىرغان بولۇپ، تايلاند ئارمىيىسى بۇ كىشىلەرنى سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن قۇرۇلغان .پۈتۈن مەملىكەتلىك تىنچلىقنى قوغداش كومېتىتىغا كېلىپ دوكلات قىلىشىنى تەلەپ قىلغان، تايلاند ئارمىيىسى ئۆزىنى مەلۇم قىلىشقا چاقىرتقان زاتلار ئىچىدە تايلاندنىڭ سابىق زۇڭلىسى-يىڭلا كمۇ بار .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 26-ئاپرېل، سۈرىيەنىڭ ھەلەب شەھىرى بومباردىمان قىلىنغان بولۇپ، خەلق ئاممىسى يارىلانغۇچىلارنى قۇتقۇزدى. قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ھاۋا ھۇجۇمىدا ئاز دېگەندە 12 ئادەم قازا قىلغان.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved