پۇتبول تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
بېيجىڭ ۋاقتى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى كەچ سائەت 19:45 ئۆتكەندە جۇڭگۇ دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى 1-ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە خېنەن جىيەنيې كۇلۇبى ( خېنەن قۇرۇلۇش كۇلۇبى ) نىڭ توپ مەيدانىدا تىيەنجىن تەيدا كۇلۇبى بىلەن ئېلىپ بېرىلدى. ئۇيغۇر توپچىمىز ئابدۇۋەلى ئابلەت ئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىقىپ 88 مىنۇت بولغاندا ئالماشتۇرۇۋېتىلدى. مۇرەخمەتجان مۇزەپپەر زاپاس ئەزا بۇلۇپ مەيدانغا چىقمىدى ( ھەر ئىككىسى خېنەن جىيەنيې كۇلۇبىدا توپ تېپىدۇ.). خېنەن جىيەنيې كۇلۇبىدىن ئىۋو بىر توپ كىرگۈزدى. تىيەنجىن تەيدا كۇلۇبىدىن جوۋ خەيبىن بىر توپ كىرگۈزۈپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى. خېنەن جىيەنيې كۇلۇبىدىن زاپاس ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىققان خاۋىل ئىككى توپ كىرگۈزدى. ئاخىرىدا خېنەن جىيەنيې كۇلۇبى ئۆز مەيدانىدا 3-1 نەتىجە بىلەن تىيەنجىن تەيدا كۇلۇبىنى مەغلۇپ قىلدى.
مۇسابىقە باشلىنىپ 11-مىنۇتتا خېنەن جىيەنيې كۇلۇبىدىن ئىۋو كاللا توپ كىرگۈزدى. خېنەن جىيەنيې كۇلۇبى 1-0 تىيەنجىن تەيدا كۇلۇبى.
28-مىنۇتتا تىيەنجىن تەيدا كۇلۇبىدىن جاۋ خوڭلۆ ياردەمچى پاس بەردى. جوۋ خەيبىن كاللا توپ ئارقىلىق نومۇر ئېلىپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى. خېنەن جىيەنيې كۇلۇبى 1-1 تىيەنجىن تەيدا كۇلۇبى.
63-مىنۇتتا خېنەن جىيەنيې كۇلۇبىدىن ساخېرا ياردەمچى پاس بەردى. خاۋىل كاللا توپ ئارقىلىق نومۇر ئېلىپ قايتىدىن ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتى.خېنەن جىيەنيې كۇلۇبى 2-1 تىيەنجىن تەيدا كۇلۇبى.
91-مىنۇتتا خېنەن جىيەنيې كۇلۇبىدىن ئىۋو ئىختىيارى توپنى بىۋاستە كىرگۈزۈپ نومۇر ئالدى. خېنەن جىيەنيې كۇلۇبى 3-1 تىيەنجىن تەيدا كۇلۇبى.
خېنەن جىيەنيې كۇلۇبىدىن ئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىققان توپچىلار:
1-ۋۇ يەن.
3-لۈ جىيەنجۈن
4-گېموس
5-گۇ ساۋ
6-لى جىچاۋ
7-شىياۋ جى
8-يىن خوڭبو
10-ئىۋو
13-ئابدۇۋەلى ئابلەت
20-ساخېرا
33-بى جىنخاۋ
تىيەنجىن تەيدا كۇلۇبىدىن ئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىققان توپچىلار:
12-دۇ جىيا
3-موزارت
4-لۇكاس
6-جوۋ خەيبىن
7-لى بېنجىيەن
8-خۇ رېنتىيەن
9-باركېس
11-تاۋارىس
22-گو خاۋ
19-بەي يۆفېڭ
26-جاۋ خوڭلۆ
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved