ئېينىشتېيىننىڭ مۇۋاپىقىيەت قازىنىشتىكى 10چوڭ مەخپىيەت

ئېينىشتېيىننىڭ ئىلىم-پەن ساھەسىگە قوشقان تۆھپىسى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدۇ، ئۇزۇندىن بىرى كىشىلەر ئېينىشتېيىننى تەڭداشسىز تالانت ئىگىسى دەپ قاراپ كەلمەكتە. ئۇنەزەرىيىۋى فېزىكا ئالىمى، پەيلاسۇپ، يازغۇچى بولۇپ، بۈگۈنگە قەدەر ئۆتكەن ئىلىم-پەن گىگانتلىرى ئىچىدە تەسىركۈچى ئەڭ زورئالىم ھېسابلىنىدۇ.
1921-يىلى نوبىل فېزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەندىن كېيىن بۇيان ئۇ ئىزچىل تۈردە ھازىرقى زامان فېزىكا ئېلىمىنىڭ ئاتىسى دەپ قارىلىپ كەلمەكتە.

 

 

ئۇ مۇۋاپىقىيەت قازىنىش ھەققىدە مۇنۇلارنى دەيدۇ:

 

 

«ھەۋىسىڭنى داۋاملاشتۇر»
Follow Your Curiosity

 


-مېنىڭ ھېچبىر ئالاھىدە تالانتىم يوق، مەن پەقەت ئۆزۇم قىزىقىدىغان بىرقىسىم ئىشلارنى قەتئىي داۋاملاشتۇردۇم.سىنىڭ قىزىقىشلىرىڭنى غايىب قىلغان كۈچ نېمە؟
مەن ئىزچىل تۈردە شۇنىڭغا قىزىقىپ كەلدىم؛ نېمە ئۈچۈن بىرقىسىم كىشىلەر مۇۋاپىقىيەت قازىنىدۇ، يەنە بىرقىسىم كېشىلەر نېمە ئۈچۈن مەغلۇب بولىدۇ.مەن دەل شۇنىڭ ئۈچۈن نۇرغۇن ۋاقىت سەرىپ قىلىپ مۇۋاپىقىيەت ئىلمىنى ئۆگىنىپ كەلدىم.ئۇبدان ئويلا، سىنىڭ ئەڭ قىزىقىدىغان ئىشىڭ زادى نېمە؟شۇ ھەۋىسىڭنى قوغلاش،بۇ دەل سىنىڭ مۇۋاپىقىيەت قازىنىشىڭدىكى ئاچقۇچ.

 

 

«قەتئىيلىك بىباھادۇر»
Perseverance is Priceless

 


-مېنىڭ غەلىبە قىلىشىم، مېنىڭ ئەقىللىق بولغانلىقىمدىنلا ئەمەس، بەلكى مەن نۇرغۇن ۋاقىت سەرىپ قىلىپ مەسىلىلەر ئۈستىدە ئىزدىنىمەن.پەقەت قەتئىيلىك بىلەن داۋاملاشتۇرغاچقىلا قۇلۇلە ئەلئىھرامنىڭ ئۈستىگە چىقالايدۇ.خىيالىڭدىكى نىشان ئۈچۈن، قانچىلىك قەتئىيلىكنى ھازىرلىدىڭ؟
كىشىلەر، پوچتاماركىسىنىڭ بارلىق قېممىتى، ئۇنىڭ ئاخىرقى مەنزىلگە يېتىپ بىرىشىدا دېيىشىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئەشۇ بىرپارچە پوچتا ماركىسىدەك بولغىن، ئاللاقاچان سەپەرگە چىقىپ بولدۇڭ، ئەمدى بۇنى ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇر.

 

 

«نۆۋەتتىكى ئىشلارغا كۆڭۇل بۆل»
Focuson the Present

 


-ھەرقانداق بىر ئەر بىرلا ۋاقىتتا ھەم ماشىنىنى بىخەتەر ھەيدەشنى ،ھەم يېنىدىكى گۈزەل قىزنى سۆيۈپ قويۇش ئارزۇسىدا بولىدۇ. ئۇنداقتا بۇنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ ئاددى پىرىنسىپى شۇكى سەن دېققىتىڭنى يولغا بەكمۇ مەركەزلەشتۈرمىسەڭمۇ بولىدىغان ۋاقىتتا خىيالىڭنى ئىشقائاشۇر.
دادام ماڭادائىم: بىرلاۋاقىتتا ئىككى ئاتنى مىنگىلى بولمايدۇ،دەيتى. مەن شۇنداق دەيمەنكى؛ سەن ھەرقانداق ئىشنى قىلالايسەن،ئەمما بىرقانچىلىغان ئىشلارنى بىرلا ۋاقىتتا قىلما.نۆۋەتتىكى ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلۈشنى ئۆگىنىۋال، پۈتۈن دېققىتىڭ بىلەن قولۇڭدىكى ئىشنى تۈگەت. زىھىننى يىغىش -يىغالماسلىق غەلىبەبىلەن مەغلۇبىيەتنىڭ مۇھىم مەنبەسى.

 

 

«تەسەۋۋۇرنىڭ كۈچى غايەت زور»
The Imagination is Powerful

 

 

-تەسەۋۋۇركۈچى ھەممە دېمەكتۇر. كېلەچەكتىكى تۇرمۇش ھەققىدە ئالدىن ئانالىز يۇرگۇزۇش ھەقىقەتەن جەلبكارئىش، تەسەۋۋۇر ئەمەلىيەتتە بىلىمدىنمۇ مۇھىم.
سەن ھەركۈنى تەسەۋۋۇر كۈچىڭنى ئىشقا سىلىپ تۇرامسەن؟ سىنىڭ تەسەۋۋۇركۈچۈڭ سىنىڭ كېلەچىكىڭنى كۆرىستىپ بىرەلەيدۇ. مەن شۇنداق دەيمەن: پاراسەتنىڭ بەلگىسى بىلىم ئەمەس ،بەلكى تەسەۋۋۇركۈچىدۇر. سەن ھەركۈنى ئۆزۇڭنىڭ تەسەۋۋۇر«مۇسكۇللىرىڭنى» چىنىقتۇرۇپ تۇرۇشنى ئۇنۇتما.

 

 

«خاتالىق ئۆتكۇزۇشنى ئۆگىنىۋال»
Make Mistakes

 

 

-ئۆمۇر بويى خاتالىششتىن ئەنسىرەپلا ئۆتىدىغان ئادەم ، ھېچقانداق بىر يېڭى ئىشنى ھۇجۇتقاچىقىرالمايدۇ.
خاتالىق بىلەن مەغلۇبىيەت ئورتاق ئۇقۇم ئەمەس. پايدىلىنشىنى بىلەلىسەڭ ، بىرقېتىملىق خاتالىشش سىنى تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ زىرەك، تېخىمۇ تېزئىنكاسلىق قىلىپ ئۆزگەرتەلەيدۇ.پۈتۈن كۈچۈڭ بىلەن خاتالىقلىرىڭنىڭ سېھرى كۈچىنى بايقا. مەن بۇرۇنمۇ دېگەن، كېيىنمۇ يەنە شۇنداق دەيمەن: ئەگەرمۇۋاپىقىيەت قازىنىش ئويۇڭ بولسا، كۆپەرەك خاتالىق ئۆتكۇزۇشكە تېرىش.

 

 

«مۇشۇ پەيتلەرگە تەئەللۇق بول»
Live in the Moment

 


-مەن ئەزەلدىن كەلگۈسى ھەققىدە باش قاتتۇرۇپ كەتمەيمەن، چۈنكى ئۇ ھامان بىردەمدىلا يېتىپ كېلىدۇ. سىنىڭ كىلەچىكىڭنى تەسۋىرلەپ بىرىدىغان بىردىن-بىرئۇسۇل شۇكى ، ئىمكانىيىتىڭنىڭ بارىچە بۈگۈن ئېلكىدە ياشاش.سەن تۈنۈگۈننى ئۆزگەرتەلمىگەنگە ئوخشاش، ئەتىنىمۇ ئۆزگەرتەلمەيسەن، شۇنىڭ ئۈچۈن بارلىق كۈچ-زىھنىڭنى دەل مۇشۇ پەيتلەرئۈچۈن سەرپ قىل.ۋاقىت ئەڭ مۇھىم،بولۇپمۇ دەل مۇشۇ پەيتلەر.

 

 

«قىممەت يارات»

Creat Value

 


- پەقەت غەلىبە ئۈچۈنلا كۈرەش قىلما، بەلكى قىممەت يارىتىش ئۈچۈن قىل. سەن ۋاقتىڭنى غەلىبە قىلىشتىن ئىبارەت نىشانغا سەرپ قىلما، بەلكى شۇ ۋاقىتنى سەرپ قىلىپ قىممەت يارىتىشقا تىرىش. ئەگەر سىنىڭ قىممىتىڭ بولسا، غەلىبە سىنى ئىزدەپ كېلىدۇ.

 

 

«ئوخشاش بولمىغان ئاقىۋەتنى تىلىمە»
Don’t Expect Different Results

 


-نادانلىق شۇكى ، ئوخشاش بىرئىشنى قايتا-قايتا تەكرارلاپ تۇرۇپ ، ھەرقېتىمدا ئوخشاش بولمىغان نەتىجە كۈتۈشتۇر. ئەگەرتۇرمۇشۇڭنى ئۆزگەرتىمەن دەيدىكەنسەن، سەن ئۆزۇڭ ئۆزگىرىشىڭ كېرەك.سىنىڭ ھەرىكىتىڭ ۋە ئىدىيەرىڭ قانچىلىك ئۆزگەرسە،سىنىڭ تۇرمۇشۇڭمۇ شۇنچىلىك ئۆزگىرىدۇ.

 

 

«بىلمنىڭ مەنبەسى -ئەمەلىيەت»
Knowledge Comes From Experience

 


-ئىغزاكى گەپ بىلىم بولالمايدۇ، بىلىمنىڭ بىردىن-بىر مەنبىي تەجىرىبىدۇر. سەن مەلۇم بىر ئىش ھەققىدە مۇنازىرە قىلالايسەن،ئەمما سىنىڭ مۇنازىرەڭ پەقەت نەزەرىيىۋى چۈشەنچىنى ئاساس قىلىدۇ، سەن شۇئىشنى قول تىقىپ قىلغاندىلا ئاندىن ھەقىقى چۈشەنچىگە ئىگە بولىسەن.

تەربىيىلىنىش دېگەن نېمە ؟ ئۇ دەل تەجرىبە توپلاشتۇر! ۋاقتىڭنى قۇرۇق نەزەرىيىۋى كىتاپ دۆۋىسىدە ئىسراپ قىلماي، يىنىپ چىق،كەل بۇئىشلارغا قول سىلىپ ئىشلە، مانا بۇ ساڭا بىباھا بىلىملەرنى ئاتا قىلىدۇ.

 

 

«قائىدە بىلسەڭ،تېخىمۇ ياخشى قىلالايسەن»
Learn the Rulesand Then Play Better

 


-سەن بۇ ئويۇننىڭ قائىدىسىنى بىلسەڭ ،ئاندىن باشقىلارنى ئۇتالايسەن. سەن ماۋۇ، ئىككى ئىشنى چوقۇم قىل: بىرى، سەن قاتناشماقچى بولغان ئويۇنلارنىڭ قائىدىسىنى جەزمەن ئۈگەن. ئىككىنچىسى، سەن بۇ ئويۇنلارداۋامىدا چوقۇم باشقىلاردىن ياخشى قىل.شۇنىڭدىلا ئاندىن غەلىبە ساڭا مەنسۈپ بولىدۇ.



16-02-2014
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: ئابرال بلوگى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-03-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى روگوزىن فېدېراتسىيە كومىتېت ئەزالىرى يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:...
07-03-2016
ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2-ئىيۇل ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر 12-ئايغىچە، ياپونىيەدە مەملىكەت بويىچە ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغان ئائىلە سانى 1 مىليون 634 مىڭ ئائىلىدىن ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى قىممەتنى يارا...
07-03-2016
شىنخۇا تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى ئىراقنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى بابىلۇن ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە مەركىزى شىلا شەھىرىدىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتى شۇ جاي ۋاقتى 6- مارت چۈشتىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتېرلىك پارت...
02-03-2016
ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ئاساسي قانۇن مەھكىمىسى 1-مارت پايتەخت بانگىدا، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق زۇڭلىسى، مۇستەقىل سايلام نامزاتى تۇۋادرانىڭ 2-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىدا %62.69 ئاۋازغا ئېرىشىپ، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇريىتىنىڭ...
02-03-2016
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى،موسكىۋا،27-فېۋرال تېلىگىراممىسى:روسىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقى27-فېۋرال مۇنۇلارنى بىلدۈردى:روسىيەنىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگىي لاۋروف ۋە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كاتىپى جون كېررى سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىلغانلىقىد...
22-02-2016
سىنا تورى خەۋىرى، باغداش تورى تەرجىمىسى: چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ 21 - فېۋرال تەمىنلىگەن سۈرەتلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئېن يېقىندا چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسى ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ ئۇچۇش مەشىقىنى كۆزدىن كەچ...
12-02-2016
   فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فرانسىيىنىڭ غەربىدىكى چاررىنت ئۆلكىسىدە 11 -فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن مەكتەپ ئاپتوبۇسى بىلەن يۈك ئاپتوموبىلى سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەدە ئالتە ئادەم قازا قىلىپ، ئۈ...
12-02-2016
   مېكسىكىنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى بىر تۈرمىدە شۇ جاي ۋاقتى 11- فىۋرال زور كۆلەملىك قالايمىقانچىلىق كۆرۈلۈپ، ئاز دېگەندە 52 ئادەم قازا قىلىپ، 12 ئادەم يارىلانغان. يەرلىك دائىرلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى قالايمىقانچىلىق ئىككى قار...
12-02-2016
پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى مەزگىلىدە، ياۋروپا رايونىنىڭ شىمالىدىكى ئەزا دۆلەتلەر غايەت زور سوممىدا ياردەم تەمىنلەپ، ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ بارلىق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماي ياۋرونى قۇتقۇزۇش ۋەدىسىنى قوللاپ، جەنۇبتىكى قوشنىلىرىنى قۇتقۇزۇپ...
12-02-2016
    شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىبى سىتولتىنبېرىگ 11- فىۋرال شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش شىتابىدا مۇنداق دېگەن: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دېڭىز ئۈستى ھەربىي كۈچلىرىنى ئەۋەتىپ، ياۋروپا ئ...
Powered by Leglek