تاماق ئەتكەندە تۆۋەندىكى يەتتە ئىشتىن ساقلىنىڭ

پىدىگەن يىگەندە شۆپىكىنى ئاقلىۋەتمەڭ. ۋىتامىن B ئىنتايىن پايدىلىق بولغان بىر خىل ماددا .دۆلىتىمىزدىكى كۆكتاتلار ئىچىدە پىدىگەندە، بولۇپمۇ ئۇنىڭ سۆسۈن رەڭلىك شۆپىكىدە ۋىتامىنB كۆپ .شۇڭا پىدىگەن يىگەندە شۆپىكىنى ئاقلىۋەتمەسلىك كېرەك.

 


قايناۋاتقان شورپىغا سوغوق سۇ قۇيماڭ. گۆش بىلەن سۆڭەكتە كۆپ مىقداردا ئاقسىل ۋە ماي بولۇپ، قايناۋاتقاندا سۇ قۇيۋەتسە، شورپىنىڭ تېمپېراتۇرىسى بىردىنلا تۆۋەنلەپ، ئاقسىل ۋە مايلار قېتىۋالىدۇ-دە، گۆش بىلەن سۆڭەكنىڭ ئارىسىدىكى بوشلۇق قىسقىراپ ئاسان يېپىشمايدۇ.ئەسلىدىكى مەززىلىك تەمىمۇ تەسىرگە ئۇچرايدۇ.

 


توڭلىتىلغان گۆشنى يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا ئېرىتمەڭ. توڭلىتىلغان گۆشنى ئۇچاق يېنىدا قويۇپ ياكى قايناقسۇغا سېلىپ ئېرىتىشكە بولمايدۇ. چۈنكى گۆش قۇرۇلمىسى ئارىسىدىكى سۇ تەركىبى دەرھال ھۈجەيرىلەر تەرىپىدىن سۈمۈرۈلۈپ ئېقىپ چىقىدىغانلىقتىن گۆش ئەسلىدىكى سۈپىتىگە قايتالمايدۇ .يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق شارائىتتا، توڭلىتىلغان گۆشنىڭ يۈزىدە بىر قەۋەت قاتتىق پەردە پەيدا بولۇپ قالىدۇ-دە، گۆشنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى تېمپېراتۇرىنىڭ تارقىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ، باكتېرىيەلەرگە كۆپىيىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن گۆش ئاسانلا بۇزۇلۇپ قالىدۇ، توڭلىتىلغان گۆش ئەڭ ياخشىسى ئادەتتىكى تېمپېراتۇرىدا تەبىئى ئېرىشى كېرەك.

 


سەي قورۇغاندا ئاچچىقسۇ قۇيماڭ. كۆكتاتلاردىكى خىلروفىل ئەگەر كىسلاتالىق شارائىتتا قىزىتىلسا مالىكولىلار ئارىسىدىكى ماگنىي ئىئىونلىرىنىڭ ئورنىنى كىسلاتا تەركىبىدىكى ئوكسىگېن ئىئونلىرى ئىگىلەپ، كۆكتاتلارنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ.

 


تەركىبىدە كىسلاتا، ئىشقار بولغان يېمەكلىكلەرگە تېتىتقۇ سالماڭ. تەركىبىدە كىسلاتا بولغان يېمەكلىكلەرگە تېتىتقۇ سېلىپ قىزىتقاندا، كىسلاتا ئامىنو كىسلاتاسىغا ئۆزگىرىپ كېتىدۇ، بۇنداق بولغاندا كىسلاتالىق تەم ئاجىزلىشىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكىسچە ئادەم بەدىنىگە زىيان يەتكۈزىدۇ.تېتىتقۇنى ئىشقارلىق يېمەكلىكلەرگە سالغاندا، تەمىنى ئاجىزلاشتۇرۇش رولىنى ئوينىغاچقا، يىمەكلىكلەرنىڭ مەززىلىك تەمى يوقاپ كىتىدۇ.

 


تۇخۇمنى سۇدا بەك ئۇزۇن پۇشۇرماڭ. تۇخۇمنى سۇدا بەك ئۇزۇن پۇشۇرۋەتسە تۇخۇم سېرىقىنىڭ رەڭگى قارامتۇل يېشىل رەڭگە كىرىپ قالىدۇ. بۇ تۇخۇم سېرىقى تەركىبىدىكى تۆمۈر ئىئونلىرى بىلەن تۇخۇم تەركىبىدىكى گۈڭگۈرت ئىئونلىرى رىئاكسىيەلىشىپ، تۆمۈر سولفات كىسلاتاسى ھاسىل بولغانلىقىنىڭ نەتىجىسىدۇر.بۇ ماددىنى ئادەم بەدىنى ئاسان قۇبۇل قىلالمايلا قالماستىن، تۇخۇمىنڭ ئوزۇقلۇق قىممىتىمۇ تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.

 


ئاليومىن، تۆمۈردىن ياسالغان قازان-قۇمۇشلارنى ئارلاشتۇرۇپ ئىشلەتمەڭ. ئاليومىندىن ياسالغان بۇيۇملار تۆمۈردىن ياسالغان بۇيۇمدىن يۇمشاق بولدۇ. مەسىلەن :سەي قورۇيدىغان قازان تۆمۈردىن، ساپلىق ئاليومىندىن ياسالغان بولسا يۇمشاق ئاليومىندىن ياسالغان ساپلىق ناھايىتى ئاسانلا ئۇپراپ، سەيگە ئارلىشىپ كېتىدۇ . ئاليومىننى ھەددىدىن ئارتۇق ئىستېمال قىلىش زىيانلىق.



خەتكۈچلەر:
21-06-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
28-05-2016
    شىنخۇا تورى خەۋىرى. 7-ئىيۇن، 8-ئىيۇن ۋە 9-ئىيۇن ئۈرۈمچى شەھىرىدە 25 مىڭ 500 ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدۇ. بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئۈرۈمچى شەھىرىدە 37 ئىمتىھان نۇقتىسى، 1041 ئىمتىھان مەيدانى تە...
28-05-2016
ئاقسۇ دىيارىدىكى تۈنجى قېتىملىق، شىنجاڭدىكى  9- قىتىملىق «كىتاپخانىدىكى ساخاۋەت» پائالىيىتى 2016- يىلى 5- ئاينىڭ 26- كۇنى چۇشتىن كىيىن ئۈرۈمچى ۋاقتى 3:00دە ئونسۇ ناھيىلىك پارتىكومنىڭ قارشى تەرىپىگە جايلاشقان «مەرىپەت كىتاپخانىىس...
27-05-2016
    2015-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى، جىلىن شەھەرلىك لۇڭتەن تەجرىبە باشلانغۇچ مەكتىپى ئالدىدا نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار ئۇزۇن ئۆچىرەتتە تۇرۇپ كەتكەن بولۇپ، بەزى ئاتا-ئانىلار ھەتتا لاپاس ئېلىپ كەلگەنىدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ يەردە ئۆچىرەتتە تۇ...
26-05-2016
ئامېرىكا بالېت ئۇسسۇل مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچى تاللاش ئىمتىھانى رەسىملىرى
26-05-2016
1. ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتېتى. ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتېتى جۇڭگودىكى داڭلىق مەنزىرە ئېكىسكۇرسىيە ئورنى، مەكتەپ لوجياشەن رايونىدا، شەرقىي كۆل سۈيى ئوراپ تۇرىدۇ. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 5187 مو، قۇرۇلۇش كۆلىمى 2 مىليون 620 مىڭ كۋادرات مېتىر. قەدىمىي ۋە نەپى...
24-05-2016
    5-ئاينىڭ 22-كۈنى، تېڭشۈننىڭ  ئاساسلىق قۇرغۇچىسى چېن يىدەن 2 مىليارد 500 مىليون شياڭگاڭ پۇلى ئىئانە قىلىپ «يىدەن مۇكاپاتى» نى تەسىس قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. مۇناسىۋەتلىك پۇلنىڭ ھەممىسى ئىئانە قىلىنىپ بولغان بولۇپ، بۇ ب...
24-05-2016
    خەلق تورىنىڭ 24-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ مالىيە مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا مەركەز مالىيەسى 2016 - يىللىق 134 مىليارد 500 مىليون يۈەن شەھەر-يېزا مەجبۇرى مائارىپى تولۇقلىمىسىنى تارقاتقان، بۇ ...
24-05-2016
ئاقتۇ ناھىيەسى مەركىزى قوش تىل يەسلىسىدىكى كىچىك دوستلار رەسىم سىزىشنى ‏ئۆگەنمەكتە    2008-يىلىدىن تارتىپ بۈگۈنگە قەدەر، دۆلەت قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ‏ئوبلاستىغا 82 مىليون 600 مىڭ مەبلەغ سېلىپ، يېڭىدىن 91 قوش تىللىق يەسل...
24-05-2016
     5-ئاينىڭ 20-كۈنى، فۇجيەن ئۆلكىسى شيامېن شەھىرى خەيساڭ تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى تولۇق 3-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئالدىدا بېسىمىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ ئالدىدا كېرەكسىز ئىمتىھان سۇئا...
23-05-2016
    غەربىي شىمال مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىلى مەدەنىيەت ئىنستىتۇتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى ئۇنىۋېرسال ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ 101-سىنىپىدا «ئىنستىتۇت مۇدىرى ۋە ئوقۇغۇچىلار يۈز تۇرانە پىكىر ئالماشتۇرۇش» يىغىنى ئاچتى. بۇ قېتى...
Powered by Leglek