تاماكا توغرىسىدىكى پاراڭلار
28-05-2014
0
1231
يازغۇچى: ‏نائىلە
مەنبە: دەۋىر تورى
thumb

شىمالى ئامىركىنىڭ شەرقى قىسمىدا كۆپلىگەن تاماكا سودا ئىشلىرغا ئىشلىگەن، بۇ يەردىكى كىشلەر غاڭزا ئارقىلىق تاماكا چەككەن. تاماكا ،تاماكا يۇپۇرمىقى دۇرا قىلىنغان، ئۇنىڭ ئاغرىق پەسەيىتكۈچى، چىش ئاغرىقى ۋە قۇلاق ئاغرىشنى داۋالاشتا مەلھەم دورا قىلىپ ئىشلىتىلگەن.ئامىرىكا قىتئەسىدىكى ئەن رىن تۇنجى بولۇپ تاماكا تېرىغان.

جامىس توۋىنلىق كىشى يۇخان لورفۇ تۇنجى بولۇپ تاماكانى قانداق تېرىشنى بىلگەن. 1612-يىلى لورفۇ ئەلا سۈپەتلىك تاماكا ئۇرقىنى يېتىشتۈرۈپ چىققان. ئو ۋىرگىنىيىدە تېرىپ ئەنگىليىدە ساتقان. 1560-يىلى فىرانسىيەلىق نىئان نىكوت فىرانسىيەگە ئېلىپ كەلگەن، كېيىن تارقىلىپ ئەنگىليەگە بارغان. خۇددى قەھۋە ۋە ئەپيونغا ئوخشاش ،دەسلەپتە بېھۇش قىلىش دورىسى سۈپتىدە ئىشلىتىلگەن.

جۇڭگۇغا تەخمىنەن مىڭ سۇلالىسنىڭ ئاخىرقى يىللىرى تارقىلىپ كىرگەن. ھازىر دۇنيادىكى 5% تىن يۇقىرى نوپۇس تاماكىغا قارىشى تۇرۇش قانۇننىڭ قوغدىشغا ئېرشەلەيدىكەن. دۇنيا سەھيە تەشكىلاتنىڭ سىتاستىكىسغا ئاساسلانغاندا تاماكا بىلەن مۇناسىۋەتلىك كېسەللىك سەۋەبىدىن ھەر يىلى 5،00،000 ئادەم بالدۇر ئۆلۈپ كىتدىكەن ئۇنىڭ ئىچىدە تەخمىنەن 600،000 مىڭ كىشى تاماكا چەككۈچلەرنىڭ تەسىرگە ئۇچرىغانلار ئىكەن. 

 

تاماكا چەككۈچىلەر تاماكىنىڭ سالامەتلىككە بولغان زىيىنىنى چۈشەنگەن ھامان، كۆپىنچىسىدە تاماكا تاشلاش ئويى تۇغۇلىدۇ. ئەمما نۇرغۇن كىشى ھەمىشە قەتئىي ئىرادىگە كېلەلمىگەنلىكتىن تاماكا تاشلاشنىڭ بىرىنچى قەدىمىنى باسالمايدۇ. پائالىيەت پېنى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ قارىشىچە، ئىرادە، ئۆزىگە ئىشىنىش ۋە ماھارەت مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماكا تاشلاشتا كەم بولسا بولمايدىغان ئۈچ شەرت ئىكەن.

 


قەتئىي ئىرادىگە كېلىش. ئاۋۋال تاماكا چېكىشنىڭ ئۆز سالامەتلىكىگە بولغان زىيىنىنى تولۇق تونۇپ يېتىش ھەمدە تاماكا تاشلاشتىكى سەۋەبنى كۆزگە چىلىقىدىغان جايغا يېزىپ قويۇش، ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندا ئۇنى بىرنەچچە قېتىم ئەستايىدىل ئوقۇش كېرەك. تاماكا تاشلىغاندىن كېيىن كۆرۈلىدىغان «خۇمار تۇتۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك ئالامىتى»نى نىكوتىننىڭ بەدەندىن چىقىرىلىپ، ساغلاملىقنىڭ ئەسلىگە كېلىۋاتقانلىقىنىڭ سىگنالى دەپ قاراپ، ئاكتىپ پوزىتسىيە بىلەن سالماق مۇئامىلە قىلىش لازىم. تاماكا تاشلاشتا باسقۇچلۇق ئۈنۈمگە ئېرىشكەندە ئۆز-ئۆزىنى مۇكاپاتلاپ، تاماكا تاشلاشنىڭ ئاخىرقى مۇۋەپپەقىيىتىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.


ئۆزىگە بولغان ئىشەنچنى ساقلاش. ئىلگىرىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىغان تاماكا تاشلاش تەجرىبىسىنى «مەغلۇبىيەت» دەپ قارىماسلىق كېرەك. ئەگەر ئۇنى بىر قېتىملىق ئۆگىنىش پۇرسىتى دەپ قارىساق تاماكا تاشلاش ئىشەنچىمىز تېخمۇ كۈچىيىدۇ. تاماكا تاشلاشنى يېڭى باشلىغاندا ئۆمۈرلۈك تاماكا تاشلاشتەك چوڭ نىشاننى بىراقلا تۇرغۇزۇۋالماسلىق كېرەك. ئەگەر ھەر قېتىمدا ئەمەلگە ئاشسا، شۈبھىسىزكى تاماكا تاشلاش ئىشەنچىمىز زور دەرىجىدە كۈچىيىدۇ.


ماھارەتنى ئىگىلەش. تاماكا تاشلاشنى باشلايدىغان كۈنگە ئاي بېشى، تۇغۇلغان كۈن دېگەندەك يېڭى باشلىنىشنى بىلدۈرىدىغان كۈنلەرنى تاللىغاندا، تاماكا تاشلاشقا ياخشى كەيپىيات ئاتا قىلغىلى بولىدۇ. تاماكا خۇمارى تۇتقاندا چوڭقۇر نەپەسلىنىش، سۇ ئىچىش، سېغىز چايناش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللانسا دىققەتنى ئۈنۈملۈك بۇرىغىلى بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، دوستلارنىڭ تاماكا تۇتۇشى، كىشىلىك مۇناسىۋەتتە ئاۋارىگەرچىلىككە ئۇچراش، كەيپىيات چۈشكۈنلىشىش قاتارلىق ئەھۋاللارغا قارىتا مۇناسىپ قارشى تەدبىر تۈزۈپ، «سۇ كەلگۈچە توغان تۇتۇش» كېرەك. تاماكا تاشلاش جەريانىدا تاماكا تاشلاش دورىلىرىنى ئىشلىتىش، يىڭنە سانجىش دېگەندەك قوشۇمچە داۋالاش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىشقىمۇ بولىدۇ، بۇنىڭدىن مەقسەت تاماكا تاشلاشتىن كېلىپ چىقىدىغان ئازابنى يېنىكلىتىپ، تاماكا تاشلاشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت.قىسقىسى، قەتئىي ئىشەنچ تۇرغۇزۇپ، تاماكا تاشلاشنى بىر «جەريان» دەپ بىلىپ ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ، بوشاشماس روھ بىلەن خىرىسنى ئۈزلۈكسىز كۈتۈۋالسىڭىزلا چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايسىز.

تاماكا تاشلاش ئېڭىنى كۈچەيتىش كېرەك. تاماكا تاشلىغۇچىلار تاماكا چېكىشنىڭ زىيىنىنى بىۋاستە ھېس قىلىپ، تاماكا تاشلاشنى ئاڭلىق تەلەپ قىلىشى لازىم.ياخشى بولغان ئورنىغا دەسسىتىش ئۇسۇلىنى تېپىش كېرەك. تاماكا تاشلىغۇچىلار تاماكا تاشلىغاندىن كېيىن ھەمىشە «قىلغىلى ئىش قالمىغان»دەك ھېس قىلىدۇ، خىزمەت ئورنى ياكى ئۆيگە سېغىز، گازىر، مېۋە-چېۋە دېگەنلەرنى قويۇپ قويغاندا، ئۈلارغا «مەنىسىزلىك»نى ھېس قىلدۇرماسلىقى مۇمكىن. تاماكا چېكىش سايمانلىرىنى، مەسىلەن، چاقماق، كۈلدان، تاماكا قاتارلىقلارنى تاشلىۋېتىپ، تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ «شەرتلىك رېفلېكس»ىنى ئازايتىش كېرەك.

تاماكا چېكىشنىڭ قىزىقتۇرۇشىدىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىپ، دوست-بۇرادەر ۋە خىز مەتداشلارنىڭ چۈشىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. بولۇپمۇ يېڭى باشلىغاندا تېخىمۇ شۇنداق قىلىش كېرەك.ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ۋە ئۈنۈملۈك تەنتەربىيە ھەرىكىتىگە قاتنىشىش، شۇنداقلا كۆپرەك ۋاقىت سەرپ قىلىپ باشقا قىزىقارلىق پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىش كېرەك، شۇنداق قىلغاندا دىققەتنى بۇرىغىلى بولىدۇ. تەنھەرىكەت جىددىيلەشكەن نېرۋىلارنى تىنچلاندۇرىدۇ. كەيپىيات مۇقىم بولغاندىلا ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرغىلى بولىدۇ. قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش، قايتا چېكىشنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىش كېرەك. تاماكا تاشلىغاندىن كېيىن يەنە بىرنى تارتىپ قويۇش ياكى بىر تال چېكىپ سېلىش تاماكا تاشلاش مەغلۇپ بولغانغا تەڭ ئەمەس، سەۋەبىنى كۆڭۈل قويۇپ تېپىپ چىقىپ، تەكرار سادىر قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. 

تاماكا كۆيگەندە چىقىدىغان ئىستا 20 نەچچە تۈرلۈك زەھەرلىك ماددا بار بۇلۇپ ھاياتلققا بولغان زىينى ئەڭ زور بولغىنى نىكوتىن. مۇشۇ نوقىتدىن ئېيتقاندا تاماكا چىكىشنىڭ 3چوڭ زىينى بار.. 1 بىۋاستە ھاياتلىقنى ئۆلتۈرەلەيدۇ. بەزىلەر ھايۋانات تەجىربىسى ئارلىق ئادەمنى قورقۇتقۇدەك نەتىجىگە ئىرشكەن: ھەرقانچە قاۋۇل كۈچلۈك ئاتمۇ نىكوتىننى ئۇكۇل قىلىپ ئۇرۇپ، سەككىزىنچى تامچىسىنى ئۇرغاندا ناھايتى تىزلا ئۆلگەن. ناھايتى شوخ ئويناپ تۇرغان ئىتنىڭ ۋىنا تۇمۇرغا بىر تامچە نىكوتىننى ئۇكۇل قىلىپ ئۇرغاندا، ئىت ھاياتىدىن ئايىرىلغان؛ ئۇندىن باشقا بەزى ھايۋانلار ئۇزۇن مەزگىل تاماكا چەككەندىن كىيىن ئۇلارنىڭ قان تۇمۇرلىرىدا تارىيش ۋە قېتىتش ئالامەتلىرى كۆرۈلگە. 2ئادەم بەدىننىڭ ئۇزۇقلۇق تەركىبىنى بۇزالايدۇ.تاماكا چېكىش ئادەم بەنىدىكى ۋىتامىنB نىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە توسقۇنلۇق قىلالايدىغان بولۇپ، نىكوتىننىڭ ۋىتامىنB غا بىۋاسىتە بۇزغۇنچىلىق قىلىش رولى بار . ئادەم بەدىنىدە ئۇزۇن مەزگىل ۋىتامىنB كەم بولسا قان بۇزۇلۇش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ ئېھتىماللىقى بولىدۇ . 3 قوشۇمچە كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . بەدەنگە سۈمۈرۈلگەن تاماكا ئىسنىڭ نەپەس يولى ،ھەزىم قىلىش يولى قاتارلىق ئەزالارغا يامان سۈپەتلىك غىدىقلاش رولى بولىدۇ .شۇنداق بولغاچقا بەزىلەر 12 بارماق ئۈچەي ياللۇغى ۋە نەپەس يولى ياللۇغى ھەتتا ئېغىز، لەۋ، تىل، يۇتقۇنچاق، نەپەس يولى، ئۆپكە، قاتارلىق ئەزالاردا راك پەيدا قىلغۇچى ئامىل دەپ قارايدۇ .ماتېرىيالدا كۆرسىتىلىشىچە كۈنىگە 10-15تالغىچە تاماكا چېكىدىغان بىر ئادەمنىڭ ئۆپكە راكى ،ئېغىز بوشلۇقى راكى ،كېكىردەك راكىغا گىرىپتار بولۇپ ئۆلۈش نىسبىتى تاماكا چەكمەيدىغان ئادەمدىن 14ھەسسە چوڭ بولىدۇ؛ بۇ ئادەمنىڭ يۇتقۇنچاق راكىغا گىرىپتار بولۇپ ئۆلۈش نىسبىتى تاماكا چەكمەيدىغان ئادەمدىن 4ھەسسە چوڭ بولىدۇ؛ دوۋساق راكىغا گىرىپتار بولۇپ ئۆلۈش نىسبىتى 2ھەسسە چوڭ بولىدۇ؛ يۈرەك كېسىلىگە راكىغا گىرىپتار بولۇپ ئۆلۈش نىسبىتى 2ھەسسە چوڭ بولىدۇ؛ تاماكا چېكىش ئاستا خاراكتېرلىك كاناي شاخچە ياللۇغى ۋە ئۆپكە گازلىق ئىشقىنى پەيدا قىلغۇچى ئاساسى ئامىل، ئاستا خاراكتېرلىك ئۆپكە كېسەللىكلىرى، ئۆپكە ياللۇغى ۋە يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ نىسبىتىنى ئاشۇرىدۇ . تاماكا چېكىش يەنە يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى خەۋپىنى ئاشۇرىدۇ، ئۇزۇن مەزگىل تاماكا چەككۈچىلەردە ئۆپكە راكنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى تاماكا چەكمەيدىغانلارغا قارىغاندا 10-20ھەسسىگىچە چوڭ بولىدۇ، كاناي راكىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى تاماكا چەكمەيدىغانلارغا قارىغاندا 6-10ھەسسىگىچە چوڭ بولىدۇ، تاجسىمان يۈرەك كېسىلىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى 2-3ھەسسىگىچە چوڭ بولىدۇ، ئايلىنىش سىستېمىسىدا كېسەل كۆرۈلۈش نىسبىتى 3ھەسسە چوڭ بولىدۇ، كاناي يولىدا كېسەل كۆرۈلۈش نىسبىتى 2-8 ھەسسىگىچە چوڭ بولىدۇ. ئىككىلەمچى تاماكا چېكىشنىڭ زىيىنى تېخىمۇ چوڭ. ھەر كۈنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بىر سائەتتىن ئىككىلەمچى تاماكا چەككەندە ئارتېرىيە قان تومۇرلىرى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ. بىر قىسىم يولدىشى تاماكا چېكىدىغان ئاياللارنىڭ ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئادەتتىكى ئادەملەردىن 6 ھەسسە كۆپ. پۈتۈن يەر شارى بويىچە تاماكا چېكىدىغانلارنىڭ سانى بىر مىليارد 300 مىليون بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 900 مىليون ئادەم تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەللەردە.تاماكا چېكىدىغانلارنىڭ، بولۇپمۇ ياش-ئۆسمۈرلەر ئىچىدىكى تاماكا چېكىدىغانلارنىڭ سانى يىلسېرى كۆپەيمەكتە. جۇڭگودا تەخمىنەن 350مىليون تاماكا چەككۈچى بار.

 

 

لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK

خەتكۈچلەر:
28-05-2014
0
1231
يازغۇچى: ‏نائىلە
مەنبە: دەۋىر تورى
ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. ئەگەر كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
ئەگەر مەنبەسىنى ئەسكەرتمەي كۆچۈرۈپ تارقاتسىڭىز لەگلەك تورىدا ئۇچۇق ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ !.
ئىنكاسلار
ئىنكاس يېزىش
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2014
0
1692
thumb
ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 1-ئىيۇن خەۋەر قىلىشىچە، يېڭى زىللاندىيە راھەت ساقال ئالغۇچ شىركىتى يېقىندا بىر قىزىقارلىق پائالىيەت ئېلىپ بارغان، ئۇلار ناھايىتى چوڭ ساقال قويغان ئەرلەرنى ساقىلىنى ھايۋانات شەكلىدە ياساپ، ئەرل...
08-06-2014
0
533
thumb
پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسەتلىرى بەك كۆپ، ئەمما ئۇنى بىلىۋېلىش ۋە پايدىلىنىش يېتەرلىك ئەمەس ئوخشايدۇ، چۈنكى شەخسەن مەنمۇ بۇنداق ياخشى سىياسەتنىڭ بارلىقىنى يېقىندا بىلدىم ھەم ئاتا-ئانامنىڭ نوپۇسىنى 1 ئايغا يەتمىگەن ۋاقىتتا، ھېچقانداق چىقىم تارتم...
06-06-2014
0
570
thumb
ئەنگىلىيە ‹‹ شەھەر كۈندىلىك گېزىتى ›› نىڭ 2- ئىيۇندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، ئەنگىلىيەدىكى بىر چىش مايمۇن باشقا يەرگە ئېلىپ كېتىلگەن ‹‹ ئاشىقى ›› نى ئىزدەش ئۈچۈن ، ھايۋاناتلار باغچىسىدى...
02-06-2014
0
826
thumb
مىھمانخانىنىڭ ئېلانى: كارۋاتتا يېتىپ تاماكا چەكمەڭ، بولمىسا يەرگە چۈشكەن كۈل ئۆزىڭىز بولۇپ قېلىشىڭىز مومكىن.     يىلىم زاۋۇتىنىڭ ئېلانى: دەز كەتكەن يۈرەكتىن باشقا ھەرقانداق نەرسىنى چاپلىيالايدۇ.     كارۋات زاۋۇتىنى...
02-06-2014
0
427
thumb
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بايقىشىچە ، تېلېۋىزور ۋە باشقا رادىئاتسىيىلىك ئېكرانلار بىر خىل خەتەرلىك ئېنېرگىيە چىقىرىدىكەن ، كىشلەر ئۇزاق ۋاقىت ئىشىك ، دېرىزىلەرنى تاقاپ تېلېۋىزور كۆرسە ، ئاسانلا راك كېسىلىگە گىرىپتار بولىدىكەن . مۇتەخەسسىسلەر مۇندا...
01-06-2014
0
410
thumb
بوۋاقلارغا ئوكۇل سالغاندا ياكى ئۇلاردىن قان ئالغاندا ، بالىلارنىڭ ئاغرىقىنى پەسەيتىش ئۈچۈن دوختۇر ياكى ئاتا–ئانىلار دائىم بالىلارغا تاتلىق يېمەكلىكلەرنى بېرىپ ، ئۇلارنىڭ ئاغرىق ئازابىنى يېنىكلىتىشىگە ياردەم بېرىدۇ . ئەمما يېقىندا ئەنگ...
30-05-2014
0
1063
thumb
(سۈرەتتە دىنازاۋۇر تاش قاتمىسى بايقالغان نەق مەيدان )   بەيدۇ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .بىز نەزىرىمىزنى كەلگۈسىگە قارىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئۆتمۈشكىمۇ قارىتىشمىز كېرەك . يېقىندا ئىنسانلارغا مەلۇم بولغان ئەڭ چوڭ دىنوزاۋۇ...
29-05-2014
0
863
thumb
ياشلارنىڭ ئىشسىز قىلىش نېسبىتى %50 كە يەتكەن جەنۇبىي ئافرىقىدا شۇنداق بىر تۈركۈم ياشلار بار بولۇپ ، ئۇلار ئالاھىدە تىكتۈرۈلگەن قىممەت باھالىق كىيىملەرنى كىيىشىدىكەن ، نازۇ-نىممەت ، ھاراق–شاراپلارنىڭ ئەڭ ئېسىلى بىلەن داستىخان ھازىرلاپ ...
25-05-2014
0
413
thumb
گۈلمىرە مۇھەممەد   ئىشخانا، ئائىلە ۋە ئاممىۋى سورۇنلاردىكى بىر تال تاماكا قالدۇقى ئېلىپ كەلگەن ئوت ئاپىتى كىشىلەرنىڭ ھاياتىغا ۋە مال - مۈلكىگە ئېغىر زىيانلارنى ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ. ئىشخانا ھۆكۈمەت خادىملىرى، خىزمەتچىلەرنىڭ ئىككىنچى ئائ...
25-05-2014
0
484
thumb
ۋاڭيى تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .ھازىرقى جەمئىيەتتىكى كەسكىن خىرىس ۋەز تېز تۇرمۇش رېتىمى روھىي بېسىمىمىزنى بارغانسېرى ئېغىرلاشتۇرۇپ قويۇۋاتىدۇ ،بۇنداق بېسىمنى قانداق يەڭگىللىتىش كېرەك ،كورىيەدىكى بىر ئادۇۋكات ئۆزگىچىلىك يارىتىپ ،تۈر...
Powered by Kakkuk