5-ئىيۇن ، 2014-يىللىق جۇڭگو شىنجاڭ تەكلىماكاننى ئايلىنىش راللى مۇسابىقىسىنىڭ 8-باسقۇچلۇق مۇسابىقىسى قومۇلدا ئېلىپ بېرىلدى . بۇ باسقۇچلۇق مۇسابىقىدە ماھىرلار قومۇلنىڭ بوغاز يېزىسىدىن يولغا چىقىپ بوغاز كەنتىدىكى سۇ ئامبىرى ئەتراپىغا يېتىپ باردى . بۇ باسقۇچتىكى موتوسىكلىت گۇرۇپپىسىنىڭ ئالاھىدە مۇسابىقە مۇساپىسى 388 كىلومېتىر، ئاپتوموبىل گۇرۇپپىسىنىڭ ئالاھىدە مۇسابىقە مۇساپىسى 520 كىلومېتىر بولۇپ ، بۇ دۆلەت ئىچىدىكى مۇساپىسى 500 كىلومېتىردىن ئاشقان تۇنجى دالا مۇسابىقە بۆلىكى ھېسابلىنىدۇ .
لەگلەك تور تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
Copyright ©2013-2014 by www.leglek.com all rights reserved