تېڭشۈن تەنتەربىيىسى لەگلەك تورى تەرجىمىسى . تېڭشۈن تەنتەربىيىسى6-ئاينىڭ5-كۈنىدىكى خەۋىرى . دۇنيا لوڭقىسىغا ئارانلا بىر ھەپتە قالدى پۈتۈن دىققىتى بىلەن دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىۋاتقان ئارگىنتىنا كوماندىسى توغرىسىدا بەزى بىر گەپ-سۆزلەر چىقىپ قالدى.
ئىسپانىيەنىڭ«دۇنيا تەنتەربىيىسى گىزىتى»خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەڭ ياخشى دوستى بارنېگا ئارگىنتىنا كوماندىسى23كىشىلىك تىزىملىكىدىن چۈشۈپ قالغاندىن كىيىن دىمارىيا يىغلاپ كەتكەن، بۇ باش تېرنېر ساۋېللىيا كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىدىغان ئىش ئەمەس ئەلۋەتتە.
دۇنيا لوڭقىسى23كىشىلىك تىزىملىك تاپشۇرۇلىدىغان ئاخىرقى كۈنى ئارگېنتىنا كوماندىسىنىڭ تېرنېرى ساۋېللىيا تىزىملىكنى تاپشۇردى، لىكىن ۋالېنسىيە كۇلۇبىدا توپ تىپىدىغان توپچى بارنېگا ئەپسۇسلىنارلىق ھالدا چوڭ تىزىملىكتىن چۈشۈپ قالغان. «دۇنيا تەنتەربىيە گىزىتى» ئاشكارىلاپ، ساۋېللىيانىڭ بۇ قارارى ئارگىنتىنا كوماندىسىدىكى كۆپلىگەن تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان بولۇپمۇ دىمارىيا بىلەن مېسسى بۇ قاراردىن ئىنتايىن نارازى بولغان، ئىككەيلەن بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ دەرھال بارنېگانىڭ ئۆيىگە كېلىپ ئۇنىڭغا تەسەللىي بەرگەن.
«دۇنيا تەنتەربىيىسى گىزىتى» يەنە: دىمارىيانىڭ شۇۋاقىتتا يىغلاپ كەتكەنلىكىنى دىگەن بۇنىڭدىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى ئارگېنتىنالىق «پەرىشتە»نىڭ(دىمارىيانىڭ چىملىق مەيداندىكى تەخەللۇسى)بارنېگا بىلەن بولغان دوسلۇقىنىڭ ناھايىتى چوڭقۇرلىقىنى كۆرۋالغىلى بولىدۇ،
مېسسىنىڭ يىغلىغان يىغلىمىغانلىقى ئېنىق ئەمەس لىكىن بارنېگانىڭ تىزىملىكتىن چۈشۈپ قېلىشى مېسسىنىمۇ ناھايىتى ئەپسۇسلاندۇرغان. ئەمەلىيەتتە مېسسى بىلەن بارنېگانىڭ دوسلۇق مۇناسىۋىتى ئىنتايىن قۇيۇق ئىككەيلەن ھەتتا سىرداش دوسلاردىن ئىدى، «دۇنيا تەنتەربىيىسى گىزىتى»دە مېسسىنىڭ باش تېرنېرنىڭ قارارىغا قانچىلىك نارازى ئىكەنلىكىنى كۆرۋېلىش تەس ئەمەس دىدى.
ئارگېنتىنا كۈندىلىك گىزىتى《Clarin》ئاشكارىلاپ: كوللىكتىپ ئىتتىپاقلقنى كۆزدە تۇتۇپ ھازىرچە بىرەر تەنھەرىكەتچىنىڭ ساۋېللىياغا قارشى چىقىپ گەپ قىلىمىغانلىقى، كوماندا ئىچىدىمۇ ھېچقانداق ئىچكى سۈركىلىشنىڭمۇ مەۋجۇت ئەمەسلىكى، كۆپچىلىكنىڭ دۇنيا لوڭقىسى چىمپىيۇنلۇقىغا ئېرىشىشتىن ئىبارەت نىشانىنىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكىنى دىدى.
خەۋەردە يەنە بىرقىسىم تەنھەرىكەتچىلەر بىلەن تېرنېرلار گۇرۇپپىسى ئوتتۇرىسىدا ئاللىبۇرۇن ھىسيات جەھەتتە سۈركىلىش پەيدا بولغانلىقى بۇ ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپ پەيدا بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ دىدى. نۆۋەتتە بۇ ئىشلار دۇنيا لوڭقىسى ئۈچۈن تىنىچ ھالەتنى ساقلاپ قېلىۋاتىدۇ، ناۋادا نەتىجە كۆڭۈلدىكىدەك بولمىسا ئۇ چاغدا«يانار تاغ» پارتىلىدى دىگەن گەپ.
لەگلەك تور تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
Copyright ©2013-2014 by www.leglek.com all rights reserved