39 ساغلاملىق تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .بۇرۇن ياللۇغىغا گىرىپتار بولغۇچىلار دوختۇرنىڭ دىئاگنوزىغا قارىمايلا دائىم بىر قىسىم دورىلارنى ئىشلىتىپ ئادەتلەنگەن، لېكىن بۇرۇن ياللۇغىنىڭ كېلىنىكىدىكى ئالامەتلىرى ئوخشىمايدۇ، شۇڭا قالايمىقان دورا ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
بۇرۇن ياللۇغىمۇ تۈرگە ئايرىلىدىغان بولۇپ، جىددىي خاراكتېرلىك بۇرۇن ياللۇغىنى ئاساسلىقى بۇرۇن باكتېرىيەسى، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر پەيدا قىلىدۇ، بۇنىڭدا بۇرۇن قۇرغاقلىشىش، چۈشكۈرۈش، بۇرۇن توسۇلۇش، ئېغىر بولغاندا بۇرۇندىن سۇ ئېقىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، شۇڭا يېمەكلىككە دىققەت قىلغاندىن سىرت، قالايمىقان دورا ئىشلەتمەسلىك كېرەك.
ئاستا خاراكتېرلىك بۇرۇن ياللۇغىنى ئاساسلىقى بۇرۇن ياللۇغىنىڭ قايتا-قايتا قوزغىلىشى سەۋەبلىك كېلىپ چىقىدىغان بولۇپ، بۇرۇن توسۇلۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. زىيادە سەزگۈرچان بۇرۇن ياللۇغىدا يۇقۇملۇق زۇكامغا ئوخشاش ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.بۇرۇن ياللۇغىنىڭ يەنە باشقا خاراكتېرلىكلىرىمۇ بولۇپ، ئالامىتى بىر-بىرىگە ئوخشاشمايدۇ، شۇڭا ئېغىر ئەھۋالنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قالايمىقان دورا يېمەسلىك كېرەك.
سوزۇلما خاراكتېرلىك بۇرۇن ياللۇغى -بۇ خىل كېسەل ئىرسىيەت ئامىلى ۋە باشقا ھەر خىل سەۋەبلەر، يەنى چاڭ - تۇزان، سېسىق پۇراق، ئىس - تۈتەكلەرنىڭ غىدىقلىشى، زۇكام ۋە بەزى يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ ئاسارىتى، سوغۇق ئۆتۈش قاتارلىقلارنىڭ تەسىرىدە بۇرۇن ئىچكى پەردىسىنىڭ ئىششىپ قېلىشىدىن پەيدا بولىدىغان سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەل بولۇپ، ئۇنىڭدا بۇرۇن ئىچى قىزىرىش، قىچىشىش، ئاغرىش، بەزىدە ئومۇمىي بەدەن قىزىش، دىماغ پۈتۈش، باش چىڭقىلىپ ئاغرىش، چۈشكۈرۈش، بۇرۇن شىللىق پەردىلىرى قېرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.بۇرۇن ياللۇغى بىمارلىرىغا ياقىدىغان يېمەكلىكلەر. چامغۇر، بادام، نىلۇپەر ئۇرۇقى، پېدىگەن، پۇرچاق ئۈندۈرمىسى.
پەرھىز قىلىنىدىغان يېمەكلىكلەر- ئاچچىق - چۈچۈك، يەللىك يېمەكلىكلەر، مەسىلەن، قىزىلمۇچ، ئاق مۇچ، قارىمۇچ، خام زەنجىۋىل، پىياز. بۇ يېمەكلىكلەر ياللۇغنى كۈچەيتىۋېتىدۇ. ھاراق، تاماكىنى قەتئىي تاشلاپ، سوغۇق ئىچىملىكلەرنى ئىمكانقەدەر ئاز ئىستېمال قىلىش كېرەك. ياغلىق يېمەكلىكلەرنى ئاز ئىستېمال قىلىش كېرەك، بولمىسا ياللۇغنىڭ ساقىيىشىنى قېيىنلاشتۇرىۋېتىدۇ. كالا گۆشىنى ئاز ئىستېمال قىلىش، تۇزلۇق يېمەكلىكلەردىن پەرھىز تۇتۇش كېرەك.
ئەمەلىيەتتە سىزنىڭ ئېغىزىڭىزنىڭ پۇرايدىغان ياكى پۇرىمايدىغانلىقىغا قاراپ بۇرۇن ياللۇغىغا ھۆكۈم قىلغىلىمۇ بولىدۇ .ساغلام كىشىلەر ئەگەر ئېغىز بوشلۇقى تازىلىقىغا دىققەت قىلغاندا، نەپەسلىنىش جەريانىدا ئادەتتە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان ئالاھىدە پۇراق چىقارمايدۇ. ئەمما ئېغىز بوشلۇقى، نەپەس يوللىرىدا ياكى مەلۇم بىر ئىچكى ئەزادا كېسەللىك بولسا، ھەرخىل پۇراق چىقىشى مۇمكىن.
مەسلەن بېلىق سېسىقى پۇرىقى: نەپەسلەنگەندە سېسىق پۇراق چىقىدۇ. ئاشقازاندا مەسىلە بارلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. چىش ئەتراپى ياللۇغى، ئېغىز بوشلۇقى شەلۋەرەش، قۇرۇت يېگەن چىش كامېرىدا قېلىپ قالغان يېمەكلىك قالدۇقىنىڭ چىرىشى قاتارلىقلار سېسىق پۇراق چىقىرىدۇ. يېگىلەش خاراكتېرلىك بۇرۇن ياللۇغى، بۇرۇن ئۆسمىسى، دائىرە خاراكتېرلىك ياللۇغلىنىش سەۋەبلىك، ئاجرىتىپ چىقىرىدىغان ماددىلار كۆپ بولۇپ، ئىچىدە كۆپلىگەن يىرىڭ ۋە ئۆلگەن توقۇلمىلار شۇنداقلا باكتىريەلەر بولىدۇ، بۇرۇن بىلەن نەپەسلەنگەن ۋاقىتتا، بۇرۇن بوشلۇقىدىن كىشىنى بىزار قىلىدىغان بىرخىل پۇراق چىقىدۇ.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
Copyright ©2013-2014 by www.leglek.com all rights reserved