ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 28-ماي ئامېرىكا ۋېست پوئىنت ھەربىي مەكتىپىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا نۇتۇق سۆزلەپ، ئۆزىنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىدىكى تەپەككۇرى ۋە يۆنىلىشىنى ئومۇميۈزلۈك شەرھىيلىدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئوباماغا قارشى تۇرغۇچىلار تەنقىد كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئۇنى سۇرىيە ، ئوكرائىنا قاتارلىق مەسىلىلەردە قاتتىق بولمىدى، كەسكىن بولمىدى دەپ تەنقىد قىلدى، تەھلىلچى ئەربابلار مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئوبامانىڭ بۇ قېتىمقى نۇتقىدىن ئۇنىڭ ئۆزى ئۆزىنى ئاقلاشتەك جىددىي كەيپىياتى ئايان بولدى، ئۇ ھەم يەككىچىلىكنى رەت قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ رەھبەرلىك ئورنىنى قوغدىماقچى بولدى ھەم بىۋاسىتە ھەربىي ئارىلىشىشتىن ئىمكان قەدەر ساقلانماقچى، ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ كۈچىدىن تېخىمۇ كۆپرەك پايدىلانماقچى بولدى، ئەمما ئۇنىڭ ئوتتۇرا يولدىكى بۇ ئۇرۇنۇشلىرى يەنىلا گۇمان سادالىرىنى تۈگىتەلمىدى.
40 نەچچە مىنۇتلۇق نۇتۇقتا ئوباما ئامېرىكىنىڭ خەلقئارا ئىشلاردىكى رەھبەرلىك رولىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى، ئەمما ئۇ ئامېرىكىنىڭ بىۋاسىتە ھەربىي ھەرىكەتكە ئارىلاشماسلىقى كېرەكلىكى، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى توقۇنۇش ۋە ماجىرالارنى خەلقئارا ھەمكارلىق ۋە دىپلوماتىيە ۋاسىتىسى ئارقىلىق ھەل قىلىش كېرەكلىكىنى بەكرەك تەكىتلىدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىراق ۋە ئافغانىستان ئۇرۇشى شۇنداقلا يەر شارى پۇل مۇئامىلە كىرزىسىنىڭ تەسىرىدە ئامېرىكىنىڭ خەلقئارا ئىشلاردىكى رەھبەرلىك رولى ئومۇميۈزلۈك گۇمان قوزغىدى، نۇرغۇن ئامېرىكا پۇقرالىرى: ئامېرىكىنىڭ دۇنيانىڭ رەھبىرى بولۇشتەك بۇ مۈشكۈل ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئېلىش ئىقتىدارى بارمۇ يوق دېگەن سوئالنى سورىماي تۇرالمىدى.
ئوباما بۇنداق گۇمانلارغا قارىتا نۇتقىدا: ئامېرىكا دۇنيا سەھنىسىدە رەھبەرلىك ئورنىنى ساقلىشى كېرەك، دېدى ئۇ يەنە ئامېرىكا زاۋاللىق ياكى يەر شارىدىكى رەھبەرلىك ئورنىنى يوقۇتۇش گىردابىغا بېرىپ قالدى دەپ قارىغانلارغا رەددىيە بېرىپ: ئۇلار پارتىيە گۇرۇھلارنىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتۈپ ۋەزىيەتنى خاتا يولغا باشلىدى دېدى.
ئامېرىكىدىكى نۇرغۇن سىياسىي تەھلىلچىلەر ئوبامانىڭ يوقارقى ئاقلىشىنى ئېتىراپ قىلمىدى، ئامېرىكىدىكى داڭلىق ئەقىل ئامبىرى بىروكىڭىس جەمئىيىتىنىڭ خەلقئارا مەسىلە مۇتەخەسسىسى رايت باھا بېرىپ مۇنداق دېدى: ئابامانىڭ بىر چوڭ خاتالىقى شۇكى ئۇ ئامېرىكىنىڭ خەلقئارا تەرتىپدىكى رەھبەرلىك ئورنىنى غەيرى ھەربىي ۋاستە ئارقىلىق قانداق قوغداش ھەققىدە چۈشەندۈرۈش بەرمىدى.
ئوباما ھەربىي مەكتەپتە نۇتۇق سۆزلەشتىن بىر كۈن بۇرۇن ئافغانىستان ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش لايىھەسىنى جاكارلىدى، ئامېرىكا بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئۇرۇش قىلىش قىسىمى پىلان بويىچە بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا ئافغانىستاندىن چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن ئامېرىكا بۇ دۆلەتتە تەخمىنەن 9800 ئامېرىكا ئەسكىرىنى مەشىق قىلىش ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋەزىپىسى ئىجرا قىلىشقا قالدۇرۇپ قويماقچى ئىدى.
ئوباما نۇتقىدا قورال كۈچى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىشتەك دىپلوماتىيە فاڭجېنىنى تەكىتلىدى، ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكانىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ئېھتىياجلىق بولغاندا، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلى تەھدىتكە ئۇچرىغاندا، ئىتتىپاقداشلار خەۋپكە ئۇچرىغاندا ئاندىن مەن قورال كۈچى ئىشلىتىشنى تەشەببۇس قىلىمەن، ئامېرىكىغا بىۋاسىتە تەھدىت ئېلىپ كەلمەيدىغان خەلقئارا توقۇنۇش ۋە ماجىرالارغا قارىتا ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ۋە شېرىك دۆلەتلەر ماس ھەرىكەتكە كېلىپ، دىپلوماتىيە، قانۇن ۋە ئىقتىسادىي جازا قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىدۇ.
ئوباما يەنە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يەككىچىلىك ۋە ھەربىي ئارىلىشىش ئارىسىدا يەنە چوقۇم بىر يول بار، ئامېرىكا دىپلوماتىيە سىياسىتىدە دەل مۇشۇ يولنى تېپىپ چىقىشقا مۇھتاج.
ئەمما بىروكىڭىس جەمئىيىتىنىڭ خەلقئارا مەسىلىدىكى مۇتەخەسسىسى رايت مۇنداق دەپ قارىدى: خەلقئارا ئىشلارنى غەيرى ھەربىي ۋاستە ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىش مەسىلىسىدە ئوباما ئېغىر خاتالىق ئۆتكۈزدى، بۇ توسۇش ۋاسىتىسى بولغان ھەربىي ئەمەلىي كۈچ بىلەن ئەمەلىي قورال ئىشلىتىش ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى قالايمىقانلاشتۇرىۋەتتى.
ئوباما تېررورلۇق ھەققىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتە ئەڭ چوڭ تەھدىت ھوقۇق مەركەزلەشكەن بازا تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى قاتلىمىدىن ئەمەس بەلكى بۇ تەشكىلاتنىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەرگە تارالغان تارماق تەشكىلاتلىرى ۋە باشقا ئەسەبى كۈچلەردىن كېلىۋاتىدۇ، بۇ ئۆزگىرىش 11-سېنتەبىر ۋەقەسىگە ئوخشاش زور كۆلەملىك تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكىنى ئازايتقان بولسىمۇ ئەمما ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ چەتئەللەردە تەھدىتكە ئۇچراش نىسبىتىنى ئاشۇرىۋەتتى، ئۇ ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: يىراق بولمىغان كەلگۈسىدە تېررورلۇق يەنىلا ئامېرىكىغا بىۋاسىتە تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ.
ئوباما مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ئىراق ۋە ئافغانىستان ئۇرۇشىدىن ساۋاق ئېلىپ، بىۋاسىتە قورال كۈچى ئارقىلىق ئارلىشىشتەك تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش فاڭجېنىدا بۇرۇلۇش ياسىشى كېرەك، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ پارلامېنتقا 5 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلىپ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىق فوندى تەسىس قىلىپ،ئۇنى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتىكى شېرىك دۆلەتلەرنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.
تەھلىلچى ئەربابلار مۇنداق دەپ قارىدى: ئوبامانىڭ ئوتتۇرا يولى ئۆز ئەمەلىي كۈچى ئاجىزلاۋاتقان، دۆلەت ئىچىدە ئۇرۇشتىن بىزار بولۇش كەيپىياتى كۈچىيىۋاتقان ۋە خەلقئارا ۋەزىيەتتە چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان ئەھۋالدا چىقىرىلغان تاللاش، ئۇنىڭ ئۆز مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارلىشىشتىن باش تارتماسلىق مەيدانىدا تۈپتىن ئۆزگىرىش بولغىنى يوق، ئۇ پەقەت ئۇسۇلى ۋە ۋاسىتىسىنى تەڭشىدى خالاس.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved