ئالما شىركىتى 2014-مالىيە يىلىدا 29 شىركەتنى سېتىۋالدى

چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تۈنۈگۈن، ئالما شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى تىم كوك شىركەتنىڭ 3-پەسىللىك مالىيە دوكلاتى تېلېفون يىغىنىدا، ئۆتكەن توققۇز ئاي ۋاقىت ئىچىدە، ئۇلارنىڭ جەمئىي 29 شىركەتنى سېتىۋالغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. بىراق، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم شىركەتلارنى سېتىۋېلىش ئىشى كۆپچىلىككە تازا ئېنىق ئەمەسكەن. مەلۇم بولىشىچە، يېقىنىقى بەش قېتىملىق سېتىۋېلىش سودىسىدا پەقەت LuxVue Technology ۋە Spotsetter شىركىتىنىلا ئېلان قىلىپ، قالغان ئۈچ شىركەتنى تېخى ئېلان قىلمىغان، 5-ئايدا سېتىۋالغان Beats شىركىتىمۇ سېتىۋېلىش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلمىگەن، بۇنداق بولۇشنىڭ سەۋەبى ئالما شىركىتىنىڭ تارىخىدىكى ئەڭ قىممەت ھىساپلانغان بۇ سېتىۋېلىش سودىسى 4-پەسىللىك مالىيە دوكلاتى ئاخىرلاشقاندا ئاندىن رەسمىي تولۇق تاماملىنىدىكەن.

 


بۇ يىلنىڭ بېشىدا، ئالما شىركىتى سۈرەت تارتىش ئەپ دېتاللىرى شىركىتى SnappyLabs ۋە Testflight iOS beta نى ئۆلچەش-سىناش سۇپىسى شىركىتى TBurstly نى سېتىۋالدى. باشقا شىركەتلەرنى سېتىۋېلىش سودىسى ئاساسەن ئۆتكەن يىلى ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، بۇلار ئاساسلىقى خەرىتە مۇلازىمىتىگە مۇناسىۋەتلىك شىركەتلەردۇر. ئۆتكەن يىلى سېتىۋېلىنغان خەرىتە مۇلازىمىتى شىركەتلىرىدىن BroadMAp、EMBArk、HotStop、Locationary،WiFiSlam, قاتارلىق شىركەتلەر بار، ئۇندىن باشقا ئالما سېتىۋالغان شىركەتلەردىن يەنە 3D شىركىتى PrimeSense ، تىل ياردەمچىسى شىركىتى Novauris قاتارلىق داڭلىق شىركەتلەر بار.

 


ناھايىتى ئېنىقكى، ئالمىنىڭ بۇ سېتىۋېلىش ھەركەتلىرى كەلگۈسىدە ئالما شىركىتىنىڭ مەھسۇلات سۈپىتى ۋە مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. مەسىلەن ، ئالما سېتىۋېلىش ھەركىتى ئارقىلىق iOS 8نىڭ خەرىتە مۇلازىمەت ئەپلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈردى ۋە بىر قىسىم يېڭى ئىقتىدارلارنى قوشتى.


بۇندىن باشقا ، تىم كوكنىڭ مالىيە دوكلاتى يىغىنىدا يەنە دىيىشىچە، ئالما شىركىتى يەنە بىر قانچە شىركەتنى سېتىۋېلىش ئۈستىدە ئىزدىنىۋېتىپتۇ. ئۇنىڭ دىيىشىچە، ئالما شىركىتى ھەر قېتىملىق سېتىۋېلىش ھەركىتىنى ئېلىپ بارغاندا ئەڭ مۇھىمى سېتىۋالغاندىن كېيىنكى تەرەققىيات پۇرسىتىنى كۆزلەيدىكەن.



خەتكۈچلەر:
31-07-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
10-06-2016
ۋال كوچىسى 10-ئىيۇن خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     يېمەكلىك باھاسنىڭ تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ، جۇڭگونىڭ 5-ئايلىق ئىستېمال پۇل پاخاللىقى 8 ئايدىن بۇيان تۇنجى قېتىم پەسىيىپ، سىياسەت تۈزگۈچىلەرگە پۇل سىياسىتىنى قويۇپ بېرىشك...
10-06-2016
ۋال كوچىسى 10-ئىيۇن خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئاپتوموبىل كەسپىدىكى ئۈچ چوڭ تەمىنلەش سودىگىرى پۈتكۈل دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىككى ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش بازىسى-جۇڭگو ۋە مېكسىكىغا جەمئىي 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېق...
30-05-2016
خېشۈن تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     بۇ دۈشەنبە كۈنى بازاردا %99.5 لىك ھەر ئۇنسىيە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى 1253.25 دوللار بولغان ئىدى، ئەمما قىسقىغىنا بەش سودا كۈنىدە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى 40 دولل...
28-05-2016
    جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسى: جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسىنىڭ دۇنيادىكى بىرىنچى چوڭ بانكا دېگەن نامى بار. ئىسىمدىنلا ئۇنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ماتېرىيالدا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسىنىڭ ئومۇمىي مۈلۈ...
28-05-2016
    تاراتقۇلارنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو موسكۋا-قازان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۈرىنى 4 تىرىليون رۇبلى قەرز بېرىشكە قوشۇلغان،  ھەتتا رۇسىيەنىڭ كاپالەت بېرىشىنى تەلەپ قىلمىغان.     5-ئاينىڭ 26-كۈنى رۇسى...
28-05-2016
    شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 5-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى خەۋىرى، قازاقىستان زۇڭلىسى ماسىموۋ  بىلەن ئالى بابا گوروھىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى مايۈننىڭ گۇۋاھلىقى ئاستىدا، قازاقىستان دۆلەتلىك ئىگىلىك ھوقۇقى بايلىق فوندى، قازاقىستان تېلې...
28-05-2016
    شىنخۇا تورى، 27-ماي خەۋىرى. بىر قانچە كۈن بۇرۇن تورداشلار باففېتنىڭ قۇلىدا ئالـما شىركىتىنىڭ قىممىتى 1 مىلياردتىن دوللاردىن ئاشىدىغان پاي چېكى بارلىقىنى ئېيتىپ ئۆتۈشكەن ئىدى، بۈگۈن بۇ پايچىكى ئۆز كارامىتىنى كۆرسەتكەن بولۇپ، ئا...
27-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     بىلۇمبېرىگ ئاگېنتلىقىنىڭ 5- ئاينىڭ 26- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، جۇڭگو زور مەبلەغ بىلەن ھالسىرىغان خەلق پۇلىنى قوللىغانلىقتىن، گېرمانىيە 2...
27-05-2016
پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى تورىنىڭ 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئىناۋەت باھالاش ئورگىنى مۇدىي (Moody’s) نىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ مالىيە كېلەچىكى رېكورت ياراتقان سۈرئەتتە يامانلاشقان، 2008-يىلدىكى پۇل-مۇ...
27-05-2016
شىنخۇا تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     جۇڭگو مالىيە مىنىسترىلىقى 26- ماي لوندوندا 3 مىليارد يۈەنلىك خەلق پۇلى زايومى تارقاتقانلىقىنى جاكارلىغان بولۇپ، بۇ زايومنىڭ مۇددىتى 3 يىل، ئۆسۈمى %3....
Powered by Leglek