فىرانسىيە زۇڭتۇڭى خوللاند 6 – دېكابىر رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن موسكۋادا كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە بەزى ئىجابىي نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلدى

فىرانسىيە زۇڭتۇڭى خوللاند 6 – دېكابىر رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن موسكۋادا كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە بەزى ئىجابىي نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلدى.
تەھلىلچىلەر مۇنداق قارىدى: ئۇكرائىنا كىرىزىسى ئۇزاققا سوزۇلۇپ ھەل بولمىغان، رۇسىيە ئامېرىكا بىلەن ياۋروپانىڭ جازا يۈرگۈزۈشى ۋە يېتىم قالدۇرۇشى نەتىجىسىدە قىيىن ئەھۋالدا قالغان، فىرانسىيەنىڭ ئىچكى سىياسىي ۋەزىيىتىدە ئۆزگىرىش يۈز بېرىۋاتقان ئەھۋالدا، خوللاندنىڭ ئويلىمىغان يەردىن رۇسىيەدە زىيارەتتە بولۇشى ‹‹دەل ۋاقتىدا›› بولدى، بۇنىڭدىن رۇسىيە بىلەن فىرانسىيە تەڭ نەپكە ئېرىشىدۇ، بۇنىڭ رايون جىددىي ۋەزىيىتىنى پەسەيتىشكە ئاز – تولا ياردىمى بولىدۇ.

 


ئۇكرائىنا كىرىزىسى مۇھىم نۇقتا

 


خوللاند 6 – دېكابىر قازاقىستان پايتەختى ئاستانەدىن پارىژغا قايتىش سەپىرىدە موسكۋادا توختاپ، پۇتىن بىلەن ۋنۇكوۋو ئايروپورتىدا ئىككى سائەت سۆھبەتلەشتى، ئىككى تەرەپ ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى ھەل قىلىش توغرىسىدا مۇئەييەن ئورتاق تونۇشقا كەلدى.


خوللاند مۇنداق دېدى: ئۇكرائىنا كىرىزىسىدە توقۇنۇشۇۋاتقان ئىككى تەرەپ ھازىرقى شارائىتلاردىن تولۇق پايدىلىنىپ كىرىزىسنى تۈگىتىشى؛ مىنىسكى كېلىشىمىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئۇرۇشنى پۈتۈنلەي توختىتىشى كېرەك. توقۇنۇشۇۋاتقان ئىككى تەرەپ بەلگىلىمە بويىچە ئەسىرلەرنى ئالماشتۇرۇشى، ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا، سىياسىي جەھەتتە سۆھبەتلىشىشى كېرەك.


پۇتىن مۇنداق دېدى: ئۇكرائىنا كىرىزىسى سەۋەبلىك تالاپەت ئۈزلۈكسىز كۆپىيىپ، تىراگېدىيە كۆرۈلۈۋاتىدۇ. بىز قانلىق توقۇنۇشنى تېز توختىتىپ، ئۇكرائىنا تەۋەلىكىدە بىرلىككە كەلگەن سىياسىي مۇھىت يارىتىشقا قوشۇلىمىز. فىرانسىيە بىلەن ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى ھەل قىلىشقا قاتنىشىۋاتقان غەربتىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ توقۇنۇشۇۋاتقان ئىككى تەرەپنى ئەسىرلەرنى ئالماشتۇرۇشقا كېلىشتۈرۈشكە يەنىمۇ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى پوروشېنكو 6 – دېكابىر مۇنداق دېدى: دەسلەپكى قەدەمدە تۈزگەن كېلىشىم بويىچە، تەرەپلەر 9 – دېكابىر بېلارۇسىيە پايتەختى مىنىسكىدا قايتا سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ، بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە ئىلگىرى ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمنىڭ تەپسىلىي پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى بېكىتىشنى ئۈمىد قىلىمەن.


تەھلىلچىلەر مۇنداق قارىدى: فىرانسىيە بىلەن رۇسىيە رەھبەرلىرى 9 – دېكابىر ئۆتكۈزۈلىدىغان مىنىسكى سۆھبىتىدىن بۇرۇن ئۇچراشتى، ئۇلار پەيتنى ناھايىتى ياخشى تاللىدى دېيىشكە بولىدۇ، ئىككى رەھبەر ئاساسەن ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى ھەل قىلىش مەقسىتىدە ئۇچراشتى.


خوللاند مۇنداق دېدى: پۇتىن بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، مىنىسكى كېلىشىمىنىڭ ئۈنۈمىنى ھەقىقىي مۇئەييەنلەشتۈردۇق ھەم چېگرا رايوننى باشقۇرۇش – تىزگىنلەش قاتارلىق مەسىلىلەردە بەزى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. لېكىن، ئۇكرائىنا كىرىزىسىدە توقۇنۇشۇۋاتقان ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي جەھەتتە سۆزلىشىشى يەنىلا قىيىن بولۇپ، بۇنىڭغا خېلى ۋاقىت كېتىدۇ.

 


فىرانسىيەنىڭ تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇش

 


فىرانسىيەدىكى تاراتقۇلار مۇنداق دېدى: خوللاند ئۇكرائىنا كىرىزىسى كۈچەيگەندىن بۇيان موسكۋاغا زىيارەتكە بارغان غەربتىكى ئاساسلىق دۆلەتنىڭ تۇنجى رەھبىرى. بۇ قېتىم فىرانسىيە بىلەن رۇسىيە رەھبەرلىرىنىڭ تۇيۇقسىز ئۇچرىشىشىنى فرانسىيە تەۋسىيە قىلغان.


فىرانسىيە ‹‹فىگارو گېزىتى››نىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىش قارىماققا تۇيۇقسىز بىلىنسىمۇ، بۇ ئىش ئاللىبۇرۇن پىلانغا كىرگۈزۈلگەن. فىرانسىيە زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى ئىزچىل خوللاندنىڭ موسكۋادا زىيارەتتە بولۇشى ئۈچۈن مۇۋاپىق پەيتنى كۈتكەن.


بۇ يىل 6 – ئايدا ئۇكرائىنا كىرىزىسى يەنىمۇ كەسكىنلىشىپ، رۇسىيە بىلەن غەرب ئەللىرىنىڭ توقۇنۇشى كۈچەيدى. خوللاند پۇتىننى فىرانسىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان نورماندىيەدە قۇرۇقلۇققا چىقىشنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا ئالاھىدە تەكلىپ قىلىپ، دىپلوماتىيە سەھنىسى ھازىرلاپ، تەرەپلەرگە ئۇكرائىنا كىرىزىسى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇش پۇرسىتى ياراتتى. مۇراسىم ئۆتكۈزۈلۈشتىن بىر كۈن بۇرۇن پۇتىن فىرانسىيەدە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما، فىرانسىيە زۇڭتۇڭى خوللاند، گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىل، ئەنگلىيە باش ۋەزىرى كامېرون ۋە ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى پوروشېنكو بىلەن ئايرىم – ئايرىم ئۇكرائىنا كىرىزىسى توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزدى. بۇ، تاراتقۇلارنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى تارتتى.


غەربتىكى دۆلەتلەرنىڭ بېسىمىغا ئۇچراۋاتقان رۇسىيەگە نىسبەتەن، خوللاندنىڭ بۇ قېتىم زىيارەتكە كېلىشى دەل ۋاقتىدا بولدى، بۇ تاشقى مۇھىتنى ۋە رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا، ياۋروپا ئوتتۇرىسىدىكى جىددىي مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشقا ھەم ئۇكرائىنا كرىزىسىنى پەسەيتىشكە پايدىلىق.



خەتكۈچلەر:
15-12-2014
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-03-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى روگوزىن فېدېراتسىيە كومىتېت ئەزالىرى يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:...
07-03-2016
ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2-ئىيۇل ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر 12-ئايغىچە، ياپونىيەدە مەملىكەت بويىچە ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغان ئائىلە سانى 1 مىليون 634 مىڭ ئائىلىدىن ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى قىممەتنى يارا...
07-03-2016
شىنخۇا تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى ئىراقنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى بابىلۇن ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە مەركىزى شىلا شەھىرىدىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتى شۇ جاي ۋاقتى 6- مارت چۈشتىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتېرلىك پارت...
02-03-2016
ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ئاساسي قانۇن مەھكىمىسى 1-مارت پايتەخت بانگىدا، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق زۇڭلىسى، مۇستەقىل سايلام نامزاتى تۇۋادرانىڭ 2-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىدا %62.69 ئاۋازغا ئېرىشىپ، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇريىتىنىڭ...
02-03-2016
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى،موسكىۋا،27-فېۋرال تېلىگىراممىسى:روسىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقى27-فېۋرال مۇنۇلارنى بىلدۈردى:روسىيەنىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگىي لاۋروف ۋە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كاتىپى جون كېررى سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىلغانلىقىد...
22-02-2016
سىنا تورى خەۋىرى، باغداش تورى تەرجىمىسى: چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ 21 - فېۋرال تەمىنلىگەن سۈرەتلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئېن يېقىندا چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسى ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ ئۇچۇش مەشىقىنى كۆزدىن كەچ...
12-02-2016
   فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فرانسىيىنىڭ غەربىدىكى چاررىنت ئۆلكىسىدە 11 -فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن مەكتەپ ئاپتوبۇسى بىلەن يۈك ئاپتوموبىلى سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەدە ئالتە ئادەم قازا قىلىپ، ئۈ...
12-02-2016
   مېكسىكىنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى بىر تۈرمىدە شۇ جاي ۋاقتى 11- فىۋرال زور كۆلەملىك قالايمىقانچىلىق كۆرۈلۈپ، ئاز دېگەندە 52 ئادەم قازا قىلىپ، 12 ئادەم يارىلانغان. يەرلىك دائىرلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى قالايمىقانچىلىق ئىككى قار...
12-02-2016
پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى مەزگىلىدە، ياۋروپا رايونىنىڭ شىمالىدىكى ئەزا دۆلەتلەر غايەت زور سوممىدا ياردەم تەمىنلەپ، ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ بارلىق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماي ياۋرونى قۇتقۇزۇش ۋەدىسىنى قوللاپ، جەنۇبتىكى قوشنىلىرىنى قۇتقۇزۇپ...
12-02-2016
    شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىبى سىتولتىنبېرىگ 11- فىۋرال شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش شىتابىدا مۇنداق دېگەن: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دېڭىز ئۈستى ھەربىي كۈچلىرىنى ئەۋەتىپ، ياۋروپا ئ...
Powered by Leglek