خام ماتېرىيالى: ئۇن، گۆش، دۈمبە ياغ، غولپىياز، سامساق، پەمىدۇر، پالەك شولتا، (پىڭخۇي)
تەم خۇرۇچلىرى: تۇز، كاۋاۋىچىن، زەنجىۋىل، قارىمۇچ، ئاچچىقسۇ.
تەييارلاش ئۇسۇلى: خېمىرنى ئېتىنى نورمال قىلىپ خېمىر يۇغۇرۋالىمىز.
قازانغا سۇ قۇيۇپ قوينىڭ سۆڭەكلىرىنى چېقىپ، بىر جىڭ ئەتراپىدا پۈتۈن گۆشنى سۇغا سېلىپ قاينىغاندە كۆپۈكلىرىنى ئېلىپ بوش ئوتتا قاينىتىپ گۆشنى سۈزۈۋالىمىز، سۆڭەك قانچە ئۇزۇن قاينىسا شۇنچە ياخشى. گۆش پىشۇرۇلۇپ يالپاغداپ توغراپ قويۇلىدۇ، شورپا قايناپ تۇرىدۇ.
دۈمبە ياغ ئۇششاق توغرۇلۇپ قازانغا سېلىپ كۆيدۈرۈپ چىگدەكلىرى سۇزۋېلىنىپ، ياغقا غولپىياز، قىزىلمۇچ ئۇنى، سامساق سېلىپ ئازراق قورۇپ بىر قاچىغا ئېلىپ قويىمىز.
چۆپىنى پىشۇرۇش ئۇسۇلى:
قازانغا كۆپرەك سۇ قۇيۇپ قاينىشىغا ئۈلگۈرتۈپ خېمىرغا شولتا (پىڭخۇي) بېرىپ ئىشلەپ ئىككى قولىمىزغا ئېلىپ بىر ئوڭ بىر سول چۆرۈپ خېمىرنى تەڭشەيمىز. ئاندىن ئاشتاختا ئۈستىگە ئېلىپ تەكشى يۇمىلىتىپ. ئۈستىگە ئۇن چېچىپ تارتىپ تەكرار تارتىش ئارقىلىق ئىنچىكىلىتىمىز. ھەر بىر قېتىم تەكرارلىغاندا ئۇن چېچىپ تۇرىمىز. تەكشى ئىنچىكە بولغاندا قايناۋاتقان قازانغا سېلىپ 2 مىنۇت ئەتراپىدا قاينىتىپ سۇزۋېلىپ مۇزدەك سۇدا 3 قېتىم چايقاپ سۇلىرىنى سارقىتىپ تەييارلاپ قويىمىز.
شورپىسىنى تەڭشەش: قازاندىكى سۆڭەكلەرنى پاكىز سۈزىۋېتىپ، تۇز، زەنجىۋىل، كاۋاۋېچىن سېلىپ تۇز تەمىنى تېتىپ، پەمىدۇر، سامساق، غولپىيازلارنى سېلىپ، ئاندىن تەييارلاپ قۇيۇلغان دۈمبە ياغدىن مۇۋاپىق سېلىپ، ئازراق ئاچچىقسۇ قۇيۇپ تەڭشەيمىز.
تەييارلانغان چۆپنى چىنىگە يېرىم ئېلىپ ئۇستىگە نىپىز يالپاقلانغان گۆش، پالەكنى سېلىپ تەييارلانغان شورپىدا قىزىتىپ ئاندىن مۇۋاپىق شورپا قۇيۇپ ئۇستىگە قارمۇچ سېپىپ ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.
ئەسكەرتىش: ئائىلىلەردە خېمىرنى چىڭراق يۇغۇرۇپ چۆپ كېسىش ماشىنىسىدا ئىنچىكە كېسىپ يۇقىرقى ئۇسۇل بويىچە تەييارلىساقمۇ بولىدۇ.
ئالاھىدىلىكى: كۇچا سۇيۇقئېشى ـــ شورپىسى يېڭى، سۈزۈك، مەززىلىك، يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە ئەنئەنىۋى ئەتىگەنلىك تائاملارنىڭ بىرى بولۇپ، يوتازا ياكى كىچىك بولاق مانتا بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىنىدۇ.
كۇچا سۇيۇق ئېشى 2011-شىنجاڭنىڭ كۈندىلىك داڭلىق يېمەكلىكى بولۇپ باھالانغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved