12-ئاينىڭ 12-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت بىردىن 40 مىنۇتلار ئۆتكەندە، باجۇڭ شەھىرى باجۇۋ رايونى گېنىرال چوڭ كوچىسىدا قاتناش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، پاسكىنا سۇلارنى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتى يۆنىلىشىگە قاراپ كېتىۋاتقان 1-يول ئاپتوبۇسى پىيادىلەر يولىنى كېسىپ ئۆتۈپ كېتىۋاتقان 50 ياشلاردىكى بىر ئايالنى سوقۇپ ئۆلتۈرۈپ قويغان. نۆۋەتتە قاتناش ساقچى تارماقلىرى بۇ ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرمەكتە.
< ئەينى چاغدا مەن ئۆيگە قايتىش ئۈچۈن ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيداندىن ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتىم، تۇيۇقسىز ناھايىتى قاتتىق سوقۇلغان ئاۋازنى ئاڭلاپ قالدىم، قارىسام پىيادىلەر يولىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئوتتۇرا ياشلاردىكى بىر ئايالنى ئاپتوبۇس سوقۇۋىتىپتۇ، يول ياقىسىغا توختىتىپ قويۇلغان ئۈچ چاقلىق ۋېلىسپىتمۇ ئاپتوبۇس تەرىپىدىن سوقۇلۇپ 7-8 مېتىر نېرىسىغا كېتىپتۇ، ئوتتۇرا ياشلىق ئايالنى سوقۇۋەتكەن ئاپتوبۇسنىڭ ئالدى تەرەپتىكى ئەينىكىمۇ قاتتىق سوقۇلغانلىقتىن يېرىلىپ كېتىپتۇ، ئاپتوبۇس سوقۇۋەتكەن ئايال بەش مىنۇت ئۆتەر-ئۆتمەيلا قازا قىلدى>.
ئىگەللىنىلىىشچە، ۋەقە يۈز بەرگەن چاغدا يامغۇر يېغىۋاتقان بولۇپ، بۇ ئايالنى ئاپتوبۇس سوقۇپ ئۆلتۈرۈپ قويغاندىن كېيىن يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان كىشىلەر يېنىدىكى كۈنلۈكىنى ئېلىپ ئايالنىڭ بەدىنىنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىغا كۈنلۈك تۇتۇپ بەرگەن. قاتناش ساقچى تارماقلىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئاپتوبۇسقا سوقۇلۇپ ئۆلگەن ئايال بۇ يىل 50 ياشتا بولۇپ، فامىلىسى چېڭ ئىكەن، يۇرتى نەنچۇڭدىن بولۇپ، ۋەقەدە يەنە ئۈچ چاقلىق ۋېلىسپىت مىنگەن ئادەم بىلەن يەنە بىر نەپەر يولۇچى يارىلانغان. نۆۋەتتە، ۋەقە سادىر قىلغان ئاپتوبۇس شوپۇرى تەكشۈرۈلۈۋاتقان بولۇپ، ئالاقىدار تارماقلار ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى يەنىمۇ ئىچكىرلىگەن ھالدا تەكشۈرمەكتە.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved