بۇ ئىككى يىلدىن بۇيان يېڭىدىن بارلىققا كەلگەن 3D پىرىنتېرنى زور كۆپ ساندىكى كىشىلەر پەقەت ئاڭلاپ باققان، لېكىن كۆرۈپ باقمىغان بولۇشى مۇمكىن. كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغىنى، 4D پىرىنتېرمۇ بارلىققا كەلدى.
ئادەتتە بىزدە ئېيتىپ كېلىۋاتقان بېسىپ چىقىرىشنىڭ ھەممىسى قەغەزگە بېسىپ چىقىرىش بولۇپ، بۇ ئادەتتە تەكشى يۈزگە بېسىپ چىقىرىش دەپ ئاتىلىدۇ. تەكشىلىكنىڭ پەقەت ئۇزۇنلۇق ۋە كەڭلىكتىن ئىبارەت ئۆلچىمى بار، بۇ ئىنگلىزچىدە «ئىككى ئۆلچەم» يەنى «Two Dimenennsions, 2D» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنداقتا 3D چۇ؟ ئۇنىڭغا «ئېگىزلىك»نى قوشۇپ قويساقلا، بېسىپ چىقىرىلغىنى ئىستېرېئولۇق جىسىم بولىدۇ، مەسىلەن: بىز 3D لىق پىرىنتېردا بىر ئىستاكاننى بېسىپ چىقىرالايمىز. 3D پىرىنتېرنىڭ «سىياھ» ى مەلھەمگە ئوخشايدىغان ماددا. ئۇنداقتا 4D پىرىنتېر قانداق بولىدۇ؟
4D نى تەتقىق قىلغۇچى ئامېرىكا ماسساچۇسېتس ئىشتاتى تەبىئىي پەنلەر ئىنستىتۇتىنىڭ ئالىمى سىكايلا تىبىتىز مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ئۇ ئالدى بىلەن 3D پىرىنتېردا بىر تال تانىنى بېسىپ چىقىرىدۇ، دەسلەپتە ئۇنىڭ ھېچقانداق ئالاھىدە تەرىپى كۆرۈنمەيدۇ، لېكىن ئۇنى سۇغا سالغاندا، كىشىنىڭ ئەقلىگە سىغمايدىغان ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ: بۇ تانا ئۆزى ئىگىلپ، شەكلى ئۆزگىرىپ، قاتلىنىپ، ئەڭ ئاخىرىدا بىر قائىدىلىك كۇب جىسىم رامكىسىغا ئايلىنىدۇ. سۇدىكى پۈتكۈل جەريانغا ئادەم كۈچى قاتناشمىغان بولۇپ، تانا خۇددى بىر خىل ھاياتى كۈچكە ئىگىدەكلا كۆرۈنىدۇ. بۇ ۋاقىتتا كىشىلەربۇ 3D نىڭ سىرتىدىكى 1D نىڭ ماتېرىيال ئۆزىدە بار بولغان «ئۆزلۈك ئېڭى» ئىكەنلىكىنى، «ئۆزىنى شەكىلگە كەلتۈرەلەيدىغانلىقى»نى بىلدى.
بۇ ئەھۋال قانداق ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان؟ تىبىتىزنىڭ تونۇشتۇرىچە، ئۇ تانىنى بېسىپ چىقارغان ۋاقىتتا ئوخشاشمايدىغان قىسىملىرىغا ئوخشاشمايدىغان ماتېرىيال ئىشلەتكەن. بەزى ماتېرىياللار سۇغا يولۇققاندا ئىگىلىپ 90گىرادۇسلۇق بولۇپ قالغانلىقتىن، بىر تال تانا نەچچە قاتلىنىپ، ئاخىرىدا بىر كۇب جىسىمغا ئايلانغان. ئالىملارنىڭ قىلىدىغىنى دەل ئىشتىن بۇرۇن ماتېرىيالنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، بۇ خىل ئۆزگىرىش جەريانىنى خۇددى كومپىيۇتېر پىروگراممىسى تۈزگەنگە ئوخشاش لايىھەلەشتىن ئىبارەت.
كىشىلەرنىڭ پاراسىتى ماتېرىيالغا ھاياتلىق ئاتا قىلدى. يېڭى ماتېرىياللارنىڭ ئېچىلىشىغا ئەگىشىپ، فانتازىيەلىك كىنولاردىكى سافانىڭ ئادەم بەدىنىگە ئاساسەن ئوخشىمايدىغان شەكىللەرگە ئۆزگىرىشى، ھاسىنىڭ يامغۇر ياغقاندا كۈنلۈككە ئوخشىمايدىغان شەكىللەرگە ئۆزگىرىشچان، ۋاجراغا ئوخشاش ئۇچار كېمىگە ئۆزگىرىشىدەك مەنزىرىلەر بىر كۈنلەرگە بارغاندا ئەمەلىيەتتە يۈز بېرشىمۇ مۇمكىن.
لېكىن، تېخنىكىنىڭ مۇرەككەپ بولۇشى سەۋەبلىك 4D پىرىنتېر ھازىر تېخى تەجرىبىخانىدىن چىقىپ باقمىدى. خۇددى تىبتىز ئېيتقاندەك، ھازىر پەقەت يۇقىرىدا كۆرسىتىپ ئۆتكەندەك تانىدىن شەكىللەنگەن جىسىملارنىلا بېسىپ چىقارغىلى بولىدۇ. كەلگۈسىدە، 4D پىرىنتېر زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئىككى قىيىن مەسىلە ھەل قىلىنىشى كېرەك. بىرىنچىسى يېڭى ماتېرىيال، سۇغا سەزگۈر ماتېرىيالنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىش كېرەك بولۇپلا قالماستىن، يەنە نۇرغا، ئاۋازغا سەزگۈر ماتېرىيالنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىش لازىم. مەسلەن: ئۆسۈملۈككە ئوخشاش، نۇر بىلەن ئۇچراشسا ئۆزى ئۆسۈپ، ئاخىرىدا ئىنسانلار ئېھتىياجلىق جىسىمغا ئايلىنىدۇ. ئىككىنچىسى تەننەرخ، 3D پىرىنتېردا بېسىپ چىقىرىلغان ئىستاكاننىڭ باھاسى ئالتۇن ئىستاكاننىڭ باھاسى بىلەن ئوخشاش، ئەگەر 4D پىرىنتېردا بېسىپ چىقىرىلسا، ئۇنىڭ تەننەرخى . . . . ھېچكىم بۇنى تېخى ھېسابلاپ باقمىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved