سومالىدىكى ئاشقۇن تەشكىلات ئەل-شاباب پارتىيەسى (ياشلار پارتىيەسى) شۇ جاي ۋاقتى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى ئەتىگەندە، ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ سومالىدا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە ئەۋەتىلگەن قىسىملىرىنىڭ سومالىنىڭ جەنۇبىدىكى گېدو رايونىدىكى بىر ھەربىي بازىسىغا ھۇجۇم قىلغان، ھازىرغىچە ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ نەچچە ئون ئەسكىرى ئۆلگەن.
ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ سومالىدا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە قىسىمىنىڭ ئەمەلدارى دەلىللىشىچە، 15-يانۋار ئەتىگەندە، ئەل-شاباب پارتىيەسى سومالىنىڭ كېنىيە ۋە ئېفىئوپىيە چېگراسىغا يېقىن گېدو رايونىدىكى بىر ھەربىي بازىغا ھۇجۇم قوزغىغان. ئەل-شاباب تەشكىلاتى ئالدى بىلەن ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ھۇجۇمى قىلغان، ئاندىن ھەربىي بازىغا ھۇجۇم قىلغان، ئىككى تەرەپ شىددەتلىك ئېتىشقان ھەمدە ئۆلۈش يارىلىنىش كۆرۈلگەن.
ئەل-شاباب تەشكىلاتىنىڭ باياناتچىسى دېيىشىچە، 15-يانۋاردىكى ھۇجۇمدا 63 نەپەر كېنىيەلىك ئافرىقا ئىتتىپاقى ئەسكىرى ئۆلگەن، ئەل-شاباب تەشكىلاتى ھەربىي بازىنى كونترول قىلغان.
ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ سومالىدا تۇرۇشلۇق قىسىمى كونكرېت ئۆلۈم-يېتىم ئەھۋالىنى ئېلان قىلمىدى، كېنىيە ئارمىيەسىنىڭ باياناتچىسىمۇ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى دەلىللىدى. يەرلىك كەنت ئاقساقىلىنىڭ دېيىشىچە، بازىدا قاتتىق پارتلاش يۈز بەرگەن ھەمدە بەزىلەر كۆپلىگەن جەسەتلەرنى كۆرگەن.
بۇ 6 ئايدىن بۇيان ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ سومالىدا تۇرۇشلۇق تىنچلىق ساقلاش قىسىمىنىڭ ئۈچىنچى قېتىم كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇمغا ئۇچرىشى. سومالى ئەل-شاباب پارتىيەسى ئەل-قائىد تەشكىلاتى بىلەن مۇناسىۋىتى بار ئاشقۇن تەشكىلات،يېقىنقى يىللاردىن بۇيان سومالى ھەمدە قوشنا دۆلەت كېنىيەدە كۆپ قېتىم ھۇجۇم قوزغىدى.
![]() |
بۇ 2016- يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر چاي ئىچۈرۈش سۈرەتلىرى مۇسابىقىسىگە قاتناشتۇرۇلغان نادىر سۈرەتلەر بولۇپ، ئاشىق-مەشۇقلارنىڭ بىر-بىرىگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى سۈرەتلەر ئارقىلىق خاتىرە قالدۇرۇلغان.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved