ئەنگلىيە ‹‹ شەھەر كۈندىلىك گېزىتى ›› نىڭ 22-سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيەنىڭ لوندون شەھىرىدە تۇرۇشلۇق 37 ياشلىق تەكشىلىك لايىھەلىگۈچىسى كۇنتال پاتېر ئامېرىكا تېلېۋىزىيە فىلىمى ‹‹ جان ئالغۇچى زەھەر ئۇستىسى›› دىكى كۆرۈنۈشنى دوراپ ئاپىسىنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرمەكچى بولغان.
ئىگىلىنىشىچە، كۇنتالنىڭ ئاپىسى ئۇنىڭ ئوغۇل دوستى بىلەن توي قىلىشىغا قارشى چىققانلىقى سەۋەبىدىن، كۇنتال ئاپىسىنى ئۆلتۈرۈۋېتىش نىيىتىگە كەلگەن.
ئۇ ‹‹ جان ئالغۇچى زەھەر ئۇستىسى›› دىكى كۆرۈنۈشنى دوراپ ، ئابرىن ئارلاشتۇرۇلغان كوكا-كولانى تەييارلاپ، ئاپىسىغا ئىچكۈزگەن. بەختكە يارىشا، ئاپىسى ۋاقتىدا قۇتقۇزۇۋېلىنپ، ھايات قالغان .
كۇنتال قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ‹‹ جان ئالغۇچى زەھەر ئۇستىسى›› دىكى ۋەقەلىكتىن ئىلھام ئېلىپ، ئابرىندىن ئىبارەت زەھەرلىك ماددىنى تونۇپ، ئامېرىكا تور بېكىتىدىكى قارا بازاردىن بۇ خىل زەھەرنى سېتىۋالغانلىقىنى ئىقرار قىلغان.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved