ئېبولا بىلەن يۇقۇملانغانلار10مىڭ 114گە يېتىپ 4922ئادەم ئۆلدى

جەنۇب گېزىتى تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى.دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ يېڭى يۇقۇم ئەھۋالى مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشچە ،23-ئۆكتەبىرگىچە يۇقۇم ئەھۋالى ئەڭ ئېغىر ئاپەت رايونى ۋە باشقا تەسىرگە ئۇچرىغان دۆلەتلەردە ئېبولا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى دەپ دىئاگنوز قۇيۇلغان ،گۇمانىي ۋە يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقى بولغان بىمار 10مىڭ 114گە يەتكەن .4922ئادەم ئۆلگەن ،مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ يۇقۇم ئەھۋالى ئېغىر بولغان سېررالىئوندىن ئىگىلىشىچە ،شۇ جايدا ھەر كۈنى كېسەل بىلەن ئۆلۈۋاتقانلار يۇقۇم ئەھۋالى ئەڭ ئېغىر بولغان چاغدىكىدىن بىر ئاز ئازايغان .ئېبولانىڭ يامرىشىدىن ئەنسىرىگەنلىكى ئۈچۈن سېررالىئون قوشنا دۆلەت لېبىرىيە ۋە گۋىنىيە قۇرۇقلۇق يولى چېگرىسىنى تاقىغان .

ماراكەش پايتەختىدىن سېررالىئونغا ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلار يەنىلا سېررالىئونغا كېلىۋېتىپتۇ .ئافرىقا قىتئەسىدىكى يۇقۇم رايونىدا قاتنايدىغان بىردىنبىر ھاۋا لىنىيىسى بولغاچقا بۇ ھاۋا لىنىيىسىدە يولۇچىلار ئاز ئەمەسكەن .شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ يەنە ئېبولاغا تاقابىل تۇرۇش ئەسلىھەلىرى ۋە ماددىي ئەشيالارنى توشۇش ئىشىنى ئۈستىگە ئاپتۇ .

ئۇزۇن داۋام قىلغان ئېبولا يۇقۇمى ئەھۋالى بىلەن سېررالىئوندا 1281 ئادەم ئۆلگەن ،نۆۋەتتە جۇڭگو كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزىدىن كەلگەن سەھىيە يۇقۇم ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش مۇتەخەسسىسلىرى ۋە جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ سېررالىئونغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىدىكى مۇتەخەسسىسلەر ئېبولا يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونترول قىلىش ئالدىنقى سېپىدە كۈرەش قىلماقتا .سېررالىئون جۇڭگو دوستلۇق دوختۇرخانىسى ئېبولانى كۆزىتىش مەركىزى 1-ئۆكتەبىر رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن .
10-ئاينىڭ 24-كۈنىگىچە كۆزىتىش ئۆيىگە ئېبولا بىمارىدىن 143 قۇبۇل قىلىنغان .ھازىرغىچە 38 بىمار ئۆلۈپ قالغان .ئىگىلىنىشىچە 10-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 23-كۈنىگىچە كۈندە بەش بىمار ئۆلگەن .ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ئازلاۋاتقان بولسىمۇ ،لېكىن ئاشۇ چەت نامرات داۋالاش خادىملىرى بارالمايدىغان جايلاردا قانداق ئەھۋال بولىۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولمايدىكەن .ھەم تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدىكەن .


غەربىي ئافرىقىدىكى يەنە بىر دۆلەت مالىدا ئېبولا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان تۇنجى بىمار ئىككى ياشلىق بىر قىز 24-ئۆكتەبىر بەختكە قارشى ئۆلگەن .ئېبولا يۇقۇشى بىلەن يۇقۇملانغان ئامېرىكىلىق ئىككى سېسترا داۋالىنىپ ساقايغان .دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 24ئۆكتەبىر مۇنۇلارنى بىلدۈردى :‹دەسلەپكى كلىنكىلىق تەجرىبە كۆزلەنگەن نىشانغا يەتسە غەربىي ئافرىقىدىكى داۋالاش خادىملىرى ۋە باشقا خەتەر ئىچىدە تۇرىۋاتقانلارغا بۇ يىل 12-ئايدا ۋاكسىنا ئەملىنىدۇ .

 

لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK



خەتكۈچلەر:
27-10-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek