يېقىندا ئاشقازان بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇپ قازا قىلغان ئايال يازغۇچى دۇ خۇڭنىڭ كەلگۈسىدە «تىرىلىش» ئۈچۈن، جەسىتىنى توڭلاتقانلىقى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، كەلگۈسىدە «تىرىلدۈرۈش» دېگەن سۆز كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى، شۇڭا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە دۇنيادىكى بۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئۈچ ئورۇن قىزىق خەۋەر بولۇپ قالدى.
«ALCOR»: يازغۇچى دۇ خۇڭنىڭ جەسىتىنى توڭلاتقان ئامېرىكا ھاياتلىقنى داۋاملاشتۇرۇش فوندى 1972-يىلى قۇرۇلۇپ، 1976-يىلى ئادەم تېنىنى توڭلىتىش كەسپىنى باشلىغان، تۇنجى قېتىم توڭلىتىلغۇچى دەل بۇ فوندنىڭ قۇرغۇچىسى فىرىد چانرىننىڭ ئاتىسى. ھازىر بۇ ئورۇن 100 نەچچە ئادەمنى توڭلاتتى، توڭلىتىش ھەققى 200 مىڭ دوللاردىن تۆۋەن بولۇپ باقمىدى.
«ئادەم تېنىنى توڭلىتىش تەتقىقات ئورنى»: بۇ ئاپپارات 1975-يىلى قۇرۇلغان، ئۇنىڭ قۇرغۇچىسى «توڭلىتىش تېخنىكىسى ئاتىسى» روبېرت ئېتىنىگىر، 1962-يىلى فىزىكا ۋە ماتېماتىكا قوش ماگىستىر ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. بۇ ئاپپارات توڭلاتقان تۇنجى ئادەم ئۇنىڭ ئانىسى، بۇ ئايال راك كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كەتكەنىدى، ھازىر ئۇلار 100 نەچچە ئادەمنى توڭلاتتى، ئۇنىڭ توڭلىتىش ھەققى 155 مىڭ دوللار بولۇۋاتىدۇ.
«KRIORUS»: KRIORUS شىركىتى يېڭى قۇرۇلغان ئادەم تېنىنى توڭلىتىش شىركىتى بولۇپ، رۇسىيە 2005-يىلى قۇرغان، كۆلىمى ئىنتايىن چوڭ. بۇ ئاپپارات ھازىرغىچە 34 ئادەمنى توڭلاتقان، توڭلىتىش ھەققى 28 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدۇ.
![]() |
بۇ بېنىز G63 6X6 ئاپتوموبىلى قارىماققا ئىنتايىن ھەيۋەت كۆرۈنىدۇ، ئالتە چاقلىق لايىھىسى سىزگە ئۆزگىچە تۇيغۇ بېغىشلايدۇ. تاشقى كۆرۈنۈشىدىن قارىغاندا بۇ ئاپتوموبىل ئەنئەنىۋىيلىكنى داۋاملاشتۇرغان.
...
|
![]() |
پەيشەنبە كۈنى ئالمىنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى پاتنېتى ماقۇللۇقتىن ئۆتتى، بۇ تۈرلۈك پاتنېت كەلگۈسىدىكى iPhone ۋە iPad كە بېسىم سەزگۈچ تېخنىكىغا ئىگە Touch ID كۇنۇپكىسى سەپلىنىدىغانلىقى، ئەكىسچە Home كۇنۇپ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved