شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شى جياجۇاڭ، 24 – نويابىر تېلېگراممىسى. ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى خۇاڭ مىڭ 24 – نويابىر مۇنداق دېدى: شوپۇرلارنى تەربىيەلەش ئىمتىھانى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ھازىر دەلىل – ئىسپاتلار تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ، پىكىر ئېلىنىپ، تۈزىتىپ مۇكەممەللەشتۈرۈلگەندىن كېيىن جەمئىيەتتىن يەنە ئاشكارا پىكىر ئېلىنىدۇ.
خۇاڭ مىڭ 24 – يانۋار شى جياجۇاڭ شەھىرىگە بېرىپ، ئۆلكىلىك، شەھەرلىك خ خ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە تەكشۈرۈش پونكىتى، شوپۇرلۇق مەكتەپ، شەخسىي ئاپتوموبىل ئىگىسى ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى. خۇاڭ مىڭ مۇنداق دېدى: مەسىلە يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ، خەلققە مۇلازىمەت قىلىشنى نىشان قىلغان ئاساستا ئاپتوموبىللارنى تەكشۈرۈش ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش بىلەن بىللە، ۋەزىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجىغا، خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ماسلىشىش ئۈچۈن شوپۇرلارنى تەربىيەلەش ئىمتىھانى تۈزۈمى ئىسلاھاتى پائال ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.
خۇاڭ مىڭ مۇنداق دېدى: شوپۇرلارنى تەربىيەلەش ئىمتىھانى تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش خىزمىتىدە مۇھىم ھالقىلارنى ياخشى ئىگىلەش كېرەك: بىرىنچى، ئاشكارا بولۇش: جەمئىيەتنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئادىل، ھەققانىي بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ ئىككىنچى، ئوچۇق بولۇش: ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىپ، ئىجتىمائىي بايلىقلارنى بىرىكتۈرۈپ، تەمىنلەش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك؛ ئۈچىنچى، مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش: تارماقلارنىڭ ئوچۇق ياكى يوشۇرۇن مەنپەئەت زەنجىرىنى ئۈزۈپ تاشلاش كېرەك؛ تۆتىنچى، قولايلىق بولۇش: كىشىلەرگە تېخىمۇ كۆپ تاللاش ھوقۇقى بېرىپ، خەلققە تېخىمۇ قولايلىق يارىتىش كېرەك؛ بەشىنچى، شوپۇرلۇققا تەربىيەلەش ئىمتىھانىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، يول قاتناش بىخەتەرلىكىنىڭ مەنبە ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك.
خۇاڭ مىڭ مۇنداق دېدى: شوپۇرلۇق ئىمتىھانى ئىسلاھاتىدا مەسىلە يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ساقلانغان مەسىلىلەرنى ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزىتىش كېرەك. ئاممىنىڭ شوپۇرلۇقنى ئۆگىنىپ كىنىشكا ئېلىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، ئىمتىھاننىڭ ئوچۇق – ئاشكارا، ئادىل، پاك بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، شوپۇرلارنىڭ بىخەتەر ئاپتوموبىل ھەيدەش ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، ئاممىنىڭ شوپۇرلاردىن رازى بولۇش دەرىجىسىنى ئاشۇرۇش قاتارلىقلارنى چۆرىدىگەن ھالدا بىر يۈرۈش ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق شوپۇرلۇققا تەربىيەلەش ئىمتىھانى ئىقتىدارى ۋە شوپۇرلارنى تەربىيەلەش تىجارەت ئەندىزىسىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ماس كەلمەسلىك مەسىلىلىرى، شوپۇرلۇق ئىمتىھانىنىڭ ئوچۇق – ئاشكارا، ئادىل، پاك بولماسلىق مەسىلىلىرى، ئامما ئىنكاس قىلغان قولايسىز، قىممەت بولۇش مەسىلىلىرى ئەستايىدىل، پۇختا ھەل قىلىنىدۇ.
![]() |
يىچې تورى 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
يېقىندا تاراتقۇلار ئالاقىدار يوللاردىن ئىگەللىشىچە، جۇڭگودا ئىشلەنگەن ئەڭ يېڭى ئاۋدى A4L سېنتەبىردە رەسمىي بازارغا سېلىنىدىكەن. ئەۋلاد ئالماشقان ماش...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved