ۋاڭيى تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
يېقىندا ئامېرىكا دۆلەتلىك ئالەم قاتنىشى ئاۋىئاتسىيە ئىدارىسى ئوتتۇرىغا قويغان مارس پىلانى ئامېرىكا پارلامېنتنىڭ تەستىقىدىن ئۆتتى ، بۇ پىلانغا ئاساسەن ئامېرىكا دۆلەت ئالەم قاتنىشى ئاۋىئاتسىيە ئىدارىسى 2030-يىلى ئۆپچۆرىسىدە ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنى مارىسقا ئېلىپ چىقىشقا تەييارلىق كۆرۈۋېتىپتۇ .يېقىندا ئۇلار مارس ئاپتوموبىلنى مارىسقا ئېلىپ چىقتى ،
ئەمما 2021-يىلىغىچە ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنى باشقا بىر كىچىك پىلانىتقا ئېلىپ چىقىپ تەقلىدى مەشىق قىلماقچى ئىكەن ، بۇ كىچىك پىلانىتنى كەلگۈسىدە مارىسقا چىقىشتىكى ئۆتەڭ قىلىش مۇمكىنچىلىكى بار ئىكەن .بۇ پىلانغا ئاساسەن ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئاۋىئاتسىيە ئىدارىسى بىر كىچىك پىلانىتنى تاپقاندىن كېيىن ئاينى ئايلىنىش ئوربىتىسىغا كىرگۈزىدۇ ،ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار ئورىئون يۇلتۇز تۈركۈمى ناملىق ئالەم كېمىسىگە ئالەم ئۇچقۇچىسىنى چىقىرىپ ،كىچىك پىلانىتقا قونىدۇ .ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئالەم بوشلۇقىدىكى ،يەنى كىچىكى پىلانىتتىكى توپا ۋە تاش ئەۋرىشكىلىرىنى يىغىدۇ .ئاخىرىدا يەر شارىغا قايتىدۇ .ئالەم سەپىرى ئادەمنىڭ سۆڭىكى ،يۈرىكى ،ئۆپكىسىنى زىيانغا ئۇچرىتىدىغان بولغاچقا ،ھەمدە پىسخىكا قاتارلىق ساغلاملىق تەھدىتلىرى بولغاچقا مارىسقا چىقىشتىن بۇرۇن ئاۋال پىلانىتقا قونۇش مەشىقىنى قىلىشقا توغرا كېلىدۇ .
بۇ ئارقىلىق ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ كەسپى ئىقتىدارى سىنىلىدۇ ،ھەمدە ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ئالەم بوشلۇقىدا قۇرۇقلۇققا چىقىشىغا ياردەم بېرىدۇ .ئۇ ھەم ئالەم بوشلۇقى ئۇچقۇرىنىڭ مارىسقا قونۇشقا كېرەكلىك قۇياش ئېنىرگيلىك ئېلېكتىر سېسىتىمىسى قاتارلىق ئەسلىھەلەرنى سىنايدۇ ، ئامېرىكا دۆلەت ئالەم قاتنىشى ئاۋىئاتسىيە ئىدارىسى يەنە ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنى مارىسقا ئېلىپ چىققاندىن كېيىن بۇ كىچىك پىلانىتنى ، ئالەم ئۇچقۇرى مارىسقا قاراپ ئۇچىدىغان ئۆتەڭ ئورنىدا ئىشلىتىدۇ دېدى . ئەمما ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئاۋئاتسىيە ئىدارىسى بۇ تەرەپتىكى كونكرېت تەپسىلاتلارنى ئوتتۇرىغا قويمىدى .يەنە 16 يىلدىن كېيىن بىز ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ مارىسقا چىققانلىقىنى كۆرەلەمىزمۇ ،بۇنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈشكە توغرا كېلىدۇ خالاس .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
![]() |
4-ماي سابىق زۇڭتۇڭ مۇبارەكنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئۇ نەزەربەند قىلىنغان قاھىرەدىكى مائادى ھەربىي دوختۇرخانىسى سىرتىغا يىغىلىپ، ئۇنىڭ 88 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 4-ماي، بىرازىلىيەنىڭ سان پاۋلو شەھىرىدە تاكسى شوپۇرلىرى كوچىلارغا چىقىپ نامايىش قىلىپ، UBER قاتارلىق تاكسى توسۇش دېتاللىرىغا قارشى تۇردى.
|
![]() |
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى، سۈرىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ھومۇس ئۆلكىسىدە ئىككى قېتىم پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ئاز دېگەندە 10 پۇقرا قازا قىلغان، 40 تىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان.
دەسلەپكى قە...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved