iPad Pro جۇڭگودا بىر ئاي ئىچىدە ئاران 49 مىڭ دانە سېتىلدى

     بازار تەكشۈرۈش شىركىتى TalkingData نىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئالما شىركىتى يېڭىدىن ئوتتۇرىغا چىقارغان چوڭ ئېكرانلىق تاختا كومپىيوتېر iPad Pro جۇڭگو بازىرىغا كىرگىلى بىر ئاي بولغان. ئەمما سېتىلىش مىقدارى ئاران 49 مىڭ دانىگە يەتكەن. جۇڭگو ئىستىمالچىلىرىنىڭ ئالمىنىڭ يېڭى مەھسۇلاتىغا بولغان قىزغىنلىقى ئىنتايىن يۇقىرى. شۇڭلاشقا كىشىلەر ئومومىيۈزلۈك ھالدا iPad Pro نىڭ سېتىلىشىمۇ ياخشى بولىدۇ دەپ قارىغان ئىدى. ئەمما TalkingData نىڭ سانلىق مەلۇماتىدا ئايان بولىشىچە، iPad Pro جۇڭگو بازىرىغا سېلىنغاندىن كېيىن، تۇنجى ئېيىدا ئاران 49 مىڭ دانە سېتىپ چىقىرىلغان. سېلىشتۇرۇپ كۆرسەك iPad Air 2 جۇڭگو بازىرىغا سېلىنغان تۇنجى ئېيىدا 557 مىڭ دانە سېتىلغان. iPad mini 4 نىڭ بازارغا سېلىنغان ۋاقتى iPad Pro دىن ئۈچ ئاي بالدۇر بولغان، ئەمما سېتىلىش مىقدارى 92 مىڭ دانىگە يەتكەن.

TalkingData شىركىتىنىڭ دېيىشىچە، iPad Pro نىڭ دەسلەپكى قەدەمدىكى سېتىلىش مىقدارى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغان، بۇ بەلكىم iPad Pro نىڭ يۇقىرى سېتىلىش باھاسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىشى مۇمكىن. iPad Pro نىڭ جۇڭگو بازىرىدىكى باشلىنىش باھاسى 5888 يۈەن (908 دوللار) قىلىپ بېكىتىلگەن. شۇنداق بولىشىغا قارىماي كەسپى ئانالىزچىلارنىڭ مۆلچەرلىشىچە، iPad Pro بازارغا سېلىنغان تۇنجى پەسلىدە يەر شارى بويىچە  سېتىلىش مىقدارى 3 مىليون دانىگە يىتىپ، ئالما شىركىتىگە 2 مىليارت 400 مىليون دوللارلىق تىجارەت كىرىمى يارىتىپ بېرىدىكەن. نۆۋەتتە جۇڭگو ئالما شىركىتىنىڭ ئەڭ چوڭ بازىرىغا ئايلانغان بولۇپ، بۇ يىل ئۈچىنچى پەسىلدە ئالما شىركىتى ئۈچۈن 13 مىليارد دوللارلىق تىجارەت كىرىمى يارىتىپ بەرگەن.




خەتكۈچلەر:
23-12-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
28-05-2016
    5-ئاينىڭ 26-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو ئالەم قاتنىشى يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات ئەھۋالىدىن تاراتقۇلارنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا، دۆلەت مۇداپىيە پەن-تېخنىكا سانائىتى ئىدارىسىنىڭ ئىنژىنېرى، دۆلەت ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ باش كا...
28-05-2016
    ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا ئادىداس گېرمانىيەدە SpeedFactory ناملىق پۈتۈنلەي ئاپتوماتىك زاۋۇتنى سىناق يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ يىل 5-ئاينىڭ 24-كۈنى ئادىداس ئاخىرى سانائەت ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى ئاغدۇرۇۋىتەلەيدىغان گېر...
28-05-2016
    تۈنۈگۈن تورداشلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بەيدۇ  ۋە سوگۇ كىرگۈزگۈچى تورغا ئۇلاقلىق ئەھۋالدا ئىشلەتكۈچىلەر ئۇرغان خەت ئۇچۇرىنى مۇلازىمېتىرغا يوللاپ بېرىدىكەن ھەمدە ھەممىسىنى ئاشكارا يوللاپ بېرىدىكەن. بۇ خاككېرلارنىڭ ئىشلەتكۈچ...
28-05-2016
    تېڭشۈن تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى خەۋىرى، ئىككى يىل ئىلگىرى ئامېرىكا فېدېراتسىيەسى ئالاقە كومىتېتى قانۇنسىز يان تېلېفون سىگنالىغا كاشىلا قىلغۇچنى ساتقان جۇڭگو ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلات ياساش سودىگىرى CTS پەن-تېخنىكا شىر...
28-05-2016
     تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دۆلەت ئىچىدىكى chi wei شىركىتى يېڭىدىن windows 10/android5.1 قوللايدىغان قوش سىستېمىلىق تاختا كومپيۇتېر ئېلان قىلغان بولۇپ، HiBook Pro تاختا كومپيۇتېرىغا ئاليۇمىن مېتاللار ئىشلىت...
28-05-2016
1991T تورىنىڭ 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     IDC نىڭ ئەڭ يېڭى پەرىزىگە ئاساسلانغاندا، 2019-يىلىغا بارغاندا زور سانلىق مەلۇمات ۋە كەسپىي ئانالىزنىڭ يىللىق كىرىمى 2015-يىلدىكى 112 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن 187 مىل...
28-05-2016
شىنخۇا تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە گېرمانىيەلىك ئالىملار بىر خىل سۈنئىي نېرۋا سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار بۇ ئارقىلىق ماشىنا ئاد...
28-05-2016
سىنا تورى پەن تېخنىكا قانىلىنىڭ 27-ماي چۈشتىن كېيىنكى خەۋىرى: باغداش تورىدىن لوقمان تەرجىمىسى     5-ئاينىڭ 27-كۈنى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىسىتىرلىقى ئېلان قىلغان تېلېگراف مۇلازىمەت سۈپىتى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىدا كۆ...
28-05-2016
ۋاڭيى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     «خېلسىنكى خەۋىرى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بوستون مەسلىھەتچىلىك گوروھىنىڭ يېقىندىكى مۆلچەرىگە ئاساسلانغاندا، بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىلدا، ئېلىكترونلىشىش ۋە ماشىنا ئادەم فىنلاندىيە...
27-05-2016
بېتا تورىنىڭ 27-مايدىكى خەۋىرى: باغداش تورىدىن لوقمان تەرجىمىسى     قىسقا ئۇچۇر بىر مەھەل جۇڭگودا ئەڭ كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلگەن خەۋەرلىشىش ئۇسۇلى بولدى، ئەمما كۆچمە ئىنتېرنېت تورىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئەگىشىپ، ئۈندىدار...
Powered by Leglek