جاھان ئاگېنتلىقى 4-ئاپرېل خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: يەمەننىڭ مۇھىم بىر قىسىمىنى كونتروللىقىدا ئاستىدا تۇتىۋاتقان شىئە ھۇسىي ئەنسارۇللاھ ھەرىكىتى، ئىستراتىگيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە «بابۇل مەندەب بوغۇزى» غا ئالاقىدار مىسىر بىلەن بىۋاستە ئۇچرىشىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ھۇسىيلەرنىڭ باياناتچىسى مۇھەممەد ئابدۇسسالام، ھۇسىيلەرنىڭ كونتروللىقىدىكى يەمەن رەسمى خەۋەر ئاگېنتلىقى «سابا» دا ئېلان قىلغان باياناتىدا، «مىسىر دائىرىلىرى ۋە قېرىنداش مىسىر خەلقىگە، بابۇل مەندەب بوغۇزىغا ئالاقىدار ئەندىشىسىنى يوقتىش ئۈچۈن بىۋاستە مۇزاكىرىلىشىشكە تەييار ئىكەنلىكىمىزنى بىلدۈردۇق» دېدى. ئابدۇسسالام يەنە، مىسىردىكى قېرىنداشلىرىمىزغا بابۇل مەندەب بوغۇزىغا ئالاقىدار ئەندىشە قىلماسلىقىنى، ۋە مىسىرنىڭ يەمەن خەلقىنىڭ ناھەق قېنى تۆكۈلىدىغان ھەرىكەتكە ھەمكارلاشماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.
قىزىل دېڭىزنى ئەدەن قولتۇقىغا باغلاپ تۇرىدىغان بابۇل مەندەب بوغۇزى، ئەينى ۋاقىتتا ئافرىقا بىلەن ئەرەب يېرىم ئارىلىنى بىر-بىرىدىن ئايرىپ تۇراتتى. شەرقى شىمال قىرغىقىدا يەمەن، غەربى جەنۇب قىرغىقىدا سومالى ۋە جىبۇتى ئورۇنلاشقان ئىستراتىگيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بۇ بوغۇزدىن، بىر يىل ئىچىدە دۇنيا مىقياسىدا پاراخوتلار بىلەن توشۇلىدىغان نىفىتنىڭ يۈزدە 8% ى ئۆتىدۇ.
يەمەندە ھۇسىيلەرنىڭ ئىلگىرلىشىنى چەكلەش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستان رەھبەرلىكىدە بىر قىسىم قولتۇق دۆلەتلىرى بىرلەشمە ئىتتىپاق ھاسىل قىلىپ 26-مارتتا «كەسكىن قارار بورىنى» ھەرىكىتى باشلىغان بولۇپ، بابۇل مەندەب بوغۇزىدا ھۇسىي قۇراللىقلىرىنىڭ كونتروللىقىدىكى بىر قىسىم رايۇنلارغا ھاۋا ھۇجۇمى قىلىنغان ئىدى.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 3-مارت، ئىسرائىلىيە تېلئاۋېف، خەلق ئاممىسى ئوتتۇرا دېڭىزدا لەگلەك بىلەن دولقۇن تېيىلىش پائالىيىتىگە قاتناشتى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved