لەۋسۈرۇخ: قىشتا كالپۇك ئاسان يېرىلىدۇ، بۇنىڭغا ھەممە لەۋسۈرۇخنىڭ پايدا قىلىپ كېتىشى ناتايىن، شۇڭا ئاياللار لەۋسۈرۇخ ئىشلەتكەندە نەملىكى يۇقىرى، موم ماددىسى يوق، سۈمۈرۈلىشى ياخشى لەۋسۈرۇخنى تاللىغىنى تۈزۈك.
ھۆل تەمرەتكە ۋە زىيادە سەزگۈرلۈك كېسىلى بارلار قوي يۇڭى ھىدىغا ئوخشاش كۈچلۈك پۇراققا ئىگە مەھسۇلاتلاردىن يىراق تۇرغىنى ياخشى. ئەمەلىيەتتە لەۋسۈرۇخ قانچە ئاددىي بولسا، شۇنچە ئۈنۈملۈك بولىدۇ.
قول: قىشتا قولنى ئىلىمان سۇدا يۇيۇپ بەرگەن ياخشى، چۈنكى مىكروبقا قارشى سوپۇنلار قولنىڭ تېرىسىنى قۇرغاقلاشتۇرىۋېتىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا قولنى ئىلىمان سۇدا چايقاپ، قول تېرىسىنى ئاسرايدىغان ماي سۈرىۋالسا بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، سىرتقا چىققاندا ئىمكانقەدەر پەلەي كىيىۋالغان ياخشى.
پۇت: قىشتا پۇتنى ساغلام تۇتۇش بىر قەدەر تەس. ھەپتىدە بىر قېتىم پۇتنى سوپۇن سۈيىگە 15 مىنۇت چىلاپ، ئاندىن مەلھەم سۈرۈپ بەرسە، پۇتنى ساغلام تۇتقىلى بولىدۇ، يەنە سۈپەتلىك پاختىلىق پايپاقلارنى كىيىشمۇ پۇتنى ئىسسىق تۇتۇشقا پايدىلىق.
![]() |
بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ
مەريەمگۈل ئىمىت
بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved