تاھىر ئىمىن
ئۇيغۇرلار تاشقى ۋە ئىچكى سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن تۈرلۈك قىينچىلىقلار ئىچىدە تۇرىۋاتىدۇ.بۇ قىينچىلىقلار ئەزەلدىن ياردەمسۆيەر خەلقىمىزنىڭ ياردەم بېرىش،ھەل قىلىش ئوبىكتى بولۇپ كەلگەن.نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى ئۇيۇشۇش ئارقىلىق ياردەم قىلىشنى خالايدىغان كىشلەر توپىدىن نۇرغۇن گۇرۇپپىلارنى قۇرۇپ،ساخاۋەتچىلىك ئشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ،مىھرى-مۇھەببەت يەتكۇزۋاتىدۇ.كەڭ دائىرىدىكى ئۇيغۇر ئنسانپەرۋەرلىك ئشىلىرى تەرەققىياتى ئۈچۈن تىرىشۋاتىدۇ.بۇنىڭ نۇرغۇن ئەھمىيتى بار،
جۈملىدىن 1- كونكىرىت قىينچىلىقىنى ھەل قىلىش (داۋالىنىش ياردىمى،ئوقۇش پۇلى ياردىمى،ئسسسنىش ياردىمى،قاتناش مەسىلىسى،تۇرمۇش چىقىمىنى ھەل قىلىش ...دېگەندەك )
2-ئۆز-ئارا مىھرى-مۇھەببەت ۋە ئۆملۈكنى كۈچەيتىش .شۇڭا دوستلارنىڭ بۇ ساھەدىكى تىرىشچانلىقىغا ئاپىرىن ئېيتىش،مۇھەببەت كۆرسىتىشى بىلەن بىرگە،ئۆزۈم يەككە ھالەتتىكى ئاددى ئىھسانچى ، ئۈچتىن ئارتۇق ساخاۋەت كوللىكتىۋىنىڭ ئاكتىپ ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن كۆزەتكەنلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويماقچى.
بۇ ساھەدە ساقلانغان بىر قسم مەسللەرنى ۋاقتىدا تۇزەتمىسەك،ئشنىڭ تەرەققىياتىغا توسالغۇ بولۇشى مۇمكىن.مەيلى قانداق شەكىلدە قىلسۇن، ساخاۋەتچى دوسلىرىمىزنىڭ ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى ئۇمىد قىلىمەن.
1-ساخاۋەتچىلىكتىكى مەقسەت- مۇددىئا ۋە نىيەت مەسىلىسى.
ھەقىقى ساخاۋەتچىلىك- قەلبى پاكىز كىشلەرنىڭ قولىدىنلا كىلىدىغان ئىش.
ھىچكىممۇ بىراۋنىڭ نىيەت-ئىقبالىغا كەسكىن ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئەمەس.ئەمما بىزنىڭ ئش قىلىش ئۇسۇلىمىز –كۆڭلىمىزنىڭ ئەينىكى.ساخاۋەت ئارقىلىق باي بولغىلى بولمايدۇ.ساخاۋەت ئارقىلىق مەشھۇر بولۇش ئارزۇسىمۇ بەك ئەگرى –توقاي يولدۇر. ساخاۋەت ئارقىلىق كۆڭۈل ئېچىش بولسا-تولىمۇ زىددىيەتلىك تەتۈر يولدۇر.
يۇقىرىدىكى ناتوغرا ئۈچ خىل نىيەت-باشقىلارنىڭ ئازابىنى مەركەز قىلىپ ئۆزىنى خۇشال قىلىش مەقسىدىنى مەركەز قىلغان.شۇڭا بۇ ساھەدىكى تەۋسيە: ساخاۋەت-ياراتقۇچىنىڭ رازىلىقىنى ئىزدەپ ياكى ئاشۇ تۈرلۈك ياردەمگە مۇھتاجلارنىڭ قىينچىلىقى ۋە دەرد ھەسرىتىگە چىدىمايدىغان ،باغرى يۇمشاق،سەمىمىيلىكنىڭ مەھسۇلى بولۇشى مۇۋاپىقتۇر.خەلقىمىزنىڭ ئازاپلىرى نام چىقىرىدىغان،پۇل تاپىدىغان ياكى كۆڭۈل ئاچىدىغان ،ياكى رەسمگە خاتىرە قالدۇرۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىغان سورۇنغا ئايلىنىپ قالمىسۇن.
2- باشقۇرۇش ئۇسۇلىدىكى ئىلمىيلىك ۋە توغرىلىق مەسىلىسى:
ساخاۋەتچىلەر توپى بىر ئىجتىمائى كوللىكتىپ بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇنىڭ ئالاقە ئىشلىرى،تەشۋىقات ئىشلىرى،مالىيە ئىشلىرى،ئادەم كۈچى ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى بولىدۇ.بۇلارنى كەسپى تەلەپ بويىچە ئىلىپ بارمىغاندا ئۇنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك تەرەققىياتى كاپالەتكە ئىگە بولمايدۇ.
3-ساخاۋەتچىلەردە ئۆملۈك مەسىلىسى:
ساخاۋەتچىلىكنىڭ ئۆزىلا بىر خەيىرلىك،ساۋاپلىق ئش .ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەلۋەتتە ئالدىرىشمىز،كۆپلەپ قىلىشقا تىرىشىشمىز كىرەك.ئەمما ئۆزىمىزگە ئوخشاش خەيرلىك ئش قىلىۋاتقانلارنى ،ئۇلارنىڭ ئشلىرىنى چەتكە قاقساق،پەقەت ئۆزىمىزنىڭ قىلغانلىرىلا ئەھميەتلىك ھسابلانسا،باشقا گۇرۇپپىلار بىلەن ئەپ ئۆتمىسەك ،بىزنىڭ ساخاۋەتچىلىكىمىزنىڭ نېمە ئەھمىيتى؟ ساخاۋەتچىلىك چىتىلىدىغان ساھەلەر،ئىھتىياجلىق كىشلەر ۋە ئىھتىياجلىق كىشلەر تۇرىدىغان رايون،ئورۇنلار ئىنتايىن كۆپ،بىر كوللىكتىپ ھەممىنى قىلىپ بولۇشى ناتايىن،شۇڭا تەڭ كۇچ چىقىرش،ھەمكارلىشش ياردىمىمىزگە مۇھتاج كىشلەر ئۈچۈن تېخىمۇ ئەھمىيەتلىكتۇر.
4-ساخاۋەت قىلىنغۇچىلارنىڭ غورۇرى مەسلىسى:
قىلغان ئشىمىزنىڭ تېخىمۇ كۆپ كىشلەرگە ئىلھام بىرىپ،كۈچنى زورايتىپ،ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەشۋىقاتقا مۇھتاجمىز،ئەمما تەشۋىقاتىمىز باشقىلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ئنسانى ھوقۇقى بولغان غورۇرى،ئىززەت-نەپسىگە تەگمەسلىكى كىرەك.ئاجىزلار ۋە بالىلارنىڭ كۆڭلى ئازار يەپ تۇرۇپ ياردەم قوبۇل قىلسا،بۇ ئۇلارنىڭ كىينكى تەرەققىياتى،ساغلام پسخىكىسى ئۈچۈن ئۆتەيدىغان رولى ئەكسى بولۇپ قىلىشى مۇمكىن.
5-ساخاۋەتچىلىكنىڭ مالىيە ئشلىرى ئوچۇق-ئاشكارا ۋە توغرا بولۇش مەسىلىسى
توپلانغان مەنبەلەر ۋە ئىقتسادلار كىشلەرنىڭ قان-تەر ئەجرى بەدىلىگە كەلگەن،ئاللا رىزاسىنى ئىزدىگەنلىكى ،ئاجىزلارغا ھىسداشلىق قىلالايدىغان قەلبى بولغانلىقى ئۈچۈن ياردەم قىلىدۇ،شۇڭا ئۇلارنىڭ ئەجرىگە چۇشلۇق ھالدا باشقۇرغۇچىلار ۋە تەشكىللىگۈچىلەر مەخسۇس مۇشۇ ئش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلارغا مەلۇم مۇئاش تەيىنلىگەن ۋە زۆرۈر ئشلارغا پۇل خەجلىگەندىن باشقا ئشلاردا ئسراپخورلۇقتىن،ئورۇنسز يەرلەرگە خەجلەشتىن ساقلىنىشى لازىمدۇر.
6-ساخاۋەتچىلىكنىڭ ئەقىدە ۋە قانۇنغا ئۇيغۇن بولۇش مەسىلىسى
ساخاۋەتچىلىكنى مەركەز قىلىپ نۇرغۇن ئېسل ئىشلار روياپقا چىقتى.ئۇنىڭ داۋام قىلىشى ئۈچۈن ،ئشلارنىڭ تەرتىپلىك بولۇشى ئۈچۈن پائالىيەتلەرگە ئىجازەت ئېلىشنى ئۇنۇتمىساق،ھەم پائالىيەتلەردە دىنىمىز ۋە مىللى ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزنىڭ ئەڭ ئاساسى تەلەپلىرىگە رىئايە قىلىنىپ،كەڭ جامائەتچىلىك قوبۇل قىلالمايدىغان زىيادە ئويۇن-تاماششا قىلىش مەركەز بولۇپ قالمىسا. ساخاۋەتچى باشلىرى يالغۇز قالماسلىقى ئۈچۈن جامائەتچىلىك بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاشقا تىرىشىلسا.
7-كۆپلەپ ئۆگىنىش،تەجرىبە ،ھەمكارلىشش ئالماشتۇرۇش مەسىلىسى.
باشقا گۇرۇپپىلار،باشقا مىللەتلەر،باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئۇسۇلىدىن ئۆرنەك ئېلىش.نۆۋەتتە جەمىيتىمىزدە ياردەمگە مۇھتاج كىشلەر ناھايتى كۆپ بولماقتا،بۇلارغا پەقەت ئۆز كۈچىمىزگە تايىنىپلا ياردەم قىلىمىز دېسەك،كۈچىمىز يتىشمەسلىكى مۇمكىن.شۇڭا خەلق ئۈچۈن ياردەم بىرىمىز دەپ قۇرۇلغان نۇرغۇن ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ ياردەم تۈرلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش،باشقا مىللەت ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەمكارلىشش،فوندى جەمىيەتلەر بىلەن ئالاقىلىشش قاتارلىق ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىنىش.
8-ساخاۋەتچىلىك ساھەلىرىنىڭ تۈرى مەسىلىسى
خەير-ساخاۋەت –پەقەت پۇل ياكى ماددى ياردەم بېرىش دېگەنلىك ئەمەس.ئۇنىڭ ،ياخشى سۆز،قانۇنى ياردەم،بالىلارنى قۇتقۇزۇش.يىمەك-ئىچمەك،كىيم-كىچەك ياردىمى،ئشقا ئورۇنلاشتۇرۇش.ئاياللارغا ياردەم ساھەلىرىنى ئېچىش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇش.
3-ئاينىڭ 20-كۈنى ‹‹بىلىپ›› ئۈمىد ئىللىقلىق يەتكۈزۈش كوللىكتىۋى ساھىبخانلىقىدىكى 2-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر مىھرى-شەپقەت چىيى يىغىلىشىدا سۆزلىگەن سۆز ئاساسدا تەييارلاندى.
ئاپتور:شنجاڭ ئۆز تۈرك خەلقئارا سودا چەكلىك شركىتى ئىجرائىيە دىرىكتورى. ‹ئۇيغۇر ئىلىم مۇنبىرى› ئاساسچىسى،ئاسپرانت قىزلار ‹‹ئۆز تۈرك مۇكاپاتى›› باش پىلانلىغۇچىسى، ئۇيغۇر مەدەنىيەت بايرىمى (دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى..)ئاساسچىسى،
![]() |
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىدىكى يارقىن نوقتا- شىنجاڭ ئۇيغۇر نان مەدەنىيتى
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved