جاھان ئاگېنتلىقى 16-ماي خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: تۈركىيە مىللى مۇداپىئە مىنىستىرى يىلماز، تۈركىيە ئارمىيىسى كۈرەشچى ئايرۇپىلانىنىڭ تۈركىيە چېگرىسىغا كىرگەن سۇرىيە تىك ئۇچار ئايرۇپىلانىنى چۈشۈرۋەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى، سۇرىيە دۆلەتلىك تېلىۋىزىيسى چۈشۈرۋېتىلگەن تىك ئۇچار ئايرۇپىلاننىڭ ئۇچقۇچىسىز تەكشۈرگۈچى ئايرۇپىلان ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. تۈركىيە باش مىنىستىرى ئەھمەد داۋۇت ئوغلۇ، سۇرىيە تىك ئۇچار ئايرۇپىلانىنىڭ تۈركىيە چېگرىسى ئىچىگە 7 مىل دائىرىدە كىرگەنلىكىنى دەلىللىدى، داۋۇت ئوغلۇ، سۇرىيە ئۇرۇشى باشلانغاندىن بۇيان تۈركىيە چېگرىسىغا كىرگەن ئايرۇپىلانلارنىڭ ئاۋال ئاگاھلاندۇرۇلىدىغانلىقى، ئەگەر چېكىنمىگەن ئەھۋالدا ئېتىپ چۈشۈرىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ھېچكىم تۈركىيەنىڭ چېگرىسىغا قانۇنسىز كىرەلمەيدۇ دېدى.
تۈركىيە ھۆكۈمىتى 2012-يىلى 22-ئىيۇندا بىر تەكشۈرۈش ئايرۇپىلانىنىڭ سۇرىيە تەرىپىدىن ئاق دېڭىزغا ئېتىپ چۈشۈرۈلۈش ۋەقەسىدىن كېيىن سۇرىيە چېگرىسىدىكى باغلىنىش قائىدىسىنى ئۆزگەرتتى، شۇنىڭدىن بۇيان تۈركىيە چېگرىسىغا يېقىنلاشقان ئايرۇپىلانلارنىڭ ئېتىپ چۈشۈرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved