ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەڭرىتاغ رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى 22-ئىيۇن ‹‹ گۈزەللىكنى كىچىك ئىشلاردىن باشلايلى ›› تېمىسىدا پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ ، تاشبۇلاق مەھەللىسىدىكى ۋاقىتلىق ئولتۇرۇشلۇق ئاھالىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىگە مىللىيچە كىيىم تارقىتىپ بەردى . ئىگىلىنىشىچە ، بۇ پائالىيەت تەڭرىتاغ رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى نۆۋەتتە قانات يايدۇرۇۋاتقان ‹‹ ‹گۈزەللىك قۇرۇلۇشى › نى مەھەللىلەرگە ئېلىپ كىرىش ›› يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنىڭ تەركىبىي قىسمى ئىكەن .
تونۇشتۇرۇلۇشىچە ، بۇ پائالىيەت بەيگە مەيدانى ۋە دۆڭكۆۋرۈكتىكى ھەر قايسى مەھەللىلەردە داۋاملىق ئۆتكۈزۈلۈپ ، شۇ يەردىكى ۋاقىتلىق ئولتۇرۇشلۇق ئاھالىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىگىمۇ مىللىيچە كىيىم تارقىتىپ بېرىلىدىكەن .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved