جوڭگۇ تورىنىڭ 4-ئاينىڭ 13-كۈنىدىكى خەۋرىگە ئاساسلانغاندا ، 12-چېسلا ياپونىيە NHKتوربېتنىڭ ئاخباراتىدا كۆرسىتىلشىچە ، 12-چېسلا چۈشتىن بۇرۇن ،بىر دانە 1.8 ئۇزۇنلقى مىتىر كېلىدىغان قىسقۇچپاقا چوڭشېڭ ناھىيەسى بېيگۇدىڭ سودا كۇچىسىدىكى بىر تاماقخانىدىن قاچقان ،بۇ قىسقۇچپاقىنى تاماقخانا باشقىلارغا كۆرگەزمە قىلدۇرۇش ئۈچۈن باققان ئىكەن . ئارقىدىن ساقچىلار دەرھال ئاختۇرۇش ھەركىتىنى باشلاپ يېقىن ئەتراپتىكى بوش يەردە بۇ قىسقۇچپاقىنى بايقاپ ئوڭۇشلۇق تۇتۋالغان.
12-چېسلا ئەتتىگەن سائەت 8دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە ،چوڭشېڭ ناھىيە بېيگۇدىڭدىكى بىر تاماقخانا خادىمى ساقچىلارغا تېلفۇن قىلىپ ، دۇكنىدىكى سۇ كۆلچىكىدە بېقىۋاتقان قىسقۇچپاقىنىڭ يۇقاپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقان .
ساقچىلارنىڭ تۇنۇشتۇرشىغا ئاساسلانغاندا ، مەزكۇر تاماقخانا قىسقۇچپاقا خۇرۇچلىرىنى تەمىنلەيدىغان بۇلۇپ ، بۇ بەدەن ئۇزۇنلىقى 1.8 مىتىر كېلىدىغان قىسقۇچپاقىنى تاماقخانىدىكى سۇ كۆلچىكىدە باققان ئىكەن. 12 چېسلا سائەت 7 ئەتراپىدا ، دۇكان خادىمى سۇ كۆلچىكىنى تەكشۈرگەندە قىسقۇچپاقىنىڭ يۇقاپ كەتكەنلىكىنى بايقىغان .
بۇ ئىش بىر سودا كوچىسىدا يۈز بەرگەن بۇلۇپ بۇ كوچىدا ھەرخىل سودا ئەسلىھەلىرى ، ئائىلىلىكلەر قورۇسى بار بۇلۇپ ، ساقچىلار ئەتراپتىكى ئولتۇرۇشلۇق ئامما ۋە ئىشتىمالچىلارنى ئەسكەرتكەن ھالدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان . چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 ئەتراپىدا ، تاماقخانا ئەتراپىدىكى بوش يەردە قېچىپ كەتكەن قىسقۇچپاقىنى بايقىغان .
20گە يېقىن ساقچى تاختاي بىلەن قىسقۇچپاقىنى قورشىۋېلىپ ، يېقىن ئەتراپتىكى ھايۋاناتلار باغچىسىنىڭ خادىمى بىلەن بىرلىكتە كەسپى قوراللارنى ئىشىلتىپ قىسقۇچپاقىنى تۇتماقچى بولغان، 15 مىنۇتتىن كىيىن بۇ تېرىككەك قىسقۇچپاقا ئاخىرى ساندۇققا ھەيدەپ كىرىلىپ مۇۋاپىقىيەتلىك تۇتۇلغان .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved