تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن سائەت 5 لەردە، شيەنياڭ شەھىرى ئەسىر يولى ئولىمپىك گۈللۈكى ئولتۇراق رايونىدا پاجىئەلىك ۋەقە يۈزبەرگەن بولۇپ، تۆت ياشلىق بىر ئوغۇل بالا 19-قەۋەتتىن چۈشۈپ كېتىپ، نەق مەيداندا قازا قىلغان.
چۈشتىن كېيىن سائەت 6 لەردە، ۋەقە يۈزبەرگەن نەق مەيدان تازىلىۋېتىلگەن. ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشى تەمىنلىگەن ۋېدىيودا كۆرسىتىلىشچە، بالا چۈشۈپ كەتكەن ئورۇن ئولتۇراق رايوننىڭ كوچا تەرىپىدىكى شىپاخانا ئىشىكى ئالدىدا ئىكەن. 120 جىددىي قۇتقۇزۇش خادىملىرى نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن چاغدا، بالىدا ھاياتلىق ئالامەتلىرى قالمىغان. بۇ كىشىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ بالا بىنانىڭ 19- قەۋىتىدىكى بىر ئائىلىلىكنىڭ بولۇپ، ۋەقە يۈزبەرگەن ۋاقىتتا، ئۆيدە ئادەم يوق بولۇشى مۇمكىن.
چۈشتىن كېيىن سائەت 6 لەردە، خۇاشاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيەنياڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى چىندۇ شۆبىسىدىن ئىگىلىشىچە، چۈشتىن كېيىن سائەت 5 لەردە بۇ ھەقتىكى دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، تەۋەلىك رايوندىكى ساقچىخانا ۋە شۆبە ئىدارە جىنايى ئىشلارنى رازۋېدكا قىلىش چوڭ ئەترىتى تېخنىكا ئوتتۇرا ئەترىتىدىكى ساقچىلار دەرھال نەخ مەيدانغا يېتىپ كېلىپ، نەخ مەيداندا جىددىي قۇتقۇزۇش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، بالىنىڭ ئاللىبۇرۇن جان ئۈزگەنلىكىنى بېكىتكەن.
دېلو بېجىرىشكە مەسئۇل ساقچى دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۈرگەندىن كېيىن جىنايى ئىشلار دېلوسى بولۇش ئېھتىماللىقىنى ساقىت قىلغان. بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن ئاددىي ئەھۋال ئىگەللەش ئارقىلىق، چۈشۈپ كەتكەن بالا بۇ يىل تۆت ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئوغۇل ئىكەنلىكىنى بىلگەن. بالىنىڭ ئانىسى يىغلاپ تۇرۇپ، چۈشتىن كېيىن سائەت 4 لەردە، ئۇ ئازراق ئىش بىلەن سىرتقا چىققان بولۇپ، شۇ چاغدا بالىسى ئۆيدە يالغۇز ئۇخلاپ قالغان ئىكەن، ئەمما ئۇ ئۆيدىن چىقىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا ئۆلۈم خەۋىرى يېتىپ كەلگەن... ...
ساقچىلارنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، نۆۋەتتە بالىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ كەيپىياتى ئىنتايىن تۇراقسىز بولۇپ، داۋاملىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش تەسكە چۈشمەكتە. ساقچىلار شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، نۆۋەتتە قىشلىق تەتىل مەزگىلىگە كىرگەن بولۇپ، ئۆيىدە كىچىك بالا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ باللىرى بار بولغان ئاتا-ئانىلار چوقۇم خەتەردىن ساقلىنىش ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشى، ئۆينىڭ دېرىزىلىرىگە بىخەتەرلىك تورى ئورناتقاندىن سىرت، كىچىك بالىسى بار ئائىلىلەردە، ئاتا-ئانىلار سىرتقا چىققانداق مۇشۇنىڭغا ئوخشاش پاجىئەنىڭ يەنە يۈزبېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئەڭ ياخشىسى بالىنى ئۆيدە يالغۇز قويماسلىقى لازىم.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved