مۇخبىرنىڭ ئالاقىدار تارماقلاردىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا ئۇدا ياغقان يامغۇر سەۋەبىدىن، 18-ئىيۇل سەھەر سائەت 4:00 دە، گۇيجۇ ئۆلكىسى خۇاڭپىڭ ناھىيەسى جيۇجۇ ئوبلاستىدىكى لياڭچاخې سۇ ئامبىرىنىڭ 3-نومۇرلۇق توسمىسىدا يېرىق پەيدا بولۇپ، خەتەرلىك ئەھۋال كۆرۈلگەن. ئەتراپىتا ئولتۇرۇشلۇق ئاممىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن، نۆۋەتتە يەرلىك ئالاقىدار تارماقلار تېزدىن ۋاقىتلىق خەتەردىن قۇتقۇزۇش قوماندانلىق ئىشتابى قۇرۇپ، 150 مىڭغا يېقىن ئاممىنى بىخەتەر جايغا كۆچۈرگەن ھەمدە مۇتەخەسىس ۋە قۇتقۇزغۇچىلار بىلەن بىرگە، سۇ ئامبىرىنىڭ ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تۇرۇش، توسمىنى مۇستەھكەملەپ ئامبار سۈيىنى تىزگىنلەش، پۈتۈن كۈچى بىلەن خەتەرلىك ئەھۋالنى يوقىتىشقا ئاتلانغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved