HTC نىڭ يەر شارى مىقياسىدىكى بازار ئۈلۈشى توختىماي تۆۋەنلەۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما، ئاندىرويىد يانفونلىرىنىڭ ئاتىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، HTC مەيلى ئىشلەپچىقىرىش ھۈنەر-سەنئىتى ياكى UI لايىھەسى جەھەتتە بولسۇن، ھەممىسىدىلا ئۆزىگە خاس يىتۈك ئالاھىدىلىكنى ھازىرلىغان. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھىلىھەم ئاز بولمىغان سادىق ئەگەشكۈچىلەر HTC نىڭ يېڭى يانفونىنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتۈۋاتىدۇ. خادىملىرى خىزمەتتىن ئىستىپا بېرىش ۋە لايىھە سۈرەتلىرى ئاشكارىلىنىپ كېتىش قاتارلىق مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەن HTC شىركىتى نۆۋەتتە M8 دىن ئۆزىنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاشقا مەجبۇر بولماقتا.
تۈنۈگۈن توردا HTC شىركىتىنىڭ خۇاۋېينىڭ ئورنىنى ئېلىپ، گۇگېلنىڭ كىيىنكى ئەۋلاد Nexus يانفونىنى ۋەكالىتەن ئىشلەپچىقىرىش ھوقوقىغا ئېرىشكەنلىكى ھەققىدە خەۋەر تارقالغان، بۇ HTC ئۈچۈن ئېيتقاندا، شۈبھىسىز بىر خۇشخەۋەر بولۇپ ھېسابلىدۇ. سېتىلىش مىقدارى جەھەتتىن ئېيتقاندا، Nexus يانفونلىرى گەرچە ۋەكالىتەن ئىشلەپچىقارغۇچى تەرەپكە ئانچە كۆپ پايدا ئېلىپ كېلەلمىسىمۇ، ئەمما، ئۇ يانفون كارخانىلىرىنىڭ ماركا ئوبرازىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ياردەم قىلالايدۇ. تۈنۈگۈن داڭلىق ئۇچۇر ئاشكارىلىغۇچى upleaks مىكرو بىلوگىدا ئۇچۇر تارقىتىپ، HTC ۋەكالىتەن ئىشلەپچىقىرىدىغان ئىككى خىل Nexus يانفونىنىڭ بارلىق تورنى قوللاش ئىقتىدارىغا ئىگە بولىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
ئەمەلىيەتتە، يانفوننىڭ ھازىرقى بارلىق تورنى قوللايدىغان نۇسخىسىنى ياساپ چىقىش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ماس كېلىدىغان بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلەشكە توغرا كېلىدۇ، ھالبۇكى، نۆۋەتتە كۇۋالكوم سنەپدراگون 820 گە ئىشلىتىلگەن X12 LTE تىپلىق مودېم ماسلاشتۇرغۇچ دەل دۇنيادىكى بارلىق كۆچمە ئالاقە شىركەتلىرىنىڭ تور شەكلىنى قوللاش ئىقتىدارىنى ئۆزىدە ھازىرلىغان. شۇڭا، HTC شىركىتى ياساپ چىقىدىغان يېڭى Nexus يانفونىغا سنەپدراگون 820 تىپلىق بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلىنىشى ئېھتىمالغا يىقىن. ئۇندىن باشقا، گۇگېل ئەپ بازىرى مۇلازىمىتىنىڭ جۇڭگو بازىرىغا كىرىشىگە ئەگىشىپ، ئىشنىمىزكى، HTC ۋەكالىتەن ئىشلەپچىقىرىدىغان ئىككى خىل يېڭى Nexus يانفونى چوقۇم چوڭ قۇرۇقلۇق نۇسخىسىنىمۇ بازارغا سالىدۇ. ئەلۋەتتە، كۆپچىلىك بۇ يانفوننىڭ باھاسىنىڭ بەك قىممەت بولۇپ كەتمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
![]() |
بۇ بېنىز G63 6X6 ئاپتوموبىلى قارىماققا ئىنتايىن ھەيۋەت كۆرۈنىدۇ، ئالتە چاقلىق لايىھىسى سىزگە ئۆزگىچە تۇيغۇ بېغىشلايدۇ. تاشقى كۆرۈنۈشىدىن قارىغاندا بۇ ئاپتوموبىل ئەنئەنىۋىيلىكنى داۋاملاشتۇرغان.
...
|
![]() |
پەيشەنبە كۈنى ئالمىنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى پاتنېتى ماقۇللۇقتىن ئۆتتى، بۇ تۈرلۈك پاتنېت كەلگۈسىدىكى iPhone ۋە iPad كە بېسىم سەزگۈچ تېخنىكىغا ئىگە Touch ID كۇنۇپكىسى سەپلىنىدىغانلىقى، ئەكىسچە Home كۇنۇپ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved