ئاق ساراي: بىن لادىننىڭ ئۆلۈمى ھەققىدىكى يالغان خەۋەرلەرنى ئىنكار قىلدى

يەر شارى خەۋەر تورى 12-ماي خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى؛ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، تېرور تەشكىلاتى «ئەل قائىدە» بازا تەشكىلاتىنىڭ كاتتىۋېشى ئۇسامە بىن لادىننىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى ھەققىدە جەمئىيەتكە يالغان خەۋەر تارقىتىلغان دىگەن قاراشنى ئىنكار قىلدى. ئامېرىكىدىكى «Pulitzer» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن مۇخبىرSeymour Hersh ، London Review of Books تور بېتىدە ئېلان قىلغان ماقالسىىدە، تېرور تەشكىلاتى ئەلقائىدەنىڭ رەھبىرى ئۇسامە بىن لادىننىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى ھەققىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنياغا يالغان خەۋەر تارقاتقانلىقىنى، بىن لادىننىڭ 2011-يىلى ئۆلتۈرۈلگەن ۋاقىتتا نەخ مەيداندا يوقلىقى ۋە 2006-يىلىدىن بۇيان پاكىستان ئاخبارات ئىدارىسى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. ئاق ساراي ۋە بەش بۈرجەكلىك بىنا بۇ خەۋەرنى ئىنكار قىلدى. مۇخبىر Hersh، ئامېرىكا ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ دەم ئېلىشقا چىققان بىر خادىمىدىن نەقىل قىلغان ئۇچۇرىدا، بىن لادىننىڭ تۇتۇش ھەرىكىتى جەريانىدا ئۆلتۈرۈلگەنلىكى خەۋىرىنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى، بىن لادىننىڭ ئۆيىگە ھۇجۇم قىلىنىشتىن بۇرۇن مەزكۇر رايۇندىن ئايرىلغانلىقىنى ئېيتقان. ۋە بىن لادىننىڭ دەپنە قىلىنىشى ھەققىدىكى خەۋەرنىمۇ توغرا ئەمەس دىگەن.
مۇخبىر Hersh 1970-يىلى ئامېرىكا ئاخباراتىنىڭ ئەڭ ئىناۋەتلىك مۇكاپاتى بولغان «Pulitzer» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئىدى.
ئاق ساراي باياناتچىسى Josh Earnest ، بۇ خەۋەرنىڭ تامامەن يالغان ئىكەنلىكىنى، بىن لادىننى تۇتۇش ھەرىكىتىگە ئوباما ۋە ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى «CIA»نىڭ سابق مۇئاۋىن باشلىقى Mike Morellنىڭ نازارەتچىلىك قىلغانلىقىنى، ئوباما ھۆكۈمىتى ۋە مايك مورىلنىڭ بۇ خەۋەرنى يالغان دىگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا بەش بۈرجەكلىك بىنا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى باياناتچىسى ستېۋ ۋارىن، بۇ خەۋەرنىڭ ئويدۇرما ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.



12-05-2015
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: يەر شارى خەۋەر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
17-04-2016
    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 17- ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، سەئۇدى ئەرەبسىتان ئوباما ھۆكۈمىتىگە ئاگاھلاندۇرۇش چىقىرىپ: ناۋادا ئامېرىكا پارلامېنتى يېڭى قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللاپ، 11- سېنتەبىر تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەسىدە مەسئۇلىيە...
17-04-2016
   فرانسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئېررو ۋە گېرمانىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ستەيىنمېيىل تۈنۈگۈن لىۋىيەنىڭ پايتەختى تىرىپولىغا يېتىپ بېرىپ، لىۋىيە مىللىي ئىتتىپاقلىق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەزالىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئېررو شۇ كۈنكى مۇخبى...
07-03-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى روگوزىن فېدېراتسىيە كومىتېت ئەزالىرى يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:...
07-03-2016
ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2-ئىيۇل ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر 12-ئايغىچە، ياپونىيەدە مەملىكەت بويىچە ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغان ئائىلە سانى 1 مىليون 634 مىڭ ئائىلىدىن ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى قىممەتنى يارا...
07-03-2016
شىنخۇا تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى ئىراقنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى بابىلۇن ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە مەركىزى شىلا شەھىرىدىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتى شۇ جاي ۋاقتى 6- مارت چۈشتىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتېرلىك پارت...
02-03-2016
ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ئاساسي قانۇن مەھكىمىسى 1-مارت پايتەخت بانگىدا، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق زۇڭلىسى، مۇستەقىل سايلام نامزاتى تۇۋادرانىڭ 2-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىدا %62.69 ئاۋازغا ئېرىشىپ، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇريىتىنىڭ...
02-03-2016
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى،موسكىۋا،27-فېۋرال تېلىگىراممىسى:روسىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقى27-فېۋرال مۇنۇلارنى بىلدۈردى:روسىيەنىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگىي لاۋروف ۋە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كاتىپى جون كېررى سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىلغانلىقىد...
22-02-2016
سىنا تورى خەۋىرى، باغداش تورى تەرجىمىسى: چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ 21 - فېۋرال تەمىنلىگەن سۈرەتلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئېن يېقىندا چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسى ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ ئۇچۇش مەشىقىنى كۆزدىن كەچ...
12-02-2016
   فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فرانسىيىنىڭ غەربىدىكى چاررىنت ئۆلكىسىدە 11 -فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن مەكتەپ ئاپتوبۇسى بىلەن يۈك ئاپتوموبىلى سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەدە ئالتە ئادەم قازا قىلىپ، ئۈ...
12-02-2016
   مېكسىكىنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى بىر تۈرمىدە شۇ جاي ۋاقتى 11- فىۋرال زور كۆلەملىك قالايمىقانچىلىق كۆرۈلۈپ، ئاز دېگەندە 52 ئادەم قازا قىلىپ، 12 ئادەم يارىلانغان. يەرلىك دائىرلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى قالايمىقانچىلىق ئىككى قار...
Powered by Leglek