ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ 10-ئۆكتەبىر خەۋەر قىلىشىچە ، غەربىي ئاۋستىرالىيە ئىشتاتىنىڭ پاس شەھىرىدىكى فوتوگراف كولېن ساياھەت قىلىش جەريانىدا كوتېسلو ساھىلىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، يۇمىلاق شەكىللىك ھەسەن-ھۈسەننى سۈرەتكە تارتىۋالغان .
كولېن بۇ خىل مەنزىرىنىڭ ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغانلىقىنى ، بۇ مەنزىرىنى سۈرەتكە تارتىشنىڭ ئىنتايىن قىيىن ئىكەنلىكىنى ئېيتقان .
ئۇ مۇنداق دېگەن : بىز ئەينى چاغدا بىر قېتىملىق يۇقىرى بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىش سەپىرىنى ئاياغلاشتۇرۇپ قايتىۋاتقان ئىدۇق ، شۇ چاغدا تىك ئۇچار ئايروپىلان بىر ئۆتكۈنچى يامغۇر رايونىدىن ئۆتتى ، قۇياشمۇ تاغ كەينىگە ئۆتكەن بولۇپ ، ئورنى ئىنتايىن تۆۋەن ئىدى ، بۇ چاغدا دەل بىزنىڭ ئالدىمىزدىلا بۇ غەلىتە ھەسەن - ھۈسەن پەيدا بولدى . شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنى سۈرەتكە تارتىۋالدىم.
ئامېرىكا دۆلەتلىك ئالەم بوشلۇقى ئىدارىسى (NASA) نىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ، يۇمىلاق ھەسەن - ھۈسەن ھادىسىسى بىلەن كۈزەتكۈچىلەرنىڭ ئورنىدا ناھايىتى زور پەرق بار ئىكەن ، بۇ ھەسەن -ھۈسەن ئاساسلىقى يامغۇر تامچىسىنىڭ قۇياش نۇرى ئىچىدە نۇر قايتۇرۇشىدىن شەكىللەنگەن ئىكەن .
![]() |
ھازىرقى ئەھۋالدا ھىلارى ئۇتۇپ چىقىدۇ
ترامپنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئىككى رەقىبى كىرۇز ۋە كاسىچ ئارقا - ئارقىدىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى جاكارلىدى، يەر-مۈلۈك ماگناتى ترامپ 2016 - يىللىق ئامېرىكا جۇمھۇ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved