بۇلتۇر 6-ئايدا، گۇگېل X تەجرىبىخانىسى گاز شارى تور پىلانى (Project Loon) دەپ ئاتالغان بىر تەتقىقات تۈرىنى باشلىغان بولۇپ، مەقسىتى يەرشارىنى ئايلىنىپ يۈرىدىغان گاز شارى ئارقىلىق يەر يۈزىگە قارىتا سىمسىز تور تارقىتىش. ھازىر بۇ تۈرنىڭ يولغا قويۇلغىنىغىمۇ بىر يىل بولۇپ قالدى، ھەممە ئىشلار ئوڭۇشلۇق بولسا، گۇگېل كېلەر يىلى پۈتۈن يەرشارى مىقياسى بويىچە 4G تورى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشنى يولغا قويىدۇ.
گۇگېل X تەجرىبىخانىسىنىڭ مەسئۇلى ئاستىرو تېللېر «ئۇلىنىش» ژورنىلى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، گۇگېل شىركىتىنىڭ كېلەر يىلى مۇشۇ ۋاقىتتا تېخىمۇ كۆپ گاز شارىنى ھاۋا بوشلۇقىغا قويۇپ بېرىپ، كۆپلىگەن دۆلەتلەر ئۈچۈن 4G تورىنى تەمىنلەشنى باشلايدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان.
تېللېرنىڭ سۆزىگە ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە بۇ تۈرنىڭ ئوڭۇشلۇق ھالدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. مەزكۇر تۈر دەسلەپ ئوتتۇرىغا چىقىرىلغاندا، سىمسىز تور نۇقتىسىنىڭ رولىنى ئۆتەيدىغان گاز شارى ھاۋا بوشلۇقىدا پەقەت نەچچە كۈنلا لەيلەپ تۇرالىغان، گۇگېل كىيىن گاز شارىنىڭ ۋېرتىكال ئۇزۇنلۇقىنى ئۆزگەرتىپ، قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرغاندىن كىيىن، گاز شارىنىڭ شامال كۈچىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن، نۆۋەتتە بىر دانە گاز شارىنىڭ ھاۋا بوشلۇقىدىكى ئۇچۇش ۋاقتى 75 كۈندىن ئېشىپ كېتىدىكەن.
سىناق نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، گاز شارى تەخمىنەن بىر مىليون 500 مىڭ كىلومېتىر مۇساپىنى تاماملىيالايدىغان بولۇپ، ھەر سېكونتلۇق تور سۈرئىتى 22 مىگابايتقا يېتىدىكەن، يانفون ئابونتلىرىغا تور سۈرئىتى بەش مىگابايىت بولغان ئىنتېرنېت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىيەلەيدىكەن.
گۇگېلنىڭ مەقسىتى كېلەر يىلى گاز شارىنىڭ ئۇچۇش ۋاقتىنى 100 كۈندىن ئاشۇرۇش، شۇنداقلا 300 دىن 400 گىچە بولغان گاز شارىنى ئايلانما لىنىيە بويىچە قويۇپ بېرىپ، تېخىمۇ كۆپلىگەن رايونلارنى ئىنتېرنېت بىلەن تەمىنلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved