رونالدونىڭ توپ كىرگۈزۈش ئۈنۈمى پولشالىق ھۇجۇمچىدىن ئېشىپ كېتىدۇ

       بۇ پەسىلنىڭ بېشىدا، خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىدىكى پورتۇگالىيەلىك ھۇجۇمچى كىرىستىئانو رونالدونىڭ ئىپادىسى ئانچە تۇراقلىق بولمىدى. دەسلەپتىكى يەتتە ئايلانما بىرلەشمە مۇسابىقىنىڭ ئالتە مەيدان مۇسابىقىسدە توپ ئۇرالمىدى. كېيىن مۇسابىقىنىڭ چوڭقۇرلىشىغا ئەگىشىپ بارغانسېرى ئەسلىدىكى ھالىتىگە قايتىپ كەلدى. ئىسپانىيە تاراتقۇسى «ئا س گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ پەسىل كىرىستىئانو رونالدونىڭ ھەرقايسى تۈردىكى مۇسابىقىدە كىرگۈزگەن توپ سانى 23 گە يەتكەن بولۇپ، بۇ جەھەتتە بايرىن مىيۇنخېن كوماندىسىنىڭ ھۇجۇمچىسى لېۋانتوۋسىكىنىڭ كىرگۈزگەن توپ سانى بىلەن تەڭلەشكەن. ئەمما كىرىستىئانو رونالدونىڭ خان جەمەتى مادرىد كەسپىي ھاياتىدا ھەر بىر مەيدانغا توغرا كەلگەن ئوتتۇرىچە توپ كىرگۈزۈش ئۈنۈمى لېۋانتوۋسىكىنىڭ بايرىن مىيۇنخېن كەسپىي ھاياتىدىكى توپ كىرگۈزۈش ئۈنۈمىدىن خېلى بەكلا ئېشىپ كېتىدۇ.

       ھازىرغا قەدەر كىرىستىئانو رونالدو بۇ پەسىل ھەرقايسى تۈردىكى مۇسابىقىدە 23 توپ كىرگۈزگەن. ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمە مۇسابىقىسدە 12 توپ كىرگۈزگەن. ياۋروپا چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمە مۇسابىقىسدە 11 توپ كىرگۈزگەن. بۇ سان بىلەن يېڭى پەسىللىك بىرلەشمە مۇسابىقە باشلانغاندىن بۇيان قالتىس ئويناۋتقان پولشالىق ھۇجۇمچى لېۋانتوۋسىكى بىلەن تەڭلەشكەن. لېۋانتوۋسىكى گېرمانىيە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمە مۇسابىقىسدە 15 توپ كىرگۈزگەن. ياۋروپا چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمە مۇسابىقىسدە يەتتە توپ كىرگۈزگەن. گېرمانىيە لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسدە بىر توپ كىرگۈزگەن. گەرچە ئىككى ھۇجۇمچى بۇ جەھەتتە ۋاقىتلىق تەڭلەشكەن بولسىمۇ، بىراق بىر ئىشنى ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەك، يەنى بۇ لېۋانتوۋسىكىنىڭ كەسپىي ھاياتىدىكى ئەڭ قالتىس مۇسابىقە پەسلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.  كىرىستىئانو رونالدونىڭ ئىپادىسى ئانچە ياخشى بولمىغان ھالەتتىمۇ يەنىلا مۇشۇنداق نەتىجە ئالدى. بۇ كىرىستىئانو رونالدونىڭ ئەڭ ياخشى باشلانمىغان مۇسابىقە پەسلى ھېسابلىنىدۇ

      ياۋروپا بەش چوڭ بىرلەشمىسدە ھازىر گېرمانىيە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىسىدىكى سېرىق ھەرە دورتموند كوماندىسىنىڭ ھۇجۇمچىسى ئوبومىياڭ ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگەن بولۇپ، گابون دۆلەت پۇتبول كوماندىسىنىڭ ئەزاسى ئوبومىياڭ 27 توپ كىرگۈزگەن. بۇنىڭ ئىچىدە گېرمانىيە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمە مۇسابىقىسدە 18 توپ، ياۋروپا بىرلەشمە لوڭقىسدا يەتتە توپ، گېرمانىيە لوڭقىسدا ئىككى توپ كىرگۈزگەن. بۇ توپچىدىن كېيىنكىسى بارسېلونا كوماندىسىدىكى ئۇراگۋايلىق ھۇجۇمچى سۇئارېز، ئۇ يېقىندا ئېلىپ بېرىلغان دۇنيا كولۇبلار لوڭقىسىنى تالىشىش ئىككى مەيدان مۇسابىقىدە بەش توپ كىرگۈزگەن. بۇ پەسىل ھەرقايسى تۈردىكى مۇسابىقىدە كىرگۈزگەن توپ سانى 24 كە يەتكەن. كىرىستىئانو رونالدو بىلەن لېۋانتوۋسىكى 23 توپ بىلەن ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.

     «ئا س گېزىتى» نىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۆتكەن بەش پەسىلدە كىرسىتىئانو رونالدونىڭ ھەر بىر پەسىلدىكى توپ سانى 50+ بولۇپ، بۇنداق نەتىجە ياراتماق ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس، شۇنداقلا بۇ ئادەتتىكى ھۇجۇمچىلارنىڭ قۇلىدىن كېلىدىغان ئىشمۇ ئەمەس، خان جەمەتى مادرىد كولۇبىغا كەلگەندىن بۇيان كىرىستىئانو رونالدو 322 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 336 توپ كىرگۈزگەن. بىر مەيدانغا توغرا كەلگەن توپ سانى 1.4 بولغان. بۇ خېلى داڭلىق دېگەن مەرگەنلەرمۇ ئىشقا ئاشۇرالمايدىغان سان. لېۋانتوۋسىكى بايرىن مىيۇنخېن كوماندىسدا 75 مەيدان مۇسابىقىدە 48 توپ كىرگۈزگەن. 0.64 تىن توغرا كېلىدۇ. يېقىندىن بۇيان چىققان خەۋەرلەردە، خان جەمەتى مادرىد كولۇبى لېۋانتوۋسىكىنى يۆتكەپ كەلمەكچى دېيىلگەن بولۇپ، لېكىن نۆۋەتتىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا، CR7 يەنىلا لېۋانتوۋسىكىدىن ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدۇ. خان جەمەتى مادرىد يۇقۇرى قاتلىمى بۇ ئىشتا ئويلىنىپ بېقىشى كېرەك.



خەتكۈچلەر:
23-12-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
08-05-2016
   مورىنھو چېلىسى كوماندىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ناھايىتى تېزلا تاغدىن چۈشۈپ، خىزمەت ئىزدەيدىغانلىقى جاكارلىغان بولسىمۇ، لېكىن تا ھازىرغا قەدەر تاغ قاپتىلىغىمۇ كېلەلمەي قالدى. ئەمەلىيەتتە مورىنھودەك تالانىت ئىگىسىنىڭ ئ...
08-05-2016
     5-ئاينىڭ 7-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ سائەت 7:30 دا، 2015-2016-پەسىللىك گېرمانىيە بىرلەشمىسى 33-ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلدى، بۇ مۇسابىقىدە بايرىن مىيۇنخېن مېھمان مەيداندا ئىنگولىستاد كوماندىسى بىلەن...
07-05-2016
    3-ماي چۈشتە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ قاراقاش ناھىيەسىدە قىزىرىپ پىشقان گۆشكىردىگە ئېغىز تېگىپ، ئۆزگىچە تائام مەدەنىيىتىمىزدىن يەنە بىر قېتىم سۆيۈنگەن بولسام، 4-ماي چۈشتە بىز ئولتۇرغان جەنۇب ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ ئايروپىلانى گۇاڭجۇ...
07-05-2016
    گېرمانىيە بىرلەشمىسى ئورگان تورىدا، بايرىن مىيۇنخېن قاپقىچىسى نويېرنىڭ 2015-2016-پەسىللىك گېرمانىيە بىرلەشمىسىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر قاپقىچىسى بولۇپ باھالانغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ قېتىملىق باھالاشتا، نويېر لېۋېركۇسېن قاپقى...
07-05-2016
    دورتموند ئورگان تورىدا گۇندوغاننىڭ تىزى يارىلانغانلىقى ئۈچۈن، ياۋروپا لوڭقىسىغا قاتنىشالمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. گېرمانىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گوندوغاننىڭ تىزى يارىلانغانلىقى ئۈچۈن، يەكشەنبە كۈنىدى...
06-05-2016
    «كۈندىلىك تەنتەربىيە گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بارسېلونا ئىككى ھۇجۇمچىنى كۆزىتىۋاتقان بولۇپ، بۇلارنىڭ بىرسى سىۋېللا ھۇجۇمچىسى گامېرى، يەنە بىرسى بولسا لاكورونىيە ھۇجۇمچىسى لۇكاس پېرېز ئىكەن. بارسېلونانىڭ كەينى كەينىدى...
06-05-2016
     ۋاڭيى تورى 6-ماي تەنتەربىيە خەۋىرى، NBA شەرقىي رايون يېرىم ھەل قىلغۇچ ئىككىنچى مەيدان كۈچ سىنىشىشتا ئەجدىھا كوماندىسى تۆت كونتىيور كەسكىن رىقابەتتىن كېيىن قوشۇمچە مۇسابىقە ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ ئۆز مەيدانىدا 96:92 ...
05-05-2016
    مادرىد ئاتلېتكا كوماندىسى يەنە ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئويناش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى. يېرىم ھەل قىلغۇچ ئىككىنچى ئايلانما مۇسابىقىدە، مېھمان مەيداندا 1 : 2 نەتىجە بىلەن گېرمانىيەدىكى بايرىن مىيۇ...
04-05-2016
     ئەتە سەھەر ئوينىلىدىغان ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، مانچېستىر شەھىرى مېھمان مەيداندا خانلىق مادرىد بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ. بۇ مۇسابىقىدىن ئىلگىرى كۆك ھىلال ئاي قوشۇنىنىڭ مۇداپىيەچىسى زابالېتا ئ...
04-05-2016
      قاينام – تاشقىنلىققا چۆمگەن يوپۇغا ناھىيەسىدىكى مىللىيچە چېلىشىشقا ئامراق ھەر مىللەت يوپۇغا خەلقى بۇ يىللىق ماي بايرىمىلىق دەم ئېلىش كۈنلىرىدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ‹‹ئوغلانلار›› مىللىيچە چېلىشىش...
Powered by Leglek