ئاكۇرا Precision ئۇقۇم ئاپتوموبىلى تۇنجى ئېلان قىلىندى

      ئاكۇرا يېقىندا شىمالى ئامېرىكا خەلقئارا كۆرگەزمىسىدە Precision ئۇقۇم ئاپتوموبىلىنى رەسمى ئېلان قىلدى. ئىگەللىنىشىچە، بۇ ئۇقۇم ئاپتوموبىلى ئاكۇرا ماركىسىنىڭ «Precision Crafted Performance» بۇ يادرولۇق DNA گە قارىتا مۇكەممەل ئىپادىلىنىشى ئىكەن.

Precision ئۇقۇم ئاپتوموبىلىنى ئاكۇرانىڭ كالفورنىيەدىكى لاھىيە گۇرۇپپىسى تەتقىق قىلىپ، بۇ ماركىنىڭ كەلگۈسى مەھسۇلاتىنىڭ لاھىيە يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. بۇ ئۇقۇم ئاپتوموبىلىنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈش لاھىيەسىدىكى ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىك بولسا «كۆپ يۇلتۇزلۇق بەش تەرەپلىك» ئالدى ھاۋا كىرىش سالاسۇنى. ئۇ ئاكۇرانىڭ يېڭى يۈز لاھىيە ئۇسلۇبىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.

يېڭى ئۇقۇم ئاپتوموبىلىنىڭ ئالدى يۈزىگە يەنە «بىر قاتار ياقۇت» قا ئوخشاش LED ئالدى چوڭ چىراق سەپلەنگەن، ئەكىسچە قۇيرۇققا لەيلىمە شەكىللىك LED قۇيرۇق چىراق لاھىيەسى قوللانغان. يان تەرەپنىڭ قاتلاملىق لاھىيەسى تېخىمۇ يۇمىلاق بولغان ماشىنا گەۋدىسىنىڭ ئومۇمى قىياپىتى بىلەن ئىنتايىن ماسلاشقان. بۇندىن سىرت، ئاكۇرا يەنە بۇ نۇسخا ئۇقۇم ئاپتوموبىلى ئۈچۈن چوڭ رازمىردىكى 22 دىيۇملۇق چاق بۇلى سەپلىگەن، ھەمدە مىچىلىننىڭ Pilot Super Sport بالونىنى ماسلاشتۇرغان.

ئىچكى بېزەك تەرەپتە، بۇ نۇسخا Precision ئۇقۇم ئاپتوموبىلىنىڭ يارقىن نۇقتا لاھىيەسى قوش قەۋەتلىك ئۆلچەش ئەسۋابى تاختىسى، قولدا ياسالغان رىئال ياغاچلىق ياڭراتقۇ سالوسۇنى ۋە «لەيلىمە» شەكىللىك ئارقا رەت ئورۇندۇقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قىياپىتى ئۆزگىچە بولغان رولغا خوت ۋە Integrated Dynamics سېستىمىسىنىڭ مەشغۇلات كۇنۇپكىسى ئورنىتىلغان. ماشىنا ئىچىگە يەنە بىر لەيلىمە شەكىللىك ئۆلچەش ئەسۋابى تاختىسى، ئۇدۇل قارايدىغان ئېكران ۋە چوڭ رازمىردىكى ئەگمە شەكىللىك مەركىزى كونترول سۇپىسى سۇيۇق كرىستاللىق ئېكران سەپلەنگەن، شوپۇر بىر لەيلىمە شەكىللىك سېزىمچان تاختا ئارقىلىق مەركىزى كونترول سۇپىسى سۇيۇق كرىستاللىق ئېكراننى كونترول قىلىدۇ.

Precision ئۇقۇم ئاپتوموبىلىنىڭ ماشىنا گەۋدىسى ئۇزۇنلۇقى 204 دىيۇم (5181 مىللىمېتىر)، پەقەت ئاۋدى A8 ۋە ب م ۋ 7 قاتارىدىن بىر قانچە دىيۇم قىسقا. ئوق ئارىلىقى 3098 مىللىمېتىر، تولۇق رازمىرلىق ماشىنا تىپىغا تەۋە، ماشىنا گەۋدىسى كەڭلىكى 2133 مىللىمېتىر، تولۇق رازمىرلىق پىكاپتىن كەڭرى. بىراق ماشىنا گەۋدىسى ئېگىزلىكى ئاران 1320 مىللىمېتىر، نىسسا 370Z نىڭ ئېگىزلىكى بىلەن تەڭ.



خەتكۈچلەر:
13-01-2016
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
28-05-2016
    5-ئاينىڭ 26-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو ئالەم قاتنىشى يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات ئەھۋالىدىن تاراتقۇلارنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا، دۆلەت مۇداپىيە پەن-تېخنىكا سانائىتى ئىدارىسىنىڭ ئىنژىنېرى، دۆلەت ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ باش كا...
28-05-2016
    ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا ئادىداس گېرمانىيەدە SpeedFactory ناملىق پۈتۈنلەي ئاپتوماتىك زاۋۇتنى سىناق يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ يىل 5-ئاينىڭ 24-كۈنى ئادىداس ئاخىرى سانائەت ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى ئاغدۇرۇۋىتەلەيدىغان گېر...
28-05-2016
    تۈنۈگۈن تورداشلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بەيدۇ  ۋە سوگۇ كىرگۈزگۈچى تورغا ئۇلاقلىق ئەھۋالدا ئىشلەتكۈچىلەر ئۇرغان خەت ئۇچۇرىنى مۇلازىمېتىرغا يوللاپ بېرىدىكەن ھەمدە ھەممىسىنى ئاشكارا يوللاپ بېرىدىكەن. بۇ خاككېرلارنىڭ ئىشلەتكۈچ...
28-05-2016
    تېڭشۈن تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى خەۋىرى، ئىككى يىل ئىلگىرى ئامېرىكا فېدېراتسىيەسى ئالاقە كومىتېتى قانۇنسىز يان تېلېفون سىگنالىغا كاشىلا قىلغۇچنى ساتقان جۇڭگو ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلات ياساش سودىگىرى CTS پەن-تېخنىكا شىر...
28-05-2016
     تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دۆلەت ئىچىدىكى chi wei شىركىتى يېڭىدىن windows 10/android5.1 قوللايدىغان قوش سىستېمىلىق تاختا كومپيۇتېر ئېلان قىلغان بولۇپ، HiBook Pro تاختا كومپيۇتېرىغا ئاليۇمىن مېتاللار ئىشلىت...
28-05-2016
1991T تورىنىڭ 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     IDC نىڭ ئەڭ يېڭى پەرىزىگە ئاساسلانغاندا، 2019-يىلىغا بارغاندا زور سانلىق مەلۇمات ۋە كەسپىي ئانالىزنىڭ يىللىق كىرىمى 2015-يىلدىكى 112 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن 187 مىل...
28-05-2016
شىنخۇا تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە گېرمانىيەلىك ئالىملار بىر خىل سۈنئىي نېرۋا سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار بۇ ئارقىلىق ماشىنا ئاد...
28-05-2016
سىنا تورى پەن تېخنىكا قانىلىنىڭ 27-ماي چۈشتىن كېيىنكى خەۋىرى: باغداش تورىدىن لوقمان تەرجىمىسى     5-ئاينىڭ 27-كۈنى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىسىتىرلىقى ئېلان قىلغان تېلېگراف مۇلازىمەت سۈپىتى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىدا كۆ...
28-05-2016
ۋاڭيى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     «خېلسىنكى خەۋىرى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بوستون مەسلىھەتچىلىك گوروھىنىڭ يېقىندىكى مۆلچەرىگە ئاساسلانغاندا، بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىلدا، ئېلىكترونلىشىش ۋە ماشىنا ئادەم فىنلاندىيە...
27-05-2016
بېتا تورىنىڭ 27-مايدىكى خەۋىرى: باغداش تورىدىن لوقمان تەرجىمىسى     قىسقا ئۇچۇر بىر مەھەل جۇڭگودا ئەڭ كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلگەن خەۋەرلىشىش ئۇسۇلى بولدى، ئەمما كۆچمە ئىنتېرنېت تورىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئەگىشىپ، ئۈندىدار...
Powered by Leglek