بۈگۈن چۈشتىن كىيىن، 360 شىركىتى بېيجىڭدا 360 چىكۇ يانفونىنىڭ بايراقدار دەرىجىلىك ئالاھىدە نۇسخىسىنى ئېلان قىلغان، بۇ يانفوننىڭ باھاسى 2999 يۈەن بولۇپ، 14-يانۋار چۈشتىن كىيىن سائەت 18:00 دىن باشلاپ، جىڭدوڭ شەھەرچىسى، چىكۇ شەھەرچىسى ۋە 360 شەھەرچىسى ئارقىلىق زاكاز قوبۇل قىلىشنى باشلايدىكەن، 19-يانۋار ئەتىگەن سائەت 10:00 دىن باشلاپ رەسمىي تۈردە سېتىلىدىكەن.
سەپلىمىسىگە كەلسەك، 360 چىكۇ يانفونى بايراقدار نۇسخىسىغا ئېنىقلىق دەرىجىسى 2K بولغان ئېكران، سنەپدراگون 808 تىپلىق بىر تەرەپ قىلغۇچ، 4GB لىق ئىچكى ساقلىغۇچ، 128GB لىق ئاساس ساقلىغۇچ، ئالدىغا سەككىز مىليون، كەينىگە 13 مىليون پىكسېللىق كامېرا ۋە 3700 مىللىئامپىرلىق باتارىيە سەپلەنگەن؛ بارماق ئىزىنى تونۇش ۋە قوش ئۈندىدار ئېچىش قاتارلىق ئىقتىدارلارنى ئۆزىدە ھازىرلىغان.
تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغان يېرى، 360 شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى جوۋ خوڭيى يىغىندا سۆز قىلىپ، ۋاڭ كەينى 360 يانفونلىرىنىڭ 2016-يىلىدىكى ئوبراز ۋەكىلى قىلىپ سايلىغانلىقىنى جاكارلىغان. ئۇ سۆزىدە ۋاڭ كەينى كېلىشكەن ۋە ئۆزىگە خاس خاراكتېرى بار دەپ ماختىغان، ھەمدە «بىز بۇلتۇر 360 يانفونلىرىنىڭ كۆركەم ئوبرازىنى گەۋدىلەندۈرۈشكە سەل قاراپتۇق، 360 يانفونلىرىنىڭ 2016-يىلىدىكى تەقدىرى ۋاڭ كەيگە باغلىق» دېگەن.
ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ ئاخىرىدا، جوۋ خوڭيى بىلەن ۋاڭ كەي بىرلىكتە 360 چىكۇ بايراقدار يانفونىنىڭ ۋاڭ كەي ئۈچۈن ئالاھىدە لايىھەلەنگەن نۇسخىسىنى ئېلان قىلغان. بۇ يانفونغا ۋاڭ كەيگە ئاتاپ ئالاھىدە ئىشلەنگەن ئۇسلۇب، تەگلىك رەسىم، قوڭغۇراق مۇزىكا، يانفون قېپى قاتارلىق ئېلېمېنتلار قوشۇلغان بولۇپ، سېتىلىش باھاسى ئادەتتىكى نۇسخىسى بىلەن پەرقلەنمەيدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved