بىرازىلىيە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى دۆلەت كوماندىسىنىڭ 23 كىشىلىك چوڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى. كا كا، رونالدىنھو، روبىنھو قاتارلىق داڭلىق چولپانلار بۇ تىزىملىكتىن ئورۇن ئالالمىدى.
ۋاراتار تەرەپتىن بىرازىليە دۆلەت كوماندىسىنىڭ باش مەشقاۋۇلى سىكىلارىنىڭ بۇرۇنقى كونا ۋاراتار سەسارغا بەكرەك ئىشىنىدىغانلىقى ئېنىق. شۇڭا ئۇ بالۇنسىيادا ئويناۋاتقان دىياگو ئارۋىسقا ئوخشاش يېڭى توپچىنى تاللىمىدى. مۇداپىئە تەرەپتىكى تاللاش غۇلغۇلا قوزغىدى. مادرىد رىقابەت كۇلۇبىدا ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى بولغان فېرىپ بىلەب مىراندا چوڭ تىزىملىككە كىرگۈزۈلمىگەن. ئەكىسچە ناپولۇستا توپ تېپىۋاتقان ئىپادىسى ئانچە كۆرۈنەرلىك بولمىغان ئېنرىك ئويلىمىغان يەردىن چوڭ تىزىملىككە كىرگەن.
بىرازىلىيە دۆلەت كوماندىسىدا ئوتتۇرا مەيدان ئوينايدىغان داڭلىق توپچىلار ئەڭ كۆپ، شۇڭا تىزىملىككە كىرەلمىگەن داڭلىق چولپانلارمۇ خېلى بار. مەسىلەن: كا كا، رونالدىنھو، كورتىدىنىئو، لۇكاس ھەم كىچىك لۇكاس قاتارلىقلار ھەممىسى ئۆز دۆلىتىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ مۇسابىقىگە قاتنىشالمايدۇ.
ھۇجۇمچى تەرەپتىن ئىپادىسى ياخشى بولمىغان روبىنھۇ ۋە پاتو قاتارلىق داڭلىق چولپانلارمۇ بۇ چوڭ تىزىملىكتىن ئورۇن ئالالمىغان.
بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ساھىبخانى بولغان بىرازىلىيە كوماندىسى A گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن بولۇپ، بۇ گۇرۇپپىدىكى رەقىبلىرى كىرودىيە، مېكسىكا، ۋە كامېرون قاتارلىقلار بار.بىرازىلەيەنىڭ تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسى بېيجىڭ ۋاقتى 6-ئاينىڭ 13-كۈنى سەھەر سائەت تۆتتە ئۆتكۈزۈلىدۇ.رەقىبى بولسا كىرودىيە.
بىرازىلىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ چوڭ تىزىملىكى تۆۋەندىكىچە:
ۋاراتار: سەسار (تورۇنتو FC كۇلۇبىدا ئوينايدۇ.) گېفسۇن (بوتافىگ كۇلۇبىدا ئوينايدۇ.) ۋىكتو (گېرىمىئو كۇلۇبىدا ئوينايدۇ.)
بېك: دانتې (بايرىن مىيۇنخىن كۇلۇبىدا ئوينايدۇ ). داۋىد لۇيىس (چېلسىي كۇلۇبىدا ئوينايدۇ ). ئېنرىك ( ناپولۇس كۇلۇبىدا ئوينايدۇ ) . دىياگو شىرۋا (پارىژ سانت گېرمان كۇلۇبىدا ئوينايدۇ ). مارسىلو ( خان مادرىد كۇلۇبىدا ئوينايدۇ ) . ماكسىۋېر( پارىژ سانت گېرمان كۇلۇبىدا ئوينايدۇ ). ئارۋىس( بارسېلونا كۇلۇبىدا ئوينايدۇ ) . مېكون (رىم كۇلۇبىدا ئوينايدۇ ).
ئوتتۇرا مەيدان: رامىرېس(چېلسىي كۇلۇبىدا ئوينايدۇ ) .ئېرنانىس ( ئىنتىر مىلان كۇلۇبىدا ئوينايدۇ ) . بولىنىئو ( توتىنھام نەشتەر كۇلۇبىدا ئوينايدۇ ) . ۋىليام (چېلسىي كۇلۇبىدا ئوينايدۇ ). فېرناندىنىئو ( مانچېستىر شەھىرى كۇلۇبىدا ئوينايدۇ ) . گۇستاف( فورفۇس قەلئەسى كۇلۇبىدا ئوينايدۇ ) . ئوسكار ( چېلسىي كۇلۇبىدا ئوينايدۇ ) . بونارد( دۇنىسىك كان ئىشچىلىرى كۇلۇبىدا ئوينايدۇ ).
ھۇجۇمچى: نېيمار (بارسېلونا كۇلۇبىدا ئوينايدۇ ). فېلىد( فىلومىنساي كۇلۇبىدا ئوينايدۇ ). خۇرك( سانت پىتىربورگ قەلئەسى جېنىت كۇلۇبىدا ئوينايدۇ ). رو ( مىنىرو رىقابەت كۇلۇبىدا ئوينايدۇ .)
پۇتبول تورى خەۋىرى، لەگلەك تورى تەرجىمىسى
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قوشىۋېلىڭ. ئىزدەش نامى :LEGLEK
![]() |
پۇتبولچىلار جەمئىيىتى لوڭقىسى 3-ئايلانما مۇسابىقىسى
مۇسابىقىلىشىدىغان كوماندا: شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى VS بېيجىڭ گوئەن
مۇسابىقە ۋاقتى: 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 11- ك...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved