سۈرەتتە: ئاۋستىرالىيەلىك سەنئەتكار مارىك پولېيىر (Mark Poulier) قەغەزدە رەسىم سىزدى ۋە قەغەز ئىستاكاندىن «پىسسا يانتۇ مۇنارى» ياساپ چىقتى.
ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 13-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ئاق رەڭلىك بىر قېتىم ئىشلىتىلىدىغان قەغەز ئىستاكاندا سۇ ۋە چاي ئىچكىلى بولغاندىن باشقا يەنە نېمە ئىش قىلغىلى بولىدۇ؟ ئاۋستىرالىيەلىك سەنئەتكار مارىك پولېيىر بۇنىڭ جاۋابىنى دەپ بېرىدۇ. يەنى قەغەز ئىستاكاننى ئۈستىمۇ-ئۈستى قىلىپ جۈپلەش ئارقىلىق «پىسسا يانتۇ مۇنارى» (Leaning Tower of Pisa) ياساپ چىققىلى بولىدۇ.
قەدىمكى رىم، مەدەنىيەت ئاقارتىش ۋە بارۇكۇئې (Baroque) قۇرۇلۇشىكى سائەت قاتارلىقلارنىڭ ئىلھامىدىن تولۇق پايدىلانغان مارىك پولېيىر قەغەز ئىستاكان ئارقىلىق، «پىسسا يانتۇ مۇنارى» ياساپ چىقتى.
ئۇ دائىم ئىشقا بېرىش جەريانىدا ئېلېكتىروۋۇزدا ئولتۇرۇپ ئەسەرلىرىنى پۈتتۈرىدۇ ھەمدە دەرھال ئالاقە تورى Instagram غا يوللاپ تورداشلار بىلەن ھەمبەھىرلىنىدۇ.
مارىك پولېيىر ئىزچىل تۈردە ئوخشاش بولمىغان ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىپ، ئوخشاش بولمىغان ئۇسۇلدا ھەر خىل قۇرۇلۇشلارنىڭ گۈزەللىكىنى نامايەن قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ھازىر ئۇ قەغەز ئىستاكان ۋە سىياھتىن پايدىلىنىپ قەدمقى رىم ئېلىشىش مەيدانىنى ياساپ چىقتى.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved