بۇ بىر ئادەتتىكى سەھەر ۋاقتى بولۇپ، قۇياش ئەمدىلا كۆتۈرۈلگەن، قارلىق تاغنىڭ ئەتراپىغا جايلاشقان كىچىك بازار مادايانىڭ ئاسمىنى يەنىلا سوغۇق ئىدى. بىر ئېغىر ئاياق ئايال ئورۇق قىزىنى يېتىلىگىنىچە ئوغرىلىقچە بازارنىڭ سىرتىغا قاراپ ئىتتىك-ئىتتىك قەدەملەر بىلەن كېتىۋاتاتتى. ئانا-بالا ئىككىيلەن بازارنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا كەلگەندە تۇيۇقسىز «گۇم» قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭلا بۇ ئىككىيلەن يەرگە يىقىلدى. يەرگە كۆمۈپ قويۇلغان مىنانىڭ غايەت زور پارتلاش ئاۋازى ئەتراپتىكى شىئە مەزھەپ ئاللاھ پارتىيەسىنىڭ قاراۋۇللىرىنى چۆچۈتۈۋەتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئاق-قارىنى ئايرىمايلا بىۋاسىتە ئاتا-بالا ئىككەيلەنگە قارتىپ ئوق چىقىرىپ سىيرىۋەتتى. ئانا-بالا ئىككىيلەن نەق مەيداندا قازا قىلدى، مادايانى قامال قىلىش سىزىقىدىن ئاتلاپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ ئاقىۋىتى ئادەتتە مۇشۇنداق بولاتتى. مادايالىقلار 2011-يىلى ھۆكۈمەتكە قارشى توپىلاڭقا قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار ھازىر چېكىۋاتقان ئازاب-ئوقۇبەتلەر بولسا بەشار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇلارغا بەرگەن جازاسى. سۈرىيە ئىنقىلابى مەزگىلىدە نۇرغۇنلىغان سۈرىيەلىكلەر قولىغا قورال ئېلىپ يۇرت ماكانىدىن ئايرىلىپ بەشار ئەسەد ھاكىمىيتىگە قارشى تۇرغان. ئارقىدىن ئىنقىلاب بارغانسىرى كۈچىيىىپ، بەشار ھۆكۈمىتى دۆلەت ئىچىدىكى ئۆكتىچى كۈچلەرنى باستۇرۇشنى مۇھىمنىڭ مۇھىمى قاتارىغا كىرگۈزگەن، باستۇرۇش دەرىجىسى ھەتتا IS ۋە بازا تەشكىلاتى كۈچلىرىنى باستۇرۇشتىنمۇ ئېغىر بولغان. ئۆتكەن يىلى 7-ئايدا شىئە مەزھەپ ئارمىيەسى ماداياغا ئىككى كىلومېتىر كېلىدىغان سابادان بازىرىنى كونترول قىلغان بولۇپ، مادايا بىلەن سىرتنىڭ ئالاقىسىنى پۈتۈنلەي ئۈزۈپ تاشلىغان. بەشار ھۆكۈمىتى بىر قىسىم ئۆكتىچى كۈچلەرنى ماداياغا بېرىپ ئولتۇراقلىشىشقا قىستىغان بولۇپ، 28 ياشلىق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى لۇئاي بىلەن ئۇنىڭ 52 ياشلىق ئاپىسى مۇشۇ يەرگە پالاندى قىلىنىپ ئاچارچىلىق بىلەن ھايات-ماماتنىڭ دەردىنى يەتكىچە تارتقان.
بۇلارنىڭ ئىچىدە لاجايىنىڭ ھېكايىسى بىر قەدەر ۋەكىل خاراكتېرگە ئىگە، لاجايى ئىلگىرى بىر ئوقۇتقۇچى بولۇپ، ئۇ مادايادىكى مەكتەپتە ئىنگىلىز تىلى ۋە ماتېماتىكا دەرسى بېرەتتى. 2011-يىلى ئۇ قېنى قىزىقلىق قىلىپ ھۆكۈمەتكە قارشى ئارمىيەگە قاتناشقان، لېكىن ناھايىتى تېزلا ھۆكۈمەت ئارمىيەسى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان، ھەمدە قاتتىق سوراققا تارتىلغاندىن كېيىن ماداياغا قايتۇرۇۋېتىلگەن. جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىكى ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە چىدىمىغانلىقتىن، ئۇ تېلېفون ئۇرۇپ تاراتقۇلاردىن ياردەم سوراپ: مەن بۈگۈن ئاخشام، پەقەت بۆلجۈرگەن يوپۇرمىقىلا يېدىم، مەن نورمال تاماق يەپ باقمىغىلى ئۈچ ئاي بولدى. بالىلارنىڭ ھەممىسى دەرەخ يوپۇرمىقى يەۋاتىدۇ، قېرىلار بىلەن ئۆسمۈرلەر تېزلا ئۆلۈپ قالاي دېدى، دېگەن.
بەشار ھاكىمىيىتى مادايانى قامال قىلىشنىڭ مەقسىتى پەقەت ئۆچ ئېلىشلا بولۇپ قالماستىن يەنە مادايانى بىرمۇ بىر قىيىن قىستاققا ئېلىپ، ئۆكتىچى كۈچلەر كونترول قىلغان جايلاردىكى شىئە مەزھىپى كىشىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش. بۇنداق ئەھۋالدا بارلىق مادايالىقلار ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ تۇتقۇنى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ تەقدىرى باشقىلار تەرىپىدىن كونترول قىلىنىپ تۇرىدۇ.
مادايا نۆۋەتتە ئەل ئىچىدىكى «دەۋزەخ» كە ئايلىنىپ قېلىۋاتقان بولۇپ، بارلىق كىشىلەر ئاچارچىلىقتا قېلىشتەك ھايات-ماماتلىق تەقدىرگە دۇچار بولغان. قامال قىلىشنىڭ داۋاملىشىشى ھەمدە غەرب كۈچلىرىنىڭ ئارىلىشىشىنىڭ مەغلۇب بولۇشىغا ئەگىشىپ، مادايالىقلار بارغانسېرى ئۈمىدنى ئۈزۈشكە باشلىغان. لاجايى مۇنداق دېدى: كىشىلەر بىزنىڭ ھېكايىمىزنى ئوقۇغاندا چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولىدۇ، لېكىن ئۇلار يەنە تېزلا بىزنىڭ ئازابىمىزنى ئۇنتۇپ قالىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved