جۇڭگو خەۋەر تورى خەۋىرى | لەگلەك تورى تەرجىمىسى: مەركىزى ھاۋارايى ئىستانسسى 10-ئاينىڭ 20-كۈنى ئەتتىگەن سائەت 6دىن باشلاپ داۋاملىق تۇمانلىق ھاۋارايىدىن سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.
مۆلچەرلىنىشىچە 20-چىسلا ئەتتىگەن سائەت 8تىن كەچ سائەت 20گىچە ،بېيجىڭنىڭ جەنۇبى،تىيەنجىن،خېبېينىڭ ئوتتۇرا جەنۇبى ،شەندوڭنىڭ غەربى شىمالى،سەنشىنىڭ ئوتتۇرا قىسمى،خېنەننىڭ شىمالى قىسمى،شەنشىنىڭ ئوتتۇرا قىسمى قاتارلىق جايلاردا ئوتتۇرا دەرىجىلىك تۇمانلىق ھاۋا بولىدىكەن.ئۇنىڭ ئىچىدە بېيجىڭنىڭ جەنۇبى قىسمى،تىيەنجىننىڭ غەربى قىسمى،خېبېينىڭ غەربى قىسمىدىكى تاغ باغرىنى بويلىغان جايلاردا ئېغىر دەرىجىدە تۇمانلىق ھاۋارايى بولىدىكەن.ئۇنىڭدىن باشقا 20-چىسلا يۇقىرىدىكى بىر قىسىم رايونلاردا قويۇق تۇمانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن،شۇ جايلاردا كۆرۈش ئارلىقى200 مىتىرغا يەتمەيدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved