ئىقتىسادشۇناسلار بىلىم ئامبىرى(EIU) يېقىندا، دۇنيادىكى 50 چوڭ شەھەرنىڭ 2015-يىلىدىكى بىخەتەر شەھەر كۆرسەتكۈچىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئالدىنقى ئۈچ ئورۇندىكى شەھەر ئاسىيادا ئىكەن. بۇ بىخەتەر شەھەر كۆرسەتكۈچى بويىچە تەكشۈرۈشتە، پۈتۈن دۇنيادىكى 50 چوڭ شەھەرنىڭ رەقەملىشىش بىخەتەرلىكى، ساغلاملىق بىخەتەرلىكى، ئاساسىي قۇرۇلۇش بىخەتەرلىكى ۋە شەخىسلەر بىخەتەرلىكىدىن ئىبارەت تۆت چوڭ ئامىل ئۈستىدە نۇقتىلىق ھالدا سېلىشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئاسىيا رايونىدىن بەش شەھەر بۇ تىزىملىككە كىرگەن. توكيو شەھىرى ئەڭ يۇقىرى نومۇر 85.63 بىلەن بىرىنچى، سىنگاپور شەھىرى 84.61 نومۇر بىلەن ئىككىنچى، ئوساكا شەھىرى ئۈچىنچى بولدى. شىياڭگاڭ 11-ئورۇننى، تەيبېي شەھىرى 13-ئورۇننى ئىگىلىدى. 2015-يىلىدىكى ئون چوڭ بىخەتەر شەھەرنىڭ تەرتىپى ئايرىم-ئايرىم ھالدا توكيو، سىنگاپور ، ئوساكا، ستوكھولم، ئامىستېردام، سېدنىي، سىيۇرىخ، تورۇنتو، مېلبۇرىن ۋە نيۇ يوركتىن ئىبارەت.
توكيو
سىنگاپور
ئوساكا
شىياڭگاڭ
تەيبېي
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved