ئىران فارىس تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 3- يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىران ئاۋىئاتىسيە بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىپى مەخسۇت سامانى ئىراننىڭ كەلگۈسى 10 يىلدا 600 دانە ئايروپىلان سېتىۋېلىشقا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئىلگىرىكى مۆلچەرىدىكى مىقداردىكىدىن 150 ئايروپىلان كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
سامانى يەنە مۇنداق دېگەن: « 2026 يىراق پىلان »ندا بەلگىلەنگەن نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئىران ئەڭ ئاز بولغاندا 580 دانە ئايروپىلان سېتىۋېلىشى كېرەك. ئاۋىئاتسىيە يولۇچى توشۇش ئېھتىياجى ۋە يېقىن كەلگۈسىدىكى ئاۋىئاتسىيە ترانسپورت ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن، بىر تۈركۈم ئايروپىلان سېتىۋېلىشىمىز زۆرۈر. نۆۋتتە ئىراندا ئاۋىئاتسىيە ترانسپورت مىقدارى ئومۇمىي ترانسپورت مىقدارىنىڭ %0.2 تىنى ئىگىلەيدۇ، بۇ ئاۋىئاتسىيە ترانسپورتىنىڭ كەلگۈسىدە ئىگىلەيدىغان سالمىقىنىڭ زور دەرىجىدە ئېشىپ، ئىقتىسادى تەرەققىيات ئېھتىياجىنى قاندۇرىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
رۇسىيەدىكى چوڭ تىپتىكى ئايروپىلان سېتىش سودىگىرى ئىراننى ئايروپىلان بىلەن تەمىنلەشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما تاراتقۇلارنىڭ ئىران خەلق ئاۋىئاتسىيە تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى مۇھەممەدنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر بېرىشىچە، دۆلەت ئىچى ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرى رۇسىيەنىڭ ئايروپىلانلىرىغا ئانچە قىزىقمايدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved