جاھان ئاگېنتلىقى 19-ئاپرېل خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: سۇرىيەدە ئۆكتىچىلەر دۆلەتنىڭ غەربى شىمالىدىكى لازكىيەنىڭ قىشلاقلىرىدىكى تۈركمەن تېغى رايۇنىدا شەنبە كۈنى ئاخشىمى سەنان ۋە ئازەر تۆپىلىكىنى كونترول قىلدى. ئەلجەزىرە مۇخبرى ئەمىر ئەبۇ خەلىلنىڭ ئېيتىشىچە، ئۆكتىچىلەر ھۆكۈمەت قىسىملىرى بىلەن شەنبە كۈنى تۈركمەن تېغىنىڭ نەبۇ مۇر رايۇنىدا بىر قانچە سائەت قاتتىق توقۇنۇشقان. ئۆكتىچىلەر بۇ قېتىملىق تۇقۇنۇشتا توپ ئوقى ۋە تانكا ئىشلەتكەن.
ئۆكتىچىلەردىن ئەركىن سۇرىيە ئارمىيسىنىڭ قۇماندانلىرىدىن بىرى، بۇ قېتىملىق توقۇنۇشلاردا 10 دىن كۆپ ھۆكۈمەت ئەسكىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ۋە تۈركمەن تېغىدا ئىككى تۆپىلىكنى كونترول قىلغانلىقىنى ئېيتتى. ئەركىن سۇرىيە ئارمىيىسى قۇماندانى، ھۆكۈمەت ئارمىيىسى ئىچىدە ئىراق ۋە لىۋانلىق شىئە ئۇنسۇرلىرىنىڭ بارلىقىنى، ئۇلارنىڭ «45 تۆپىلىكى» تەرەپكە قاراپ چېكىنگەنلىكىنى ۋە توقۇنۇشلارنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، توقۇنۇشتا سۇرىيە ئارمىيسىگە تەۋە بىر تانكا ۋە بىر قانچە ھەربىي ماشىنىنى ۋەيران قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۆكتىچىلەر مەزكۇر رايۇندا كەڭ دائىردە ئىلگىرلىگەندىن كېيىن ھۆكۈمەتكە تەۋە ئۇرۇش ئايرۇپىلانلىرى تۈركمەن تېغىدىكى يېزىلارغا 13 دانە ۋارىل بومبىسى تاشلىغان، ۋە بىر قىسىم ئۆيلەر ۋەيران بولغان. ئۆكتىچىلەرنىڭ قولىدىكى سەنان ۋە ئازەر تۆپىلىكى ئون كۈن ئىلگىرى ھۆكۈمەت قسىىملىرىنىڭ كونتروللىقىدا ئىدى.
لازكىيەگە قاراشلىق تۈركمەن تېغى رايۇنىدا 21-مارتتىن بۇيان ئۆكتىچىلەر بىلەن ھۆكۈمەت قىسىملىرى ئارىىسدا يۈز بېرىۋاتقان قاتتىق توقۇنۇشلار داۋاملىشىۋاتىدۇ. مۇخبىرنىڭ ئېيتىشىچە، ھۆكۈمەت قىسىملىرى ھاۋادىن ۋە قۇرۇقلۇقتىن تاغلىق رايۇنلاردىكى ئۆكتىچى نىشانلىرىغا زەربە بەرمەكتە.
ئۆكتىچىلەر 45 كىلومىتىر يىراقلىقتىكى ھۆكۈمەتكە ئائىت بىر ساقچىخانىغا نۇرغۇن قېتىم ھۇجۇم قىلدى، لازكىيەگە كىرىش ئۈچۈن تاغلىق رايۇندىكى بۇ ساقچىخانىنى قولغا كىرگۈزۈش زۆرۈر، چۈنكى ھۆكۈمەت قىسىملىرىغا بو نوقتىدىن ھەربىي ئەشيا ۋە يىمەكلىك يەتكۈزۈلىدۇ. ھۆكۈمەت تەرەپ ئىستراتىگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان تۆپىلىكلەرنى قايتىدىن كونترول قىلىش ئۈچۈن قۇرۇقلۇقتىن ھۇجۇم قوزغىدى. تۆپىلىكنىڭ باغرىدىن ئۆتىدىغان ۋە لازكىيەنىڭ ئاق دېڭىز ساھىلىغا تۇتىشىدىغان قۇرۇقلۇق يولىنىڭ كونتروللىقى ھازىرمۇ ئۆكتىچىلەرنىڭ قولىدا.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved