بەيدۇ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .
بىر ئايلىق ماشىنا ئادەم ئۇسۇل كۆرگەزمىسى 14-ماي رۇسىيىنىڭ پايتەختى موسكۋادا ئېچىلدى . ئامېرىكا ،كانادا ،ئەنگلىيە ،كورىيە ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ 20 نەچچە ماشىنا ئادىمى ماھارەت كۆرسەتتى .
كۆرگەزمىنىڭ نامى ‹ ماشىنا ئادەم ئۇسۇل كۆرگەزمىسى ›.كۆرگەزمىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى ناخشا ئېيتىپ ئۇسۇل ئوينىيالايدىغان ماشىنا ئادەملەر كىشىلەرنى ناھايىتى جەلىپ قىلدى . تەيتان ئىسىملىك ماشىنا ئادەم تاماشىبىنلارغا كۈلدۈرگە ئورۇنلاپ بېرىشنى ،ئۇسۇل ئويناشنى ياخشى كۆرەتتى .
بىراق ئۇنىڭ ئەڭ زور ئارتۇقچىلىقى يەنىلا ناخشا ئېيتىش .بولۇپمۇ مودا ناخشىلارنى ئېيتىشنى ياخشى كۆرىدۇ ،ئەنگىلىيىنىڭ تەسبىھ ناملىق ماشنا ئادىمى ئوخشاشلا ناخشا ئېيتىپ ئۇسۇل ئوينىيالايدۇ ،دىرىژورلۇق قىلالايدۇ ،سېھىرگەرلىك قىلالايدۇ .
يەنە بىر نەچچە چەتئەل تىلىنى بىلىدۇ . كورىيەنىڭ يەر سۈپۈرىدىغان ماشىنا ئادىمىمۇ تازىلىق قىلغاندىن باشقا ئادەم سانى كۆپ بولسا ئۇسۇلنى تەشكىللىيەلەيدۇ . پىنگىۋېنغا ئوخشايدىغان بىر ماشىنا ئادەم بۇ كۆرگەزمىدە پەيدا بولغان بۇلۇپ ،ئۇنى رۇسىيە ئۆزى ياسىغان .ئۇ نۆۋەتتە پەقەت ئادەملەر بىلەن ئادەتتىكى پاراڭلارنى قىلالايدۇ .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved